تومۇزغا
ھايۋاناتلار دۇنياسى
جۇڭگو ۋە چەت ئەلدە قەدىمدىن تارتىپ كىشىلەر تومۇزغىنى زىيانداش ھاشارات دەپ قارىمايتتى، بۇ بەلكىم ئۇنىڭ سايرىغان ئاۋازىنىلا ئاڭلاپ، قىلىقىغا قارىماي ئالدانغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن.
ئاۋازىنى ئاڭلاپ قىلىقىغىمۇ قارىغاندا ئۇ زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ باش قىسمىنىڭ قورساق تەرىپىدە بىر ئۇزۇن تۇمشۇقى بار بولۇپ، ئۇنى دەرەخ شېخىغا سانجىپ كىرگۈزۈپ شىرنىسىنى شورايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە چىشى تومۇزغا تۇخۇم سېلىش ۋاقتىدا يەنە قوۋزاقنى سىزىپ دەرەخنى جاراھەتلەندۈرىدۇ، كىشىلەر ياز كۈنلىرى سۆگەت، تېرەك، قارىياغاچ قاتارلىق دەرەخلەرنىڭ ياپيېشىل دەرەخ باراقسىنىدىكى بەزى شاخلىرىنىڭ سارغىيىپ قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ، بۇ تومۇزغىنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ.
تومۇزغا يۇقىرى ئاۋازدا سايرايدۇ، لېكىن ئۇ سايراشتا ئاغزىنىمۇ، بوغۇزىنىمۇ ئىشلەتمەيدۇ، بەلكى قانىتىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئىچى كاۋاك قورساق بوشلۇقىدىكى «ئورغاق» قا ئوخشايدىغان بىر جۈپ «چالغۇ ئەسۋابى» نى ئىشلىتىدۇ. سايراش ئاۋازى تېنىدىكى نېرۋىلاردىن چىققان توك ئېقىمىنىڭ قورساق بوشلۇقىدىكى داپ پەردىنىڭ سايراش مۇسكۇللىرىنى غىدىقلاپ، ئۇلارنىڭ قىسقىراش - بوشىشىش چاستوتىسىنى سېكۇنتىغا10 مىڭ قېتىمغا يەتكۈزۈپ تەۋرىتىش نەتىجىسىدە چىقىدۇ. سايراش تومۇزغىنىڭ جورا ئىزدەش ۋاسىتىسى. سايرايدىغانلىرى ئەركەك تومۇزغا، چىشى تومۇزغا «گاچا» بولىدۇ.
چىشى تومۇزغا تۇخۇم تۇغۇشتا تۇخۇم تۇغۇش ئاپپاراتى بىلەن دەرەخ شېخىدىن قاتار - قاتار تۇخۇم ئۇۋىلىرىنى تېشىپ ئېچىپ، ئىچىگە تۇخۇم سالىدۇ. ھاشاراتلار ئىچىدە تومۇزغىنىڭ لىچىنكىسىنىڭ ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن بولىدۇ. مەسىلەن، قارا قانات تومۇزغىنىڭ لىچىنكىسى تۇپراقتا12 −13 يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ يىل ياشىغاندىن كېيىن ئاندىن يېتىلگەن تومۇزغىغا ئايلىنىدۇ. باھاردا ھاۋا ئىسسىپ گۈل - چېچەكلەر ئېچىلغاندا تومۇزغىنىڭ لىچىنكىلىرى تۇپراقنىڭ ئۈستى قەۋىتىگە تەدرىجىي يۆتكىلىپ، دەرەخ يىلتىزىنىڭ شىرنىسىنى شوراپ دەرەخقە زىيان سالىدۇ. بالا تومۇزغا تۇپراقتىن چىقىپ، دەرەخ ئاساسىي غولىغا يامىشىدۇ، تاشقى قاسىرىقى دۈمبە قىسمىنىڭ مەركىزىي قىسمىدىن يېرىلغاندىن كېيىن، بالا تومۇزغا قاسىرىقىنى يېرىپ چىقىپ، تەدرىجىي يېتىلىپ، دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئۇچىغا يامىشىپ چىقىدۇ.