UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىئانگلېر بېلىقى

ئانگلېر بېلىقى

ھايۋاناتلار دۇنياسى ئانگلېر بېلىقىنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى بېلىقلار ئىچىدە، شۇنداقلا پۈتۈن ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ئىچىدە كەمدىن - كەم ئۇچرايدۇ. ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىگە كەلسەك ئەركەك ئانگلېر بېلىقى ئىسمى - جىسمىغا لايىق »ئىچ كۈيئوغۇل« ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىدە بېلىجانلار تۇخۇمدىن چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئەركەك بېلىجان دەرھال »جورا« ئىزدەيدۇ، ئاندىن دەرھال «توي قىلىپ» چىشى بېلىقنىڭ باش قىسمىدىكى ژابرا قاپقىقىنىڭ ئاستىغا ياكى قورساق قىسمىغا ۋە ياكى تېنىنىڭ يان تەرىپىگە يېپىشىۋالىدۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەركەك بېلىجاننىڭ كالپۇكى ۋە تېنىنىڭ ئىچكى يان تەرىپى چىشى بېلىقنىڭ تېرىسى بىلەن تەدرىجىي تۇتۇشۇپ، ئاخىر پۈتۈنلەي بىرلىشىپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەركەك بېلىقنىڭ ئىسپېرمىدان (ئۇرۇقدان) توقۇلمىسى داۋاملىق چوڭايغاندىن باشقا، قالغان ئەزالىرى يېتىلىشتىن بىردەك توختايدۇ، ئاخىر تامامەن رودىمېنتلىشىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئەركەك بېلىق چىشى بېلىقنىڭ تېنىگە چاپلىشىپ پارازىت ياشاپ، ھاياتىنى چىشى بېلىقنىڭ تېنىدىكى قان سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق داۋاملاشتۇرىدۇ ھەمدە ۋېنا قان تومۇرىدىكى قان ئايلىنىش ئارقىلىق چېتىشىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بۇ بىر جۈپ بېلىقنىڭ ئىندىۋىدىدىكى پەرق ناھايتى روشەن بولۇپ كېتىدۇ. كىشىلەر1 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر چىشى ئانگلېر بېلىقىنى تۇتۇۋالغان، ئەمما ئۇنىڭ تېنىگە چاپلىشىۋالغان ئەركەك بېلىق ئاران2 سانتىمېتىر چىققان. ئانگلېر بېلىقىنىڭ بۇ خىل غەلىتە جۈپلىشىش ئۇسۇلى بىپايان چوڭ دېڭىزدا ئۇرۇقلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەۋلادلىرىنى كۆپەيتىپ داۋاملاشتۇرۇشتا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئانگلېر بېلىقى چوڭقۇر دېڭىز بېلىقى بولۇپ، تاشقى كۆرۈنۈشى ئىنتايىن غەلىتە. تېنى قىسقا كونۇس شەكىللىك، بېشى غايەت چوڭ ھەم ياپىلاق، ئاغزى ياپىلاق ھەم كەڭ، ئاغزىنىڭ گىرۋىكىدە ئۇچلۇق ئۇچى ئىچىگە قاراپ تۇرىدىغان بىر قاتار ئۆتكۈر چىشلىرى بولىدۇ. ئىككى كۆزى بېشىنىڭ دۈمبە تەرىپىگە جايلىشىدۇ، تېنى يۇمشاق، تەڭگىچىلىرى يوق. قارىماققا، ئانگلېر بېلىقى ناھايىتى كېلەڭسىز، ئادەتتە ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدۇ، سۇ ئۈزۈشكە، ئوزۇقلۇقنى قوغلاپ تۇتۇشقا خۇشى يوق، ئەمما ئۇ مۇنەۋۋەر بېلىق تۇتۇش ماھىرى. ئەسلىدە ئۇنىڭ بىرىنچى دۈمبە ئۈزگۈچ تىكەنچىسى ناھايىتى ئۇزۇن «قارماق سېپى» غا ئايلانغان، بۇ خىل قارماق سېپىنىڭ ئۇچىدا بىر گۆشلۈك باشىقى بار بولۇپ، يەمچۈكلۈك رول ئوينايدۇ. ئانگلېر بېلىقى ئۆزىنى دائىم چوڭقۇر دېڭىز تېگىدىكى لاتقىغا كۆمۈۋالىدۇ، «قارماق سېپى» بولسا سۇدا توختىماي تەۋرىنىپ ئەتراپىدا ئۈزۈپ يۈرگەن كىچىك بېلىقلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئاچ كۆز كىچىك بېلىق «قارماق سېپى» ئۇچىدىكى «كىچىك بېلىق» نى يېمەكچى بولغاندا ھىيلىگەر ئانگلېر بېلىقى ئاغزىنى يوغان ئاچىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى كىچىك بېلىقلار سۇ ئېقىمى بىلەن بىرلىكتە ئانگلېر بېلىقىنىڭ قورسىقىغا كىرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ يوغان ئاغزى ۋە كۆپۈپ چوڭىيالايدىغان ئاشقازىنى ئۆزىنىڭ چوڭلۇقى بىلەن تەڭ كېلىدىغان بېلىقلارنى يۇتۇۋېتەلەيدۇ. ئانگلېر بېلىقى ئادەتتە500 ~1000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز تېگىدە ياشايدۇ، قىش پەسلىدىن يازنىڭ بېشىغىچە تېيىز دېڭىزغا يۆتكىلىپ كېلىپ تۇخۇم تۇغىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
ئانگلېر بېلىقى | UyghurWiki | UyghurWiki