سىياھبېلىق
ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىياھبېلىق (كاراكاتسىيە) دۆلىتىمىزنىڭ تۆت چوڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى (چوڭ سېرىق گوربىل بېلىقى، كىچىك سېرىق گوربىل بېلىقى، تاسما بېلىق، سىياھبېلىق) نىڭ بىرى. ئۇ دېڭىزدا بېلىققا ئوخشاش تېز سۈرئەتتە ئۈزۈپلا قالماستىن، ئۇنىڭدا يەنە «ئىس - تۈتەك» قويۇپ بېرىدىغان ئاجايىپ ماھارەتمۇ بار. سىياھبېلىقنىڭ تېنىدە بىر سىياھ خالتىسى بار، خالتا ئىچىدە تەبىئىي سىياھ ئاجرىتىپ چىقىرالايدىغان سىياھ بەزلىرى بولىدۇ، دۈشمىنىگە يولۇققاندا ياكى جىددىي خەۋپ يۈز بەرگەندە سىياھ خالتىسى قىسقىرىپ، سىياھ پۈركۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دېڭىز سۈيىنى بىردەمدىلا قارا ئىس - تۈتەك قاپلاپ كېتىپ، قاپقاراڭغۇ بولۇپ كېتىدۇ - دە، ئۆزى شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كېتىدۇ. ئۇ يەنە سىياھتىكى زەھەرلىك ماددا (توكسىن) بىلەن كىچىك ھايۋانلارنى بىھوش قىلىدۇ، شۇڭا سىياھبېلىق دەپ نام ئالغان. ئەمەلىيەتتە، سىياھبېلىق بېلىق بولماستىن، بەلكى يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلارنىڭ پۇشتى.
يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلار ئىچىدە سىياھبېلىق جەسۇر سەركەردە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تېنى رېزىنكە خالتىغا ئوخشاش بولۇپ، ئىچكى ئەزالىرى خالتىغا ئورىلىپ تۇرىدۇ. تېنىنىڭ ئىككى يان تەرىپىدە گۆشلۈك ئۈزگۈچىسى بار بولۇپ، سۇ ئۈزۈش ۋە تېنىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. بېشى بىرقەدەر قىسقا، ئىككى يېنىدا تەرەققىي قىلغان كۆزلىرى بار. ئاغزى بېشىنىڭ چوققىسىغا جايلاشقان، ئېغىز بوشلۇقىدا مۈڭگۈز ماددىلىق تاڭلىيى بار بولۇپ، يېمەكلىكلەرنى چىشلەپ پارچىلىيالايدۇ. سىياھبېلىقنىڭ پۇتلىرى بېشىنىڭ چوققىسىغا جايلىشىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن باش پۇتلۇقلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بېشىنىڭ چوققىسىدىكى10 تال پۇتى ئىچىدە سەككىز تېلى بىرقەدەر قىسقا، ئىچكى يېنىدا قويۇق شورىغۇچى تەخسىلىرى بولىدۇ، ئۇلار بېغىشى دەپ ئاتىلىدۇ؛ قالغان ئىككى تېلىنىڭ ھەرىكىتى ئەپچىل، بىرقەدەر ئۇزۇن بولۇپ، سېزىش بېغىشى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ پەقەت ئۇچىنىڭ ئىچكى يان تەرىپىدىلا شورىغۇچى تەخسىلىرى بولىدۇ. بېغىش بىلەن سېزىش بېغىشى سىياھبېلىقنىڭ يېمەكلىك تۇتىدىغان ۋە جەڭ قىلىدىغان قورالى بولۇپ، كىچىك، ئاجىز ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدۇ، دېڭىزدىكى غايەت زور مەخلۇق بولغان كىتمۇ ئون نەچچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چوڭ سىياھبېلىققا يولۇقۇپ قالسا ئۇنىڭغا ئاسانلىقچە تاقابىل تۇرالمايدۇ.
سىياھبېلىق باش قىسمىنىڭ قورساق تەرىپىدە يەنە بىر ۋارونكا بار بولۇپ، ئۇ كۆپىيىش ئېغىزى، چىقىرىۋېتىش ئېغىزى ۋە سىياھنىڭ چىقىش ئېغىزى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى سىياھبېلىقنىڭ مۇھىم ھەرىكەت قىلىش ئەزاسىدۇر. سىياھبېلىقنىڭ تېنى قىسقارغاندا خالتىسىمان تېنىدىكى سۇ ۋارونكا ئېغىزىدىن تېز سۈرئەتتە ئېتىلىپ چىقىدۇ، سىياھبېلىق سۇنىڭ ئەكس تەسىر كۈچىگە تايىنىپ خۇددى ئوقيا ئېتىلغاندەك تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەيدۇ. ۋارونكا دائىم ئالدى تەرەپكە قاراپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، سىياھبېلىق ھەرىكەت قىلغاندا ئومۇمەن ئارقىغا چېكىنىدۇ.
سىياھبېلىق تېنىنىڭ ئالاھىدە تۈزۈلۈشى ئۇنى تېز سۈرئەتتە ئۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلغان. بۇ خىل سۇ ئۈزۈش ئۇسۇلىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، سىياھبېلىقنىڭ قېپى ئۇزۇن يىللىق تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا تەدرىجىي رودىمېنتلىشىپ تېرىسى ئىچىگە تامامەن كۆمۈلۈپ قالغان، فۇنكسىيىسىمۇ ئەسلىدىكى قوغداشتىن تىرەپ تۇرۇشقا ئۆزگەرگەن. سىياھبېلىقنىڭ قېپى «كۆپۈكى دەريا» دەپ ئاتىلىپ، دورا قىلىنىدۇ.
سىياھبېلىق يىراق ئوكيانلاردىكى چوڭقۇر سۇدا ياشايدۇ، ھەر يىلى باھاردا كۆپىيىش پەسلىدە سۈيى چوڭقۇر دېڭىزدىن سۈيى تېيىز بولغان دېڭىز ياقىسىغا كېلىپ تۇخۇم تۇغىدۇ، بۇ خىل ھادىسە كۆپىيىش ئۈچۈن كۆچۈش دەپ ئاتىلىدۇ، سىياھبېلىقلار تۇخۇم تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن يېقىن دېڭىزدا زور تۈركۈملەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.