تاغ زۈلۈكى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
تاغ زۈلۈكى قۇرۇق يەر زۈلۈكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھايۋانلار تاكسىنومىيىسىدە سازاڭ بىلەن بىللە ھالقا بوغۇملۇق ھايۋانلارغا تەۋە بولىدۇ. تاغ زۈلۈكى دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى نەم تاغلىق رايونلاردىكى چۆپلۈكلەرگە ياكى بامبۇكزارلىقلارغا تارقالغان بولۇپ، تاغلىق يەر ئورمانلىقلىرىدىكى «قان شورىغۇچى ئالۋاستى» دۇر.
تاغ زۈلۈكىنىڭ تېنى27 بوغۇمغا بۆلۈنىدۇ، بېشىدا ۋە قۇيرۇقىدا بىردىن شورىغۇچى تەخسىسى بولىدۇ. ئالدى تەرەپتىكى شورىغۇچى تەخسىسىنىڭ مەركىزىدە ئاغزى بولىدۇ، ئاغزىدا ئۈچ دانە گۆشلۈك تاڭلىيى بار بولۇپ، «Y» شەكلىدە جايلىشىدۇ. ھەربىر گۆشلۈك تاڭلىيىنىڭ ئۈستىدە بويىغا بىر قاتار بولۇپ تىزىلغان ئۇششاق چىشلىرى بولىدۇ. ئادەم ياكى ھايۋانلار ئورماندا ماڭغاندا، پاچىقىغا تۇيدۇرماستىن چاپلىشىۋېلىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يول توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلىدۇ. ئۇ ئىككى شورىغۇچى تەخسىسى بىلەن تېرىگە مەھكەم يېپىشىۋېلىپ، ئاغزىدىكى تاڭلىيى بىلەن تېرىنى چىشلەپ «Y» شەكىللىك يارا ئېغىزى ئېچىپ، قان شورايدۇ. تاغ زۈلۈكى ئاغزىدىن قاننىڭ ئۇيۇشىغا قارشى ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىپ قاندىكى قان پلاستىنكىلىرىنىڭ قان ئۇيۇتۇش فۇنكسىيىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، تاغ زۈلۈكى چاققان جاراھەت ئېغىزىدىن قان توختىماي ئېقىۋېرىدۇ. دوختۇرخانىلاردا دوختۇرلار مۇشۇ ئالاھىدىلىكتىن پايدىلىنىپ تاغ زۈلۈكى ياكى باشقا زۈلۈكلەر ئارقىلىق بىمارلارنىڭ مەلۇم جايىدا قان تۇرۇپ قېلىش كېسىلىنى داۋالايدۇ.
يۇقىرىقىدىن باشقا يەنە سۇدا ياشايدىغان سۇ زۈلۈكى، قان شورايدىغان مېدىتسىنا زۈلۈكى ۋە كالا زۈلۈكى، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ نەپەس يولىدا پارازىت ياشايدىغان بۇرۇن زۈلۈكى، بېلىقلارغا ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان بېلىق زۈلۈكى قاتارلىقلار بار.زۈلۈكلەر گەرچە زىيانلىق ھايۋان بولسىمۇ، لېكىن سۇ زۈلۈكى ھاۋا رايىدىن دەل، توغرا مەلۇمات بېرەلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ سۇدىكى ئوكسىگېننىڭ كەمچىللىكىگە ئىنتايىن سەزگۈر كېلىدۇ. يامغۇر يېغىشتىن بۇرۇن ھاۋا بېسىمى تۆۋەن، نەملىك يۇقىرى بولۇپ، سۇدا ئوكسىگېن يېتىشمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن سۇ زۈلۈكىنىڭ نەپەسلىنىشى قىيىنلىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا سۇ زۈلۈكى سۇدا خاتىرجەمسىزلىنىپ يۇمىلىنىپ، تولغىنىپ بوران - چاپقۇنلۇق يامغۇرنىڭ يېغىش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىدۇ.