UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىسېرىق يىلانبېلىق

سېرىق يىلانبېلىق

ھايۋاناتلار دۇنياسى يېڭى تۇخۇمدىن چىققان كىچىك سېرىق يىلانبېلىق بېلىجانلىرىنىڭ ھەممىسى چىشى، لېكىن چوڭ سېرىق يىلانبېلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەركەك. چىشى - ئەركەك جەھەتتىكى بۇ خىل ئۆزگىرىش بىئولوگىيىدە «جىنسنىڭ تەتۈر ئۆزگىرىشى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەسلىدە تاتلىق سۇدا ياشايدىغان سېرىق يىلانبېلىق قوش جىنسلىق بولىدۇ. ئۇلار ئۆمرىدە چىشى - ئەركەكتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغان يېتىلىش جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. تۇخۇمدىن چىققان سېرىق يىلانبېلىق بېلىجانلىرىنىڭ تېنىدە پەقەتلا تۇخۇمدان بار بولۇپ، ھەممىسى چىشى. كېيىن، تەدرىجىي يېتىلىپ چوڭىيىپ، تۇخۇمدىنى ئىچىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، تۇخۇم ھاسىل قىلىدىغان ھۈجەيرىلىرى ئىسپېرما ھاسىل قىلىدىغان ھۈجەيرىلەرگە ئايلىنىدۇ، تۇخۇمدىنى ئۇرۇقدان ( ئىسپېرمىدان) غا ئايلىنىدۇ، سېرىق يىلانبېلىقمۇ چىشىدىن ئەركەككە ئۆزگىرىدۇ. بۇ، سېرىق يىلانبېلىقنىڭ پۈتۈن جەمەتىنىڭ يېتىلىش جەريانىدا شەكىللەنگەن قانۇنىيەت ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سېرىق يىلانبېلىق بېلىجانلىرى كۆپىنچە چىشى، يېتىلگەن سېرىق يىلانبېلىق كۆپىنچە ئەركەك بولىدۇ. چىشى سېرىق يىلانبېلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەركەككە ئايلىنىپ كەتسە، ئەۋلادلىرى قەيەردىن كېلىدۇ؟ ئەسلىدە، تۇخۇمدىن يېتىلىپ چىققان سېرىق يىلانبېلىق بېلىجىنى جىنسىي جەھەتتە پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن تۇخۇم تۇغۇپ بولۇپ، ئاندىن ئەركەك سېرىق يىلانبېلىققا ئۆزگىرىدۇ، ئەركەك سېرىق يىلانبېلىق بولسا كېيىنكى ئەۋلاد چىشى سېرىق يىلانبېلىق بىلەن چېتىشىپ كۆپىيىدۇ. ھەريىلى بىر تۈركۈم چىشى سېرىق يىلانبېلىقلار تۇخۇم تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن ئەركەك سېرىق يىلانبېلىققا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يېڭى بىر تۈركۈم چىشى يىلانبېلىقلار كۆپىيىپ چىقىدۇ، شۇنداق قىلىپ جەمەتىنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكىنى ساقلاپ، نەسلىنى قۇرۇتمايدۇ. سېرىق يىلانبېلىق شاللىق، كۆلچەك، دەريا قىرغاقلىرىدا كامار كولاپ كاماردا ياشايدۇ، كۈز ۋە قىش پەسلىدە سۇ مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالغاندا، پاتقاق ئاستىغا كىرىۋېلىپ قاتتىق سوغۇقتىن ئۆتۈۋالىدۇ. ئۇنىڭ ژابراسى (ساقىقى) ئېغىر دەرىجىدە رودىمېنتلاشقان، لېكىن ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئېپىدېرمىسى ئاستىغا قىل قان تومۇرلار زىچ تارقالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن تېيىز سۇدا تېنىنىڭ يېرىمىنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ، تۇمشۇقىنى سۇنىڭ يۈزىگە سوزۇپ چىقىرىپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ، ژابراسىدىن نەپەسلىنىشتىكى يېتەرسىزلىكىنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
سېرىق يىلانبېلىق | UyghurWiki | UyghurWiki