ئات
ھايۋاناتلار دۇنياسى
1000 ئەمىنىيە دەۋرىدە چى خۇەنگۇڭ قوشۇن تارتىپ دۈشمەننى قوغلاپ بېرىپ بىر ئېزىتقۇ جىلغىغا كىرىپ قالىدۇ. گۇەنجۇڭ: قېرى ئات ئالدىدا يول باشلىسا بەلكىم چىقىپ كېتەلىشىمىز مۇمكىن، دەپتۇ. چى ۋاڭ بىرقانچە تۇياق قېرى ئاتنى تاللاپ، ئالدىدا ماڭغۇزۇشقا بۇيرىغانىكەن، دېگەندەك ئېزىتقۇ جىلغىدىن چىقىپ كېتەلەپتۇ.
نېمە ئۈچۈن قېرى ئات يولنى پەرق ئېتەلەيدۇ؟ چۈنكى، ئاتنىڭ پۇراش سېزىمى ۋە ئاڭلاش سېزىمى ناھايىتى ئۆتكۈر، پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. ئاتنىڭ يۈزى ئۇزۇنچاق، بۇرۇن بوشلۇقى چوڭ ھەمدە ئىككى بۆلەككە بۆلۈنىدۇ. بىر بۆلىكى بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئارقا ئۈستى تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ قىسمىدا چوڭ مېڭىنىڭ پۇراش نېرۋىلىرىنىڭ ئۇچلىرى زىچ جايلىشىدۇ، ئۇ يەردە پۇراش نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ، شۇڭا، پۇراش سېزىمى ئالاھىدە تەرەققىي قىلىدۇ. يەنە بىرى، بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئالدى قىسمىغا جايلاشقان نەپەسلىنىش بۆلىكى بولۇپ، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ توپا - توزان، يات نەرسىلەرنىڭ نەپەس يولىغا كىرىپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ. ئاتنىڭ دائىم چۈشكۈرۈپ تۇرۇشى بۇرۇن بوشلۇقىدىكى يات نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈندۇر. ئۇ، نەپەس يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پۇراش سېزىمىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى ساقلايدۇ. شۇڭا، ئات نەپەسلىنىش جەريانىدا پۇراش نېرۋا ھۈجەيرىلىرى يەم - خەشەك، سۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى - يامانلىقىنى پەرق ئېتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نىشاننى پەرق ئېتىش، يول تېپىش فۇنكسىيىسىمۇ بولىدۇ. ئوتلاقلاردىكى ئاتلار ھەتتا ئاتموسفېرادىكى مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولىدىغان سۇ پارى ئارقىلىق بىرقانچە چاقىرىم يىراقلىقتىكى سۇ مەنبەسىنى تاپالايدۇ.
ئاتنىڭ قۇلاق سۇپۇرىسىمۇ چوڭ، قۇلاق مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلغان، قۇلىقىنى خالىغانچە بۇرىيالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتنىڭ قۇلىقى ئۇنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسىغا جايلىشىدىغانلىقى ئۈچۈن يىراقلاردىكى ئاۋازنى ئاڭلىيالايدۇ. ئاتنىڭ ئىچكى قۇلىقىدا بىر خىل ئالاھىدە «ئەگرى - بۈگرى سەزگۈچى ئاپپارات» بولىدۇ. ئالىملارنىڭ سىناق قىلىپ كۆرۈشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىل سەزگۈچى ئاپپارات بىر خىل ئالاھىدە «كومپاس» بولۇپ، خۇددى ئادەمنىڭ كۆزىگە ئوخشاش ھەرىكەت قىلىش يۆنىلىشىنى ۋە ئەتراپ مۇھىتتىكى جىسىملارنىڭ يىراق - يېقىنلىقىنى پەرق ئېتەلەيدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتنىڭ ئاڭلاش سېزىمى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھەر خىل سىگناللارنى مەسىلەن، ئاۋازنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى، خۇسۇسىيىتى (تېمبرى)، ئىنتوناتسىيىسى قاتارلىقلارنى سېزەلەيدۇ، يەنە باشقا ئاتلارنىڭ كىشنەش ئاۋازىغا قاراپ جىنسىنى ۋە ھەمراھىنى پەرق ئېتەلەيدۇ. ئاتنىڭ پۇراقنى ۋە ئاۋازنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدىغانلىقى ئۈچۈن يولنى پەرق ئېتىش ۋە ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارى ئۈستۈن. بىرقانچە يىل ئايرىلىپ كەتكەن يۇرتىنى ئېسىدە ساقلاپ، بىرقانچە100 چاقىرىم يەردىن قايتىپ كېلەلەيدۇ.
ئات يۈگۈرۈشكە ماھىر ئۆي ھايۋىنى، ئاتنىڭ تۇيىقى بولغانلىقى ئۈچۈن تېز يۈگۈرەلەيدۇ. ئاتنى تاقىلاپ قويسا، تۇيىقى ئۇپراپ كەتمەيدۇ، شۇڭا تېخىمۇ تېز يۈگۈرەيدۇ، ئۇنىڭ «تۇلپار» دېگەن نامى بار.
ئات ئىنسانلارنىڭ ھەمراھى ۋە دوستى. كىشىلەر ئاتنى خېلى بۇرۇنلا يەر ھەيدەش، ترانسپورت، ئۇرۇش قىلىش، ئوۋ ئوۋلاش، مال بېقىش، كۆڭۈل ئېچىش، ئېكسپېدىتسىيە قىلىش، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە سېلىش قاتارلىق ئىشلارغا سېلىشقا باشلىغان. ئات گۆشىنىڭ ئىستېمال قىلىنىش قىممىتى يۇقىرى؛ سۆڭىكىدىن ياريېلىم ئالغىلى بولىدۇ؛ تېرىسىدىن خۇرۇم پىششىقلاپ ئىشلەشكە بولىدۇ؛ ياللىدىن ئىسكىرىپكا تارىسى ئىشلىنىدۇ؛ تېزىكى بىلەن گۈمبىمەدەك (موگۇ) ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ. ئاتنىڭ قېنىدىن تېتانۇس (قاتما) قا قارشى ئانتى توكسىن تەييارلاشقا بولىدۇ.