UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىشەرقىي شىمال يولۋىسى

شەرقىي شىمال يولۋىسى

ھايۋاناتلار دۇنياسى جۇڭگو دۇنيا بويىچە يولۋاس ئەڭ كۆپ ياشايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، شەرقىي شىمال يولۋىسى، جەنۇبىي جۇڭگو يولۋىسى ۋە بېنگال يولۋىسى قاتارلىقلار بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە شەرقىي شىمال يولۋىسى ئەڭ قىممەتلىك ھېسابلىنىدۇ. شەرقىي شىمال يولۋىسى ئاساسەن دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كىچىك ھىنگان تاغلىرى ۋە چاڭبەيشەن تېغى رايونىغا تارقالغان. ئۇنىڭ تېنى مەزمۇت، ھەرىكىتى چەبدەس، مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى1 مېتىردىن ئارتۇق، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى8 .2 مېتىر ئەتراپىدا، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن1 مېتىر كېلىدۇ، تېنىنىڭ ئېغىرلىقى350 كىلوگرام چىقىدۇ، ئۇنىڭ «ئورمان پادىشاھى» دېگەن نامى بار. شەرقىي شىمال يولۋىسىنىڭ يۇڭىنىڭ رەڭگى ئوچۇق، چىرايلىق، تىرناقلىرى ۋە چىشلىرى پىچاقتەك ئۆتكۈر، تىرنىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى6 سانتىمېتىر، قوزۇق چىشىنىڭ ئۇزۇنلۇقى10 سانتىمېتىر بولۇپ، ئۇلار ئوۋنى تىتىپ بۆسۈپ يېيىشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان «ۋىلكا - پىچاقلىرى» ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ياشاشتا تايىنىدىغان كۈچلۈك قورالى ھېسابلىنىدۇ. شەرقىي شىمال يولۋىسى ئوۋ تۇتۇشتا كۆپىنچە يوشۇرۇنۇپ ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. ئۇ چاتقاللىق ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋېلىپ، نىشان يېقىنلاشقان ھامان ئېتىلىپ چىقىپ، ئوۋنى بېسىۋالىدۇ ياكى ئوۋنىڭ بوينى ۋە تۇمشۇقىنى ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن قاماللىۋېلىپ، ئوۋنىڭ بېشىنى تولغاپ ئۈزۈۋېتىدۇ ۋە ياكى ئۆتكۈر چىشلىرى بىلەن ئوۋنىڭ كانىيىنى چىشلەپ ئۈزۈۋېتىدۇ؛ ياكى ئالىقىنى بىلەن ئوۋنىڭ بويۇن ئومۇرتقا سۆڭىكىگە كۈچەپ بىرنى ئۇرۇپ يىقىتىپ، ئاندىن ئالدىرىماي يەيدۇ. شەرقىي شىمال يولۋىسى ئادەتتە دېڭىز يۈزىدىن600 ~1300 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئېگىز تاغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان بەلۋېغىدا ياكى ئوت - چۆپلەر ئارىسىدا ياشايدۇ، ئاساسەن ياۋا چوشقا، قارا بۇغا ۋە جۇر (ئېلىك) قاتارلىقلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. كۈندۈزلىرى دەرەخلىك ئارىسىدا ئۇخلاپ ياتىدۇ. كەچتە ياكى تاڭ ئېتىشقا يېقىن چىقىپ ئوۋ ئوۋلايدۇ، پائالىيەت دائىرىسى60 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. شەرقىي شىمال يولۋىسى بىر يىلنىڭ كۆپ ۋاقىتلىرىدا يالغۇز ئۇيان - بۇيان لاغايلاپ يۈرىدۇ، تۇراقلىق ئولتۇراق ماكانى بولمايدۇ. پەقەت قىشنىڭ ئاخىرى، باھارنىڭ باشلىرىدا كۈيلەش مەزگىلىدە ئەركەك يولۋاس ئۇۋا ياساپ چىشى يولۋاسنى كۈتۈۋالىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئەركەك يولۋاس خوشلاشمايلا كېتىپ قالىدۇ، بالا تۇغۇش، ئېمىتىش، بېقىش ۋەزىپىلىرىنى تامامەن چىشى يولۋاسقا ئىتتىرىپ قويىدۇ. چىشى يولۋاسنىڭ بوغاز بولۇش ۋاقتى تەخمىنەن ئۈچ ئاي، كۆپىنچە باھار بىلەن ياز ئارىلىقىدا ياكى ياز پەسلىدە تۇغىدۇ. ھەر قېتىمدا2 ~4 نى تۇغىدۇ. چىشى يولۋاس بالىسىنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن مىجەزى ئىنتايىن ۋەھشىيلىشىپ، سەزگۈرلىشىپ كېتىدۇ. ئۇ ئوزۇقلۇق ئىزدەش ئۈچۈن سىرتقا چىققاندا، بالىلىرىنى باشقىلارنىڭ بايقاپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئېھتىيات بىلەن يوشۇرۇپ قويىدۇ. ئۇۋىسىغا قايتىشتا كەلگەن يولى بىلەن ماڭماي تاغدىكى تاشلارنى بويلاپ سىيرىلىپ چۈشۈپ، ھېچقانداق ئىز قالدۇرمايدۇ. ئانا يولۋاس بالىسى سەل چوڭ بولغاندا بالىسىغا ئوۋ ئوۋلاش ماھارىتىنى ئۆگىتىدۇ. بىر - ئىككى يىلدىن كېيىن بالا يولۋاس مۇستەقىل ياشىيالايدىغان بولىدۇ. شەرقىي شىمال يولۋىسىنىڭ ئۆمرى ئومۇمەن28 يىل ئەتراپىدا بولىدۇ. كىشىلەر دائىم: «يولۋاس توغرىسىدا گەپ بولسا ئادەمنىڭ چىرايى ئۆزگىرىدۇ»، «يولۋاسقا قارىسا ئادەم شۈركىنىدۇ» دەيدۇ. كىشىلەرنىڭ قەلبىدە يولۋاس خەتەرلىك ھەم ۋەھشىي ھايۋان، دەپ تونۇلۇپ كەلگەن. لېكىن، شەرقىي شىمال يولۋىسى نورمال ئەھۋالدا ئوڭايلىقچە ئادەم ۋە چارۋىلارغا زىيان سالمايدۇ، بەلكى ئورمانغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ياۋا چوشقا، جۇر قاتارلىقلارنى ئوۋلاش ماھىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۆرە بىلەن زادى چىقىشالمايدۇ. شەرقىي شىمال يولۋىسى ئوزۇقلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن بۆرىنى دائىم ئۆزىنىڭ پائالىيەت رايونىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. شەرقىي شىماللىقلار دالىغا چىققاندا يولۋاسقا يولۇقۇپ قېلىشتىن قورقماستىن، ئادەم يەيدىغان بۆرىگە يولۇقۇپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىدۇ. كىشىلەر شەرقىي شىمال يولۋىسىنى ماختاپ «ئورماننىڭ قوغدىغۇچىسى» دەپ نام بەرگەن.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
شەرقىي شىمال يولۋىسى | UyghurWiki | UyghurWiki