چۇڭئەن تىكەنلىك چارپاقىسى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ۋۇيىشەن تېغىدا چارپاقىغا ناھايىتى ئوخشايدىغان بىر خىل تىكەنلىك پاقا ياشايدۇ، ۋۇيىشەن تېغى چۇڭئەن ناھىيىسىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە بولغانلىقتىن چۇڭئەن تىكەنلىك چارپاقىسى (ۋىبرىسسافورا پاقىسى) دەپ نام بېرىلگەن.
چۇڭئەن تىكەنلىك چارپاقىسىنىڭ بەزى ئاجايىپ غەلىتە ئالاھىدىلىكلىرى بار. بىرىنچىدىن، ئۇنىڭ بېشىدىكى مۈڭگۈزسىمان تىكىنى غەلىتە. ئادەتتىكى پاقىلارنىڭ تېرىسى سىلىق بولۇپ، شىلىمشىق ماددىسى مول، تېنىدە تىكىنى بولمايدۇ، لېكىن ئەركەك تىكەنلىك چارپاقىنىڭ ئۈستۈنكى تاڭلىيىنىڭ ئىككى يېنىدا1 ~4 تەڭ بولمىغان قارا، بىگىز شەكىللىك، مۈڭگۈز ماددىلىق قاتتىق ھەم ئۆتكۈر تىكەنلىرى بولىدۇ؛ چىشىسىنىڭ تاڭلىيىنىڭ ئىككى يېنىدا بىردىن ناھايىتى كىچىك مۈڭگۈز ماددىلىق تىكىنى بولىدۇ، ئۇ كۆپىنچە ئەھۋالدا تۇخۇم تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن چۈشۈپ كېتىپ، بىر سېرىق رەڭلىك ئىز شەكىللىنىپ قالىدۇ. بۇ خىل پاقىنىڭ بېشىدا تىكىنى بولغانلىقتىن «مۈڭگۈزلۈك مەخلۇق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭ كۆزىمۇ غەلىتە، كۆزىنىڭ رەڭگى ئىككى خىل بولۇپ، كۆز ئالمىسىنىڭ ئۈستۈنكى يېرىمى سارغۇچ يېشىل، ئاستىنقى يېرىمى توق كۆك رەڭلىك؛ كۆز قارىچۇقى ئۇزۇنىسىغا تۈز تۇرىدۇ. يورۇقلۇقنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىغا قاراپ كىچىكلەيدۇ ياكى چوڭىيىدۇ، كۈچلۈك يورۇقلۇقتا كۆز قارىچۇقى كىچىكلەپ، خۇددى چۈش مەزگىلىدىكى مۈشۈكنىڭ كۆزىگە ئوخشاش بويىغا سوزۇلۇپ بىر سىزىقچىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئۇنىڭ تۇخۇم تۇغۇپ قۇمچاقلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋاقتى تېخىمۇ غەلىتە. كۆپ ساندىكى پاقىلار دائىم ياز پەسلىدە تۇخۇم تۇغۇپ ئەۋلاد قالدۇرىدۇ، قىش پەسلىدە ئۇخلايدۇ، ئەمما چۇڭئەن تىكەنلىك چارپاقىسى قىش پەسلىدە تۇخۇم تۇغىدۇ. ھەر يىلى باش قىشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى كەچ كۈز مەزگىلىدە تىكەنلىك چارپاقىلار «ۋاق، ۋاق» قىلىپ كۇركىرايدۇ. بۇ، ئەركەك پاقىنىڭ چىشى پاقىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ جۈپلەشمەكچى بولغانلىقىنىڭ مۇھەببەت ناخشىسىدۇر.
چۇڭئەن تىكەنلىك چارپاقىسى كۆپىنچە دەرەخ سايىسى چۈشۈپ تۇرىدىغان، ئاستا ئاقىدىغان ئېقىنلاردىكى تاش كامارلىرىدا ياكى بىرقەدەر چوڭراق تاش ئاستىدا ئارام ئالىدۇ، بېشىنىڭ ئۈستى تەرىپى، دۈمبىسىنىڭ ئالدى يېرىم قىسمى قىزغۇچ قوڭۇر بولىدۇ. دۈمبىسىنىڭ ئارقا قىسمىنىڭ رەڭگى تەدرىجىي قېنىقلىشىدۇ؛ ئىككى كۆزىنىڭ ئارىلىقىدا قارا يول سىزىقچىلىرى بولىدۇ، ئادەتتە ئەركىكى چىشىسىغا قارىغاندا چوڭراق، چىشى پاقا تۇغقان تۇخۇملار يۇمىلاق توقاچ ھالەتتە توپلىشىپ سۇ يۈزىگە يېقىن تاشلارغا يېپىشىۋالىدۇ،100 كۈندىن كېيىن ئاندىن قۇمچاق بولۇپ يېتىلىدۇ، قۇمچاق سۇدا ئىككى قىشنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئاندىن پۇت چىقىرىپ كىچىك تىكەنلىك چارپاقىغا ئايلىنىدۇ، گۆدەك تەندىن يېتىلگەن تەنگە ئايلىنىشى ئۈچۈن تەخمىنەن4 -5 يىل ۋاقىت كېتىدۇ.
تىكەنلىك چارپاقا دۆلىتىمىزدە ياشايدىغان ئالاھىدە ھايۋان بولۇپ، جەمئىي تۆت تۈرى بار، چۇڭئەن تىكەنلىك چارپاقىسىدىن باشقا يەنە سىچۇەننىڭ ئېمېيشەن رايونىدىكى ئېمېي تىكەنلىك چارپاقىسى، گۇيجۇنىڭ لېيشەن رايونىدىكى لېيشەن تىكەنلىك چارپاقىسى ھەمدە گۇاڭشىنىڭ ياۋشەن رايونىدىكى ياۋشەن تىكەنلىك چارپاقىسى قاتارلىقلار بار.