UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىبېلىق بىلەن ئاكۇلا

بېلىق بىلەن ئاكۇلا

ھايۋاناتلار دۇنياسى تەبىئىتى ۋەھشىي ئاكۇلا ئادەتتە دېڭىزنىڭ ئوتتۇرا - ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ھەرىكەت قىلىدۇ، بىر قېتىمدا بىرقانچە ئون تال كىچىك بېلىقنى يۇتۇۋېتەلەيدۇ، ئۆزىدىن خېلىلا چوڭ بېلىقلارنى ياكى باشقا ھايۋانلارنى چىشلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ ياكى يەۋېتىدۇ، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ «دېڭىزدىكى ئالۋاستى» ھېسابلىنىدۇ. ھەيران قالارلىق يېرى، ئۇ ئۆزىنىڭ يېنىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمايدىغان كىچىك ھەمراھى − يول باشلىغۇچى بېلىقنى ھەرگىز يېمەيدۇ. يول باشلىغۇچى بېلىق ئاكۇلانىڭ ئەتراپىدا ئۇياقتىن - بۇياققا ئۈزۈپ يۈرىدۇ، ھەرىكىتى ھەم چاققان، ھەم تېز، ئاكۇلادىن ھەرگىزمۇ قورقمايدۇ. يول باشلىغۇچى بېلىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاران30 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، دۈمبىسى كۆك، قورسىقى ئاق، ئىككى يېنىدا بويىغا سوزۇلغان قارا بەلۋاغلىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاكۇلا بىلەن مۇناسىۋىتى ئىنتايىن دوستانە، ئاكۇلا ھەر قېتىم ئوۋغا چىققاندا، ئۇلار خۇددى قوغدىغۇچىلار ئەترىتىگە ئوخشاش ئاكۇلانىڭ ئارقىدىن يېقىن ئەگىشىپ ئۇنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى بىرمۇبىر دورايدۇ. يول باشلىغۇچى بېلىق بەزىدە ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىپ ئەھۋالنى چارلاپ بولۇپ، ھايال قالمايلا ئۆز ئورنىغا قايتىپ كېلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى بىر قەدەممۇ ئايرىلمايدۇ، دېسە بولىدۇ. ئاكۇلا ئۆزىنىڭ بۇ كىچىك ھەمراھلىرىغا ھەرگىز چېقىلمايدۇ، تېخى يەپ ئېشىپ قالغان يېمەكلىكلىرىنى ئۇلارغا «ئىئانە» قىلىۋېتىدۇ. خەتەرگە يولۇققاندا ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئاغزىغا كىرىپ يوشۇرۇنۇۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. بەزىلەر، ئاكۇلانىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ناچار بولغانلىقتىن، يول باشلىغۇچى بېلىقنىڭ ئۇنىڭ ئوڭ - سول يېنىدا مۇھاپىزەت قىلىشىنى باشقا بىر تۈردىكى بۇ ھەمراھىنىڭ ئوۋ ئىزدەشكە ياردەم بېرىشى ئۈچۈندۇر، دەپ قارىغان. لېكىن، ھازىر بەزىلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئاكۇلانىڭ سېزىش ئەزالىرى ناھايىتى مۇكەممەل ئىكەن، شۇڭا يول باشلىغۇچى بېلىقنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئاكۇلانىڭ تېرىسىنى تازىلاپ قويۇش بولسا كېرەك، دەپ قارالماقتا. يول باشلىغۇچى بېلىق بولسا بۇ دوستىنىڭ ھەيۋىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى قوغدايدۇ ھەمدە بەلگىلىك يېمەكلىك كاپالىتىگە ئىگە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
بېلىق بىلەن ئاكۇلا | UyghurWiki | UyghurWiki