دەرەخ خالتىلىق ئېيىقى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
دەرەخ خالتىلىق ئېيىقى ئاۋسترالىيىگە تارقالغان دەرەختە ياشايدىغان قىممەتلىك، ئىپتىدائىي ھايۋان بولۇپ، خالتىلىق سۈت ئەمگۈچىلەرگە تەۋە. ئۇنىڭ مىجەزى ياۋاش، تۇرقى ئوماق، قىياپىتى خۇددى كىچىك ئېيىققا ئوخشايدۇ، بىر جۈپ قۇلىقى چوڭ، بۇرنى ياپىلاق، قۇيرۇقى بولمايدۇ، تېنى بىر قەۋەت قويۇق قوڭۇر قىسقا تۈكلەر بىلەن قاپلانغان، كۆكرەك قىسمى، قورساق قىسمى، پۇتلىرىنىڭ ئىچكى تەرىپى ۋە قۇلىقىنىڭ ئىچىدىكى تۈكلىرى ئاقۇچ كۈل رەڭ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن80 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى15 كىلوگرام ئۆپچۆرىسىدە. پۇتلىرى توم، مەزمۇت، تىرناقلىرى ئۆتكۈر بولۇپ، دەرەخقە چىقىشقا ماھىر، كۈن بويى دەرەخنى ماكان قىلىدۇ، ئۇخلىغاندىمۇ دەرەختىن چۈشمەيدۇ. دەرەخ خالتىلىق ئېيىقى ئېۋكالىپىت دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقىدىن يېتەرلىك سۇغا ئېرىشىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئادەتتە كەمدىن - كەم سۇ ئىچىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يەرلىك كىشىلەر ئۇنى كۋاس دېيىشتىكى سەۋەب «سۇ ئىچمەيدۇ» دېگەنلىك بولىدىكەن.
دەرەخ خالتىلىق ئېيىقى كۈندۈزى تۈگۈلۈۋېلىپ ئېۋكالىپىت دەرىخىدە دەم ئالىدۇ، كېچىسى چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. دەرەخ شېخىنى بويلاپ چىقىپ - چۈشۈپ، ئېۋكالىپىت يوپۇرمىقى بىلەن قورساق تويغۇزىدۇ. ئۇنىڭ ئىشتىھاسى ناھايىتى ياخشى، لېكىن ئوزۇقلىنىش دائىرىسى تار بولۇپ، ئېۋكالىپىت يوپۇرمىقىدىن باشقا نەرسە يېمەيدۇ. ئاۋسترالىيىدە گەرچە300 خىلدىن ئارتۇق ئېۋكالىپىت دەرىخى بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاران12 تۈرىنى يەيدۇ. ئۇ، روزا ئېۋكالىپىتى (قىزىل ئېۋكالىپىت)، ماننو ئېۋكالىپىتى ۋە چىپار ئېۋكالىپىت قاتارلىقلارنىڭ يوپۇرمىقىنى ئەڭ ياخشى كۆرۈپ يەيدۇ. بىر قۇرامىغا يەتكەن دەرەخ خالتىلىق ئېيىقى بىر كۈندە1 كىلوگرام ئۆپچۆرىسىدە ئېۋكالىپىت يوپۇرمىقىنى يەيدۇ. ئېۋكالىپىت يوپۇرمىقىنىڭ سۈيى كۆپ، تەمى مەززىلىك، تەركىبىدە سىنىئول ۋە ئانىسىك تېرپىن (ئارومادېندرېن) بولىدۇ، شۇڭا دەرەخ خالتىلىق ئېيىقىنىڭ تېنىدىن بىر خىل خۇشبۇي پۇرايدىغان ئېۋكالىپىتنىڭ خۇشبۇي پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ.
ھەر يىلى ياز پەسلى دەرەخ خالتىلىق ئېيىقىنىڭ چېتىشىش مەزگىلى بولۇپ، چىشى خالتىلىق ئېيىق بىر ئاي بوغاز بولغاندىن كېيىن تۇغىدۇ، ھەر قېتىمدا ئاران بىرنى تۇغىدۇ، كەمدىن - كەم قوشكېزەك تۇغىدۇ. بالا دەرەخ خالتىلىق ئېيىقى يېڭى تۇغۇلغاندا تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاران2 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، خۇددى بىر ئۆمىلىگۈچى قۇرتقا ئوخشايدۇ. لېكىن، ئانىسىنىڭ قورساق قىسمىدىكى بالا يېتىلدۈرۈش خالتىسىغا كىرىۋېلىپ، سۈتىنى شورايدۇ.5 −6 ئايدىن كېيىن، بالا دەرەخ خالتىلىق ئېيىقىنىڭ بالىسىنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى16 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، لېكىن يەنىلا ئانىسىدىن ئايرىلالمايدۇ، بىر ياشقا توشقاندا ئاندىن ئايرىلىشقا قىيمىغان ھالدا ئانىسىدىن ئايرىلىپ، سىرتتا مۇستەقىل ياشاشقا باشلايدۇ. دەرەخ خالتىلىق ئېيىقىنىڭ ئۆمرى ئومۇمەن12 يىل ئەتراپىدا بولىدۇ.