چۇسا
ھايۋاناتلار دۇنياسى
چۇسا ئادەم قېنىنى شوراپ ياشايدىغان پارازىت (تەييارتاپ) قۇرت، ئۇنىڭ ھاياتى يېتىلگەن قۇرت، نىمفا (ئارا لىچىنكا) ۋە تۇخۇمدىن ئىبارەت ئۈچ مەزگىلنى بېسىپ ئۆتىدۇ. نىمفانىڭ قورساق قىسمىنىڭ دۈمبە تەرىپىدە ياكى يېتىلگەن قۇرتنىڭ باش قىسمىنىڭ قورساق تەرىپىدە بىر جۈپ يېرىم ئاي شەكىللىك سېسىق سۇيۇقلۇق بېزى بار بولۇپ، ئالاھىدە سېسىق پۇرىقى بار بىر خىل ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، شۇڭا سېسىقلىقتا نام چىقارغان.
چۇسا ئادەتتە توپلىشىپ ياشايدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق خالىي ئورۇندىن كۆپلەپ توپلىشىۋالغان چۇسىلارنى بايقىغىلى بولىدۇ. مەيلى نىمفا بولسۇن ياكى ئەركەك، چىشى يېتىلگەن قۇرت بولسۇن، ھەممىسى كېچىسى ئوغرىلىقچە چىقىپ سانجىپ شورىغۇچى ئېغىز ئاپپاراتى ئارقىلىق ئادەم قېنىنى شورايدۇ، ئادەم قېنىنى تاپالمىسا ئۆي توشقىنى، ئاق چاشقان ۋە توخۇنىڭ قېنىنى شورايدۇ. چۇسا قاننى ناھايىتى تېز شورايدۇ،5 ~10 مىنۇت ئىچىدە شوراپ تويىدۇ. ئادەمنى چۇسا چاققاندىن كېيىن تېرىسى قىچىشىدۇ، تېرىسى سەزگۈر ئادەمنى چاقسا كۆرۈنەرلىك غىدىقلىنىش رېئاكسىيىسى يۈز بېرىپ، جاراھەت ئېغىزى قىزىرىپ ئىششىيدۇ، ناھايىتى قىچىشىدۇ. قاشلاپ يارا قىلىۋەتسە باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يېتىلگەن قۇرت يوشۇرۇنغان ئورنىدا چېتىشقاندىن كېيىن تۇخۇمىنى تامغا، كارىۋاتنىڭ يوچۇقلىرىغا تۇغىدۇ. ئادەتتە ھەر قېتىمدا بىردىن بىرقانچىغىچە تۇخۇم تۇغىدۇ. جەمئىي سانى100 −200 گە يېتىدۇ. چۇسا قىش كۈنلىرى قان شوراشتىن ۋە تۇخۇم تۇغۇشتىن توختايدۇ. نىمفالار قانغا ئېرىشەلمىسە30 كۈندىن ئارتۇق ياشايدۇ، يېتىلگەن قۇرت قانغا ئېرىشەلمىسە6 −7 ئاي ياشىيالايدۇ.
چۇسىنىڭ دۇنيا بويىچە تەخمىنەن74 تۈرى بار. لېكىن، ئادەم قېنىنى شورايدىغانلىرىدىن پەقەت مۆتىدىل بەلۋاغ چۇسىسى ۋە تروپىك بەلۋاغ چۇسىسىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرى بار. دۆلىتىمىزدە مۆتىدىل بەلۋاغ چۇسىسى جەنۇب - شىمالنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان، تروپىك بەلۋاغ چۇسىسى پەقەتلا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا تارقىلىدۇ. ھەر ئىككىسى ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سالىدىغان زىيانلىق قۇرت. چۇسىنى يوقىتىشتا قايناقسۇدا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش، ئاپتاپقا قاقلاش، دورا چېچىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ.