ئىت
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ئىنسانلار خېلى بۇرۇنلا ئىت بىلەن ئالاقە قىلىشقا باشلىغان. تاش قورال دەۋرىدە، ياۋروپالىقلار ئىتنى كۆندۈرۈپ ئۆزلىرىگە ياردەمچى قىلغان. لېكىن، كىشىلەر تاكى ھازىرغىچە قەدىمكى زاماندىكى ئىتنىڭ تاشقا ئايلانغان قاتمىسىنى بايقىمىدى، شۇڭا ئىتنىڭ ياۋايى ئەجدادى زادى قانداق ھايۋان ئىكەنلىكى تېخى مۇئەييەنلەشمىدى. بەزىلەر، ئىت بەلكىم ياۋروپانىڭ بۆرىسى، شىمالىي ئافرىقىنىڭ چىلبۆرىسى ۋە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ئوتلاق بۆرىسى قاتارلىقلارنىڭ ئارىلاشمىسى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر كۆندۈرۈش جەريانىدا بۇ ھايۋانلارنى شالغۇتلاشتۇرغاندىن كېيىن ھازىرقىدەك خىلمۇخىل، رەڭگارەڭ ئىتلارغا تەدرىجىي ئۆزگەرگەن. لېكىن، ئۇلار زوئولوگىيىدىكى ياۋا ئىت بىلەن بىر ئۇرۇقداشقا تەۋە ئەمەس، بىر تۈرگىمۇ تەۋە ئەمەس.
ئىتنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ120 دىن ئاشىدۇ. ئەڭ چوڭ ئىت130 كىلوگرام كېلىدۇ،ئەڭ كىچىك ئىت ئاران5 .1 كىلوگرام چىقىدۇ. كىشىلەر تەرىپىدىن كۆندۈرۈلگەن ئىت ساقچىغا ياردەملىشىپ قېچىپ كەتكەن جىنايەتچىلەرنى ئىزدەپ تېپىشىپ بېرىدۇ، يامان ئادەملەر يوشۇرۇپ قويغان بۇيۇملارنى تاپالايدۇ؛ گېئولوگىيە خادىملىرىغا ماسلىشىپ مىنېراللارنى تېپىشىپ بېرىدۇ؛ يىراققا كېتىپ قالغان ئادەمنىڭ ئۆز ئورنىغا قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن يول باشلايدۇ، شۇنىڭدەك يەر تەۋرەشنى خەۋەر قىلىدۇ، چاشقان تۇتىدۇ ۋە تەجرىبە ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئىت تېخى بىرىنچى بولۇپ ئالەمگە چىقىپ سەيلە قىلغان ھايۋان بولۇپ قالدى.
ئىتنىڭ يۇقىرىقىدەك ماھارەتلىرى ئاساسلىقى تەرەققىي قىلغان پۇراش سېزىمىگە تايىنىدۇ. ئىتنىڭ بۇرنى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك پۈتۈن يۈز قىسمىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئىگىلەيدۇ. بۇرنىنىڭ سىرتقى يۈزىدە تۈك ئۆسمەيدىغان بىر پارچە يالىڭاچ ئورۇن بار بولۇپ، ئۇ يەرگە نۇرغۇن پۇراق سېزىش ھۈجەيرىلىرى تارقالغان. بۇرنىنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ئىچكى دىۋارىدا نۇرغۇن پۈرمىلىرى بولىدۇ، پۈرمىلىرىنىڭ ئۈستۈنكى بىر قەۋىتى پۇراق سېزىش ھۈجەيرىلىرى بىلەن تولغان شىللىق پەردىدىن ئىبارەت. ئالىملارنىڭ سىناپ كۆرۈشىچە، ئىت بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان2 مىليون خىل پۇراقنى پۇرىيالايدىكەن.
ئىت جىنايەتچى قالدۇرغان ئاياغ ئىزى ياكى نەرسە - كېرەكلەرنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغاندىن كېيىن چوڭ مېڭىسىگە يوللاپ ئېسىدە مەھكەم ساقلايدۇ. كېيىن ئۇ ئەستە قالدۇرغان سىگنالغا ئاساسەن، ھەرخىل پۇراقلار ئىچىدىن ھېلىقى ئالاھىدە پۇراقنى پەرق ئېتىدۇ. مانا بۇ ئىتنىڭ جىنايەتچىگە ئەگىشەلىشى ۋە يامان ئادەم ئېلىپ ماڭغان نەرسە - كېرەكلەرنى تەكشۈرۈپ تاپالىشىدىكى سەۋەب. كۆندۈرۈلگەن ئىت بەزى مەدەنلەرنىڭ ئالاھىدە پۇرىقىنى ئېسىدە ساقلىيالايدۇ. يەر تەۋرەشتىن بۇرۇن، يەر ئاستىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىققان بەزى پۇراقلارنى پۇرىيالايدۇ، مانا بۇ، ئىتنىڭ مەدەن ئىزدەپ تاپالىشى ۋە يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرەلىشىدىكى سەۋەب. ئىتنىڭ نېمە ئۈچۈن يولدىن ئېزىپ قالمايدىغانلىقىغا كەلسەك، ئىت يول يۈرۈش جەريانىدا، مەلۇم ئارىلىققا بارغاندىن كېيىن شۇ يەرگە ئازراق سىيىپ قويىدۇ، شۇنداق قىلىپ سۈيدۈكىنىڭ پۇرىقىغا تايىنىپ ئەسلىي ئورنىغا قايتىپ كېلەلەيدۇ.
ئىت غالجىر كېسىلىنى تارقىتىدۇ. غالجىر ئىت بارغانلا يەردە ئادەم چىشلەيدۇ. غالجىر ئىت چىشلىۋالغان ئادەم بىر مەزگىل يوشۇرۇن مەزگىلىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، كېسەل قوزغىلىپ، ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر - بازارلىرىدا ئىت بېقىش مەنئى قىلىنىدۇ.