قارا ئېيىق
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ھەر يىلى9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن11 - ئايغىچە قارا ئېيىق چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىپ قىشلىق ئۇيقۇ ئۈچۈن يېتەرلىك ئېنېرگىيىنى زاپاس ساقلىۋالىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ پەس تاغدىن دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1800 مېتىر كېلىدىغان ئېگىز تاغقا يۆتكىلىپ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، ئاساسلىقى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى يۇقىرى بولغان بەللۇت (دۇب مېۋىسى) ۋە باشقا قاتتىق مېۋىلەرنى يەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا يەنە ھەر خىل دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى، مەسىلەن، كۆممىقوناق، بەرەڭگە (ياڭيۇ) قاتارلىقلارنى ئوغرىلاپ يەيدۇ. بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ سۇ مىقدارى بىرقەدەر تۆۋەن بولغانلىقتىن، قارا ئېيىق دائىم ئۇسساپ تۇرىدۇ، شۇڭا تېنىدىكى سۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن سۇ ئىچىشكە توغرا كېلىدۇ. يەپ، ئىچىپ بولغاندىن كېيىن قۇرغاق دەرەخ كامېرى ياكى تاغ ئۆڭكۈرىگە كىرىۋېلىپ قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىدۇ. ھەر يىلى11 - ئايدىن ئىككىنچى يىلى3 - ئايغىچە ئۇنىڭ قىشلىق ئۇخلاش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ.
قارا ئېيىق ئۇخلاش مەزگىلىدە يېمەي، ئىچمەي، پەقەت تېنىدىكى ماينى سەرپ قىلىپ ھاياتىنى ساقلايدۇ. ئۇ يەنە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ، سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قەرەللىك ھالدا ئويغىنىپ سىرتقا چىقىپ ئاپتاپقا قاقلىنىدۇ. قىشلىق ئۇخلاش جەريانىدا ئانا ئېيىق تېخى بالا تۇغۇپ بالا بېقىشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى ئۆز زىممىسىگە ئالىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان ئېيىق بالىسىنىڭ ئېغىرلىقى ئاران500 گرام چىقىدۇ، بىر يىل ئەتراپىدا ئېمىتىپ باققاندىن كېيىن ئاندىن مۇستەقىل ياشايدۇ.
قىشلىق ئۇيقۇدىن كېيىنكى قارا ئېيىقنىڭ تېنىدىكى ماي زور مىقداردا خوراپ، بەدەن ئېغىرلىقى يەڭگىللەپ كېتىدۇ، شۇڭا كۆپ مىقداردا ئېنېرگىيە تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قارا ئېيىق كۆپىنچە پەس ئورۇنلارغا چۈشۈپ ئايلىنىپ يۈرۈپ كۆپ مىقداردا ھەر خىل سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنى يەيدۇ. قارا ئېيىقنىڭ ئىشتىھاسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن% 47 ئەتراپىدىكى ۋاقتىنى ئوزۇقلۇق يېيىشكە سەرپ قىلىدۇ. ئادەتتە كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىپ، كېچىسى ئۇخلايدۇ، پەقەت يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرى چۈش مەزگىلىدىلا، قارا ئېيىق چوڭ - چوڭ تاشلارنىڭ تۈۋى ياكى قويۇق ئورماندىكى شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان دەرەخ ئۈستىدە مۈگدىۋالىدۇ. قارا ئېيىق كۈز پەسلى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ئوغرىلاپ يېيىش مەزگىلىدىلا كېچىسى چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ.
قارا ئېيىق ئۆسۈملۈك خاراكتېرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىپ ئارىلاش ئوزۇقلىنىدىغان ھايۋان بولۇپ، يەنە ھەسەل، چۈمۈلە، چاشقان، قۇش تۇخۇمى، قۇش بالىلىرى قاتارلىقلارنىمۇ يەيدۇ. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە پەسىل خاراكتېرلىك زىيان سالىدۇ، تاغلىق رايونلاردىكى ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىقىغىمۇ بەلگىلىك زىيان سالىدۇ.
قارا ئېيىقنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى يۇڭى تۇم قارا، پەقەت بۇرنى ۋە تۇمشۇقىنىڭ يۇڭلىرى سېرىق بولىدۇ، كۆكرىكىنىڭ ئالدىدا «V» شەكىللىك ئاق داغ بەلۋېغى بار بولۇپ، بۇ باشقا ئېيىقلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان مۇھىم بەلگىسىدۇر. ئۇنىڭ تېنى چوڭ بولسىمۇ، كېلەڭسىز ئەمەس. ئۇ، سۇ ئۈزۈشنى، دەرەخقە چىقىشنى بىلىپلا قالماستىن، يەنە ئادەمگە ئوخشاش ئۆرە تۇرۇپ ماڭالايدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ناھايىتى ناچار بولۇپ، «قارىغۇ ئېيىق» دېگەن نامى بار، لېكىن ئاڭلاش سېزىمى بىلەن پۇراش سېزىمى ئالاھىدە ئۆتكۈر بولۇپ، كۆپىنچە پۇراش سېزىمىگە تايىنىپ قايسى خىل ئوۋ ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلەيدۇ.
قارا ئېيىقنىڭ مىجەزى غەلىتە بولۇپ، كۆپىنچە يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ. ئادەتتە ئادەمگە سەۋەبسىز ھۇجۇم قىلمايدۇ، پەقەت يارىلىنىپ قالغان ياكى بالىسىغا قاراۋاتقان چاغدىلا ھەددى - ھېسابسىز ۋەھشىيلىشىپ كېتىپ سەۋەبسىزلا ھۇجۇم قىلىدۇ.
قارا ئېيىق ئاساسەن ھىمالايا تاغ سىستېمىسى، ھىندىچىنى يېرىم ئارىلى، جۇڭگو، ياپونىيە ۋە سىبىرىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى تۇمشۇقى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. قارا ئېيىقنىڭ دۆلىتىمىزدە بەش كەنجى تۈرى بار. ماسلىشىش خۇسۇسىيىتى ناھايىتى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، دۆلىتىمىزگە كەڭ تارقالغان، لېكىن سانى كۆپ ئەمەس.