UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىسەدەپ قۇلۇلىسى

سەدەپ قۇلۇلىسى

ھايۋاناتلار دۇنياسى «بىگىز تۇمشۇق بىلەن سەدەپدار ئۆزئارا جەڭ قىلسا، بېلىقچى پايدا ئاپتۇ» دەيدىغان ھېكايە بار. ھېكايىدە بىر ئۇزۇن تۇمشۇق سۇ قۇشى قېپىنى ئېچىپ تۇرغان سەدەپ قۇلۇلىسىنىڭ گۆشىنى يېمەكچى بولغاندا سەدەپ قۇلۇلىسى ئۇنىڭ تۇمشۇقىنى قىسىۋېلىپ قويۇپ بەرمىگەنلىكى، ئاخىرىدا ئۇلارنى بېلىقچى تۇتۇۋالغانلىقى سۆزلىنىدۇ. سەدەپ قۇلۇلىسى سۇ قۇشىنىڭ تۇمشۇقىنى قىسىپ تۇتۇۋېلىشتا تامامەن قاتتىق، ئېچىلىپ يېپىلالايدىغان ئىككى قاناتلىق قېپىغا تايىنىدۇ. سەدەپ قۇلۇلىسى تاتلىق سۇدا ياشايدىغان بىر خىل قاپچۇقلۇق ھايۋان بولۇپ، تېنى يۇمشاق، بېشى يوق، ئاغزىمۇ بىرتال يېرىقچىدىنلا ئىبارەت. لېكىن، ئۇنىڭ پۇتى ناھايىتى ئالاھىدە بولۇپ، شەكلى پالتىغا ئوخشايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پالتىسىمان پۇت دەپ ئاتىلىدۇ. پالتىسىمان پۇت سەدەپ قۇلۇلىسىنىڭ ھەرىكەت ئەزاسى بولۇپ، لاي ئۈستىدە ئاستا - ئاستا ئالدىغا قاراپ سىلجىيالايدۇ. پالتىسىمان پۇتى لاي - قۇملارنىمۇ كولىيالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن سەدەپ قۇلۇلىسى پاتقاق ئىچىگە كىرىپ ياشىيالايدۇ. سەدەپ قۇلۇلىسىنىڭ ئىككى قاپچۇقى ئارىسىدا، ئىچكى ئەزالىرىنىڭ سىرتقى تەرىپىدە ناھايىتى نېپىز، يۇمشاق قوغداش كىيىمى بار بولۇپ، سىرتقى قاپچۇق پەردىسى (چىغىناق پەردىسى) دەپ ئاتىلىدۇ. سەدەپ قۇلۇلىسىنىڭ قاپچۇقى ئاشۇ پەردىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىشى بىلەن شەكىللەنگەن. قاپچۇقى سىرتىدىن ئىچىگە قاراپ ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ، ئەڭ سىرتىدىكىسى قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋىتى؛ ئوتتۇرىسى بولسا قېلىن ھاك ماددىلىق قەۋىتى؛ ئىچكى قەۋىتى بولسا پارقىراپ تۇرىدىغان مەرۋايىت قەۋىتى. قاپچۇقى دۈمبە تەرىپىدىكى ئېلاستىكلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە مۈڭگۈز ماددىلىق سىڭىرنىڭ ياردىمى بىلەن ئېچىلىپ - يېپىلىدۇ. تېنىنىڭ ئالدى - كەينىدە بىر باغلامدىن مۇسكۇلى بار بولۇپ، قاپچۇقى بىلەن تۇتىشىدۇ، مۇسكۇل قىسقارغاندا قاپچۇقى يېپىلىدۇ، شۇڭا قاپچۇق ياپقۇچى مۇسكۇل دەپ ئاتىلىدۇ. سەدەپ قۇلۇلىسى ئەركەك، چىشى دەپ ئايرىلىدۇ. لېكىن، شەكىل جەھەتتىكى پەرق ئانچە زور بولمايدۇ. باھارنىڭ ئاخىرلىرى ۋە يازنىڭ باشلىرىدا نەسىل قالدۇرۇشقا باشلايدۇ. ئەركەك سەدەپدار ئىسپېرمىلىرىنى سۇغا چىقىرىدۇ، ئىسپېرما سۇ ئېقىمىغا ئەگىشىپ سىرتقى قاپچۇق پەردىسىدىن ئۆزگەرگەن سۇ كىرگۈزۈش نەيچىسى ئارقىلىق چىشى سەدەپدارنىڭ نەپەسلىنىش رولىنى ئۆتەيدىغان گۈل بەرگىسىمان ژابرالىرى ئارىسىغا كىرىپ، چىشى سەدەپدار تۇغقان تۇخۇم بىلەن قوشۇلۇپ ئۇرۇقلىنىدۇ. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ژابرا (ساقاق) ئىچىدە تەدرىجىي يېتىلىپ لىچىنكىغا ئايلىنىدۇ. لىچىنكىسىنىڭ ئىككى كىچىك قاپچۇقى بولىدۇ، قاپچۇقنىڭ قورساق گىرۋىكىدە ئىلمىكى ، تېنىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا يەنە بىر تال ئۇزۇن قامچا تۈكسىمان يىپى بولىدۇ، ئۇ ئىلمەكلىك لىچىنكا دەپ ئاتىلىدۇ. ئىلمەكلىك لىچىنكا يېتىلگەندىن كېيىن، ئانا تېنىدىن ئايرىلىپ، بېلىقلارغا ئۇچراپ قالسا پۇت يىپى ۋە كىچىك ئىلمىكى ئارقىلىق بېلىقنىڭ ژابراسى ياكى ئۈزگۈچىسىگە ئىلمەك سېلىپ يېپىشىۋالىدۇ. بېلىقنىڭ ئىلمەكلىك لىچىنكىنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغان قىسمىدىكى توقۇلمىسى چوڭىيىپ ئۆسۈپ بىر خالتا شەكىللىنىپ لىچىنكىنى ئىچىگە ئېلىۋالىدۇ. لىچىنكا بېلىقنىڭ تېنىدىن ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈپ پارازىت ياشايدۇ. ھالەت ئۆزگەرتىپ كىچىك سەدەپ قۇلۇلىسىگە ئايلانغاندا ئاندىن خالتىدىن چىقىپ سۇ ئاستىغا چۈشۈپ، ئەركىن ياشايدىغان سەدەپ قۇلۇلىسىگە ئايلىنىدۇ. سەدەپ قۇلۇلىسى مەرۋايىت ئانىسى بولۇپ، سىرتتىكى قۇم ياكى پارازىت قۇرتقا ئوخشاش يات نەرسىلەر سىرتقى قاپچۇق پەردىسى بىلەن مەرۋايىت قەۋىتىنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ، سىرتقى قاپچۇق پەردىسىنى غىدىقلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن مەرۋايىت ماددىسى ئاجرىلىپ چىقىپ، قۇم دانچىسى ياكى پارازىت قۇرتلارنى ئورىۋېلىپ تەبىئىي مەرۋايىتنى ھاسىل قىلىدۇ. سۈنئىي مەرۋايىت ئېلىشتىمۇ مۇشۇ پرىنسىپتىن پايدىلانغان، يەنى بەزى سەدەپدارنىڭ سىرتقى پەردە قاپچۇقىنى ئۇششاق پارچىلاپ، يات نەرسە ئورنىدا باشقا بىر سەدەپ قۇلۇلىسىنىڭ ئىچىگە كۆچۈرۈپ مەرۋايىت ھاسىل قىلغۇزۇلىدۇ. دۆلىتىمىزدە مەرۋايىت يېتىلدۈرىدىغان سەدەپ قۇلۇلىسىدىن (خىرىئوپس قۇلۇلىسى) ئۈچ بۇرجەكلىك يەلكەنسىمان سەدەپ قۇلۇلىسى ۋە كرىستارىيە قۇلۇلىسى (پۈرمە تاجلىق سەدەپدار) قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى