قارلىغاچ
ھايۋاناتلار دۇنياسى
قارلىغاچ باھار بىلەن تەڭ كېلىپ، كۈزدە يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىدۇ، بۇ ھەر يىلى مۇشۇنداق تەكرارلىنىدۇ.
قارلىغاچ يازلىق كۆچمەنقۇش بولۇپ ھەر يىلى ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىشنىڭ ئالدى - كەينىدە، دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىغا تارقىلىپ كۆپىيىدۇ. كەچ كۈزدە يەنە توپ - توپ بولۇپ جەنۇبقا قاراپ كۆچۈپ ھىندىستان، جەنۇبتىكى تاقىم ئاراللار ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلارغا بېرىپ قىشلايدۇ. قارلىغاچ كۆپىنچە كېچىسى كۆچىدۇ، بولۇپمۇ ئايدىڭ كېچىلەردە تېخىمۇ ئېگىز، تېخىمۇ تېز ئۇچىدۇ. كۈندۈزى يەر يۈزىگە قونۇپ، ئوزۇقلۇق ئىزدەپ دەم ئالىدۇ، كېچىسى داۋاملىق ئۇچىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، مەيلى قانچە يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتمىسۇن، ھەر يىلى ئۆزىنىڭ كونا تۇرالغۇسىغا قايتىپ كېلەلەيدۇ، ئۇچۇش لىنىيىسىنىمۇ ئاساسەن ئۆزگەرتمەيدۇ.
قارلىغاچنىڭ ئۆز ماكانىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى بىرىنچى ۋەزىپىسى ئەركەك - چىشى قارلىغاچلار بىرلىكتە »ئائىلە« قۇرۇش بولۇپ، ياكى كونا ئۇۋىسىنى رېمونت قىلىدۇ ۋە ياكى يېڭى ئۇۋا ياسايدۇ. ئۇلار ئۈزلۈكسىز تۈردە لاي، ئوت - چۆپ غولى، پەي قاتارلىقلارنى يىغىپ كېلىپ، شۆلگىيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئۆيلەرنىڭ لەمپىسى ياكى لىملارغا بىر - بىرلەپ سەپلەپ تىزىپ يېرىم قاچا شەكىللىك ئۇۋا ياساپ چىقىدۇ، ئاندىن كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرىدۇ. ئەگەر قارلىغاچنىڭ ئۇۋىسىنى قۇشقاچ ئىگىلىۋالسا، قارلىغاچ بىر توپ ھەمراھلىرىنى باشلاپ كېلىپ قۇشقاچ بىلەن «ئېلىشىپ» قۇشقاچنى قوغلىۋېتىدۇ ياكى لاي، ئوت - چۆپلەرنى يىغىپ كېلىپ ئۇۋا ئاغزىنى ئېتىۋېتىپ، قۇشقاچنى ئۇۋىغا دەپنە قىلىۋېتىدۇ.
قارلىغاچنىڭ تېنى يەڭگىل، ئۆزى چاققان، ئىككى قانىتى تار ئۇزۇن، ئۇچۇۋاتقاندا خۇددى ئورغاققا ئوخشايدۇ، ئوقيادەك تېز ئۇچىدۇ. قارلىغاچ ھاشارات تۇتۇش ماھىرى بولۇپ ئىنسانلارنىڭ دوستى.
تۇخۇمدىن يېڭى چىققان قارلىغاچ بالىسىنىڭ تۈكلىرى سېرىق، ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ، كۆزلىرىنى يۇمۇۋېلىپ، ئەتىگەندىن كەچكىچە ئاغزىنى چوڭ ئېچىپ يېمەكلىك تىلەيدۇ. ئاتا - ئانىسى ئۇلارنى بېقىش ئۈچۈن ئالدىراشلىق بىلەن دەممۇدەم سىرتقا چىقىپ يېمەكلىك تۇتۇپ كېلىدۇ. كۆزىتىلىشىچە، بىر ئۇۋىدىكى قارلىغاچ بالىلىرى چوڭ بولۇش جەريانىدا250 مىڭ ئەتراپىدا ھاشارات يەيدىكەن.
كۈز كەلگەندە قارلىغاچ بالىسى چوڭ بولىدۇ. ھاۋامۇ سوۋۇشقا باشلايدۇ، قارلىغاچلار چوڭ بولغان بالىلىرىنى يېتەكلەپ جەنۇبقا قىشلاش ئۈچۈن كېتىدۇ.