دېڭىز پىلى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ھايۋانات دۇنياسىدا كۆپىنچە كۈچلۈكلىرى پادىشاھ بولىدۇ، بولۇپمۇ جۈپلىشىش ئۇسۇلىدا، كۈچلۈكلىرى جورىغا ئېرىشىپ، ئاجىزلىرى بويتاق قالىدۇ، دېڭىز پىلىمۇ شۇنداق.
دېڭىز پىلى (مورىژ) چېتىشىش مەزگىلىدە مۇقەررەر تۈردە ھايات - ماماتلىق ئېلىشىدۇ. بىر ئەركەك دېڭىز پىلى كۆپىنچە كۆپلىگەن چىشى دېڭىز پىلىنى ئىگىلىۋالىدۇ ھەمدە دېڭىز ساھىلىدا ئۆزىنىڭ زېمىنىنى قۇرىدۇ. باشقا دېڭىز پىلى بۆسۈپ كىرسە ئۇلار ئۇزۇن چىشلىرى ۋە كۈچلۈك بوينى بىلەن ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىشىدۇ، كۆپىنچە ھەر ئىككىسى يارىلىنىدۇ، غەلىبە قىلغۇچى مەغلۇپ بولغۇچىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. شۇڭا كۈيلەش مەزگىلىدە ئەركەك دېڭىز پىلىنىڭ تېنى جاراھەتلىنىپ كېتىدۇ.
ھەر يىلى3 −4 - ئايلاردا ئانا دېڭىز پىللىرى دېڭىز ساھىلىغا توپلىشىپ بالا تۇغۇپ بېقىشقا باشلايدۇ، ھەر قېتىمدا بىرنى تۇغىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىسىنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى1 مېتىر ئەتراپىدا، ئېغىرلىقى40 كىلوگرام چىقىدۇ، تۈكلىرى شالاڭ. دېڭىز پىلىنىڭ بوغاز بولۇش مەزگىلى ۋە سۈت ئەمگۈزۈش مەزگىلى بىر يىلغا يېتىدۇ. ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىسى ئانىسىدىن دەرھال ئايرىلىپ كەتمەي، ئانىسىغا ئەگىشىپ يەنە بىر مەزگىل ياشايدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، بالا دېڭىز پىلىنىڭ چىشلىرى ئۆلچەمگە يەتمىگەچكە، قۇرامىغا يەتكەن دېڭىز پىلىغا ئوخشاش نورمال ئوزۇقلۇق تۇتالمايدۇ. ئانا دېڭىز پىلى بالىسىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ ھەم بەك ئاسرايدۇ، خەۋپكە يولۇققاندا ئانا - بالا ئىككىسى بىر - بىرىنى مەھكەم قۇچاقلىۋالىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن بالا دېڭىز پىلىنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى5 .2 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئېغىرلىقى500 كىلوگرامغا يېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئانا دېڭىز پىلىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل ياشاشقا باشلايدۇ. ئانا دېڭىز پىلى يەنە بىر قېتىملىق نەسىللىنىشنى باشلايدۇ.
دېڭىز پىلى5 −6 يىلدا يېتىلىدۇ، ئۆمرى تەخمىنەن30 يىل ئەتراپىدا. بىر قۇرامىغا يەتكەن ئەركەك دېڭىز پىلىنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى7 .3 مېتىر، ئېغىرلىقى1500 كىلوگرام چىقىدۇ؛ چىشىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى3 مېتىر، ئېغىرلىقى900 كىلوگرام چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ تېنى چوڭ، سېمىز، كانايسىمان، بىر جۈپ ئۇزۇن چىشى بار بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى75 ~96 سانتىمېتىر چىقىدۇ.
دېڭىز پىلى كلاپان (ژابرالىقلار) تۈرىدىكى يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلارنى ئوزۇق قىلىدۇ. ئۇ دائىم دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ، چىشىنى لايغا تىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، ئاندىن ئالدى پۇتى بىلەن يىغىپ پارچىلاپ ئېزىدۇ. ئۇنىڭ ئىشتىھاسى ناھايىتى ياخشى، ئاشقازىنى55 كىلوگرام يېمەكلىكنى سىغدۇرالايدۇ. دېڭىز پىلى ئۇخلاشقا ئامراق، ئۆمرىنىڭ كۆپ ۋاقتىنى مۇز ئۈستىدە يېتىپ ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار بىر خىل ئۇرۇقداشلىق شەكلىدە توپلىشىپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن.
دېڭىز پىلى شىمالىي قۇتۇپ ۋە سۇب شىمالىي قۇتۇپ رايونلىرىنىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى سۈيى تېيىز جايلاردا ياشايدۇ. ئۇلار شىمالىي قۇتۇپتىكى ئەتىۋارلىق ھايۋان بولۇپ، ئىقتىسادىي قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى.