UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىئاق پالاقلىق دېلفىن

ئاق پالاقلىق دېلفىن

ھايۋاناتلار دۇنياسى ئاق پالاقلىق دېلفىن مەملىكىتىمىزدە سۇغا چۆكۈپ ياشايدىغان ئالاھىدە ئەتىۋارلىق سۇ ھايۋانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، پەقەت چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا - تۆۋەن ئېقىمىغا ۋە دۇڭتىڭخۇ كۆلى، پوياڭخۇ كۆلى، خۇڭخۇ كۆلى قاتارلىق رايونلارغىلا تارقالغان. ھازىر ساقلىنىپ قالغانلىرىنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە ئاران300 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى. شۇڭا، دۆلەت بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. ئاق پالاقلىق دېلفىننىڭ تېنى ئۇرچۇق شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى2 −5 .2 مېتىر ئەتراپىدا، ئېغىرلىقى200 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. دۈمبىسى سۇس كۈل رەڭ ياكى كۆك، قورساق تەرىپى ئاپئاق، دۈمبە پالاقچىسى ئۈچ بۇرجەك شەكىللىك، كۆكرەك پالاقچىلىرى خۇددى ئىككى ئالىقانغىلا ئوخشايدۇ، قۇيرۇق پالاقچىسى ياپىلاق بولۇپ، ئوتتۇرىسىدىن ئاچىماقلىنىدۇ، سۇ ئۈزۈشكە ماھىر، سائەتلىك ئۈزۈش سۈرئىتى80 كىلومېتىر ئەتراپىدا. ئاق پالاقلىق دېلفىن ئۇزاق مەزگىل لاي دەريا سۈيىدە ياشىغانلىقى ئۈچۈن كۆرۈش، ئاڭلاش ئەزالىرى رودىمېنتلاشقان. ئۇنىڭ كۆزى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئەمانىڭكىگە ئوخشايدۇ، قۇلاق تۆشۈكى يىڭنىنىڭ كۆزىدەك كىچىك بولۇپ، كۆزىنىڭ ئارقا تۆۋەن تەرىپىگە جايلىشىدۇ. لېكىن، چوڭ مېڭىسى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان، سونار سىستېمىسى ئىنتايىن سەزگۈر، باش قىسمىدا يەنە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق ئىقتىدارى بار بولۇپ، دەريانىڭ بىرقانچە ئون كىلومېتىر دائىرىسىدىكى ئاۋازلارنى تېز سۈرئەتتە چوڭ مېڭىسىگە يەتكۈزىدۇ. جىددىي ئەھۋالغا يولۇقسىلا دەرھال سۇغا شۇڭغۇپ قاچىدۇ. ئاق پالاقلىق دېلفىن سوغۇققا چىداملىق، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە ℃63 ئەتراپىدا بولىدۇ، دەريانىڭ چوڭقۇر يېرىدە ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، قىرغاققا ۋە كېمە - پاراخوتلارغا كەمدىن - كەم يېقىنلىشىدۇ، لېكىن دائىم تېيىز سۇ رايونلىرىغا ئۈزۈپ بېرىپ، بېلىق، راكلارنى قوغلاپ تۇتۇپ، قورسىقىنى تويغۇزىدۇ. ئۇنىڭ تۇمشۇقى كەڭ، ئۇزۇن، ئاستى - ئۈستى ئېڭىكىدە130 تالدىن ئارتۇق كونۇس شەكىللىك ئوخشاش ياخشى چىشلىرى بولىدۇ، لېكىن چايناشقا ئېرىنىپ، بېلىقلارنى چاينىمايلا يۇتۇۋېتىدۇ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى. ئاق پالاقلىق دېلفىنلار كۆپىنچە جۈپ - جۈپ بولۇپ ياكى3 ~5 توپ بولۇپ بىللە ياشايدۇ. لېكىن، كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى كۆرۈش پۇرسىتى ئاز، پەقەت نەپەس ئېلىش ئۈچۈن سۇ يۈزىگە چىققاندىلا ئاندىن كۆزگە چېلىقىپ قالىدۇ. ھەر يىلى قىش پەسلىنىڭ ئاخىرى، باھارنىڭ باشلىرى ئاق پالاقلىق دېلفىننىڭ چېتىشىش مەزگىلى، چىشى ئاق پالاقلىق دېلفىننىڭ بوغاز بولۇش ۋاقتى بىر يىلغا بارىدۇ، شۇڭا بالىسىنى ئىككىنچى يىلى باھار پەسلىدە تۇغىدۇ. بالىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانىسىنى ئېمىپ چوڭ بولىدۇ،5 −6 ياشقا كىرگەندە ئاندىن يېتىلىدۇ؛ ئادەتتە ئۆمرى30 يىل. ئاق پالاقلىق دېلفىن كىتلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك «تىرىك تاشقاتما» بولۇپ، بىئونىكا، فىزىئولوگىيە، زوئولوگىيە ۋە ھەربىي ئىشلار ئىلمى قاتارلىق ساھەلەردە ناھايىتى مۇھىم ئىلمىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
ئاق پالاقلىق دېلفىن | UyghurWiki | UyghurWiki