ئاق چۈمۈلە ۋە چاچلىق قۇرت
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ئاق چۈمۈلە ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك ھاشارات، ئۇلارنىڭ كوللېكتىپىدىكى ئەزالارنىڭ سانى ئاز بولغاندا1000 ، كۆپ بولغاندا1 مىليوندىن ئاشىدۇ،ئەزالار ئوتتۇرىسىدىكى ئىش تەقسىماتى ئېنىق، ھەرقايسىسى ئۆز ۋەزىپىسىگە مەسئۇل.
ئەگەر ئاق چۈمۈلىنىڭ تۇرمۇشىنى تەپسىلىي كۆزەتسەك بىر قىزىقارلىق ھادىسىنى بايقىغىلى بولىدۇ، يەنى تۇخۇمدىن يېڭى چىققان ئاق چۈمۈلە تۇغما قابىلىيىتىگە تايىنىپ باشقا ئاق چۈمۈلىنىڭ مەقئىتىنى يالايدۇ.
ئاق چۈمۈلە ياغاچ يەيدۇ، لېكىن ياغاچتىكى ياغاچ تالالىرىنى ھەزىم قىلالمايدۇ، ياغاچ تالالىرىنى ھەزىم قىلىشقا ئۇنىڭ ئۈچىيىدە پارازىت ياشايدىغان چاچلىق قۇرت دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل قامچا تۈكلۈك قۇرت ياردەم بېرىدۇ. چاچلىق قۇرت سېللۇلوزىنى ھەزىم قىلىدىغان بىر خىل ئېنزىم ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئاق چۈمۈلىنىڭ ئۈچىيىدە بۇ خىل چاچلىق قۇرت بولمىسا سېللۇلوزىنى كۆپ يېگەن بىلەنمۇ ھەزىم قىلالماي، ئاخىر ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. چاچلىق قۇرت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاق چۈمۈلىنىڭ ئۈچىيىگە يوشۇرۇنۇۋېلىش ھەقىقەتەنمۇ بىخەتەر بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاق چۈمۈلىنىڭ ئۈچىيىدە ئۇلارنىڭ پارچىلاپ پايدىلىنىشىغا تېگىشلىك سېللۇلوزا مول بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاق چۈمۈلە بىلەن چاچلىق قۇرتنىڭ ھېچقايسىسى بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ.
ئاق چۈمۈلە ھەر قېتىم ئۈچىيىنىڭ ئېپىتېلىيىسىنى ئالماشتۇرغاندا، چاچلىق قۇرت خالتىلىق سپورا ھاسىل قىلىۋالىدۇ، تۇخۇمدىن يېڭى چىققان ئاق چۈمۈلىنىڭ ئۈچىيىدە چاچلىق قۇرت بولمايدۇ، پەقەت باشقا ئاق چۈمۈلىنىڭ مەقئىتىنى يالىغاندىلا ئاندىن چاچلىق قۇرتنىڭ خالتىلىق سپورىسىنى يۇتۇۋېلىپ ئۆزىگە ئېھتىياجلىق بولغان چاچلىق قۇرتقا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاق چۈمۈلە كوللېكتىپ بولۇپ ياشىشى كېرەك، ئۇنداق بولمىسا چاچلىق قۇرتقا ئېرىشەلمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئاق چۈمۈلە بىلەن چاچلىق قۇرت بىر - بىرىگە تايىنىپ ياشايدۇ، بۇ خىل مۇناسىۋەت ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاقلىشىپ ياشاش دەپ ئاتىلىدۇ.