توخۇ
ھايۋاناتلار دۇنياسى
توخۇ ئىنسانلار ئەڭ بالدۇر كۆندۈرگەن ھايۋان. بۇنىڭدىن4000 يىل بۇرۇنقى لۇڭشەن مەدەنىيىتى دەۋرىدىن ئۆي توخۇسىنىڭ ئىسكىلىتى بايقالغان، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ بۇرۇنقى چىغىناق - تارغاق يېزىقىدا خەنزۇچە «鸡» (توخۇ) دېگەن خەت بار ئىدى. بۇ كەم دېگەندىمۇ3000 يىلنىڭ ئالدىدا توخۇ بېقىش خېلىلا ئومۇملاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
توخۇ قۇشلارنى كۆندۈرۈش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن. ئۆي توخۇسىنىڭ ئەجدادى ياۋا توخۇ (بانكى توخۇسى) بولۇپ، قىزىل ياۋا توخۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ھازىر جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى قۇرۇقلۇقىغا كەڭ تارقىلىپ ياشىماقتا؛ دۆلىتىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمى، گۇاڭشىنىڭ لوڭجۇ ئەتراپى ۋە خەينەنداۋنىڭ ئورمانلىرىدىنمۇ ئۇنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇ دېڭىز يۈزىدىن1000 مېتىردىن تۆۋەن بولغان ئورمانلاردا ياشايدۇ. شالاڭ دەرەخلىك، چاتقاللىقلاردىنمۇ ئاندا - ساندا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ياۋا توخۇ خورىزى «چاخۇا لياڭدو − چاخۇا لياڭدو» دەپ چىللايدۇ. شۇڭا يەرلىك كىشىلەر «چاخۇا توخۇسى» دەپمۇ ئاتايدۇ.
ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ توخۇنىڭ نۇرغۇن سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئەتلىك ھەم سېمىز، ئېغىرلىقى5 .4 كىلوگرامدىن ئاشىدىغان گۆش توخۇسى بار؛ يىلىغا300 دىن ئارتۇق تۇخۇم تۇغىدىغان تۇخۇم توخۇسى بار؛ دورا قىلىنىدىغان قارا سۆڭەك توخۇ بار؛ سۆڭەكلىرى مەزمۇت، تېنى ئەپچىل، مەخسۇس تاماشاسىنى كۆرىدىغان سوقۇشقاق توخۇ بار؛ تېنىنىڭ ئېغىرلىقى10 نەچچە كىلوگرام كېلىدىغان كۈركە توخۇ بار. بىرمىدا بىر خىل پۇتى قىسقا توخۇ بار بولۇپ، پۇتىنىڭ قىسقىلىقىدىن پۇتىنى ئاساسەن دېگۈدەك كۆرگىلى بولمايدۇ، تېنى يەرگە يېپىشىپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ، شۇڭا «تاقلاقچى توخۇ» ياكى «ئۆمىلىگۈچى توخۇ» دەپ ئاتىلىدۇ. ياپونىيىدە پۈتۈن تېنى ئاپئاق بىر خىل ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق توخۇ بار، ئۇنىڭ ھەرىكەت قىلىشقا خۇشى يوق، دائىم ئېگىز جازىلارغا قونۇۋالىدۇ. قۇيرۇق پېيىنىڭ ئۇزۇنلۇقى7 مېتىر چىقىدۇ، ئۇ خۇددى بىر ئۇزۇن چاچلىق قىزغا ئوخشاش ئىنتايىن چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.
ھازىر توخۇنىڭ دۇنيا بويىچە ئېتىراپ قىلىنغان70 تىن ئارتۇق تۈرى بار، توخۇ بېقىش مۇتەخەسسىسلىرى توخۇنى پاكارلىتىش، گۆش توخۇسىنىڭ بازارغا چىقىش ۋاقتىنى قىسقارتىش، تۇخۇم تۇغۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىقلار ئۈستىدە كۈچ سەرپ قىلماقتا. نۆۋەتتە، توخۇ بېقىش زاۋۇتلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلماقتا.