UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىمۈگدىگەك چاشقان

مۈگدىگەك چاشقان

ھايۋاناتلار دۇنياسى مۈگدىگەك چاشقان ئۇيقۇغا ئامراق بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئۇ ھەر ۋاقىت مۈگدەپ تۇرىدۇ، ۋاراڭ - چۇرۇڭ بولۇۋاتسىمۇ ئۇخلاۋېرىدۇ. مۈگدىگەك چاشقاننىڭ قىشلىق ئۇيقۇ مەزگىلى بەك ئۇزۇن. ياۋروپاغا تارقالغان بىر خىل مۈگدىگەك چاشقان بىر يىل ئىچىدە يەتتە ئاي قىشلىق ئۇيقۇدا ياتىدۇ. ئۇخلىغاندا يېمەيدۇ، ھەرىكەت قىلمايدۇ، نەپەسلىنىشى ئاساسەن دېگۈدەك توختايدۇ. تېنى قېتىپ قېلىپ سىرتتىكى ھەرقانداق ئاۋاز ئۇلارنى ئويغىتالمايدۇ. مۈگدىگەك چاشقاننىڭ تۇرقى تىيىنغا ناھايىتى ئوخشايدۇ، جۇغى كىچىك، ئېغىرلىقى ئاران30 ~100 گرام كېلىدۇ. پۇتلىرى قىسقا، تېنىنىڭ ئارقىسىدا تۈكلۈك بىر ئۇزۇن قۇيرۇقى سۆرۈلۈپ تۇرىدۇ؛ تىرناقلىرى ئەگرى بولۇپ، دەرەخقە يامىشىشقا ماھىر، ئادەتتە ئورمان، چاتقاللىقلاردا ياشايدۇ، قۇرۇق مېۋە، ئۇرۇقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ھەر يىلى ياز پەسلىدە كۆپىيىش مەزگىلىگە كىرىدۇ. مۈگدىگەك چاشقان گەرچە ئۇيقۇغا ئامراق بولسىمۇ، لېكىن بىر يۈرۈش قېچىپ قۇتۇلۇش ماھارىتى بار. ئەگەر ئۇنىڭ كۈشەندىسى قۇيرۇقىنى تۇتۇۋالسا، تېزلا سىرتقى قەۋەت قۇيرۇق تېرىسىنى تاشلىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۈشەندىسى ئاران ئازراق تېرىگىلا ئېرىشىدۇ، ئۆزى بولسا بىمالال قېچىپ كېتىدۇ. مۈگدىگەك چاشقان ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ۋە سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا تارقالغان.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى