توشقان
ھايۋاناتلار دۇنياسى
توشقاننىڭ دۇنيادا ياۋا توشقان، ئۆي توشقىنى بولۇپ جەمئىي50 كە يېقىن تۈرى بار بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك ھەممىلا يەرگە تارقالغان. ياۋا توشقاننىڭ ئۆزىگە خاس «زېمىنى» بولىدۇ. ئۇلار ئۇۋىسىنىڭ ئاغزىغا دۆۋىلەپ قويغان ماياقلىرى بىلەن «چېگرا بەلگىسى» قىلىدۇ. بىر كىشى تۇتۇۋالغان توشقاننى قەستەن قويۇۋەتكەنىكەن، ئۇ مايىقىنىڭ ئالاھىدە پۇرىقى بويىچە ئۆزىنىڭ ئۇۋىسىنى تېپىۋاپتۇ. ئەگەر ئىككى توشقاننى بىر ناتۇنۇش ئورۇنغا ئېلىپ بېرىپ بېقىپ، شۇ ئورۇنغا ئۇلار ئىچىدىكى بىر توشقاننىڭ مايىقىنى قويۇپ قويسا، ئۆزىنىڭ مايىقىنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغان توشقان خوجايىنلىق ئورۇنغا ئۆتۈۋېلىپ، يەنە بىر توشقاننىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغان.
توشقاننىڭ ئۆتكۈر تىرنىقى ۋە ئۆتكۈر چىشى بولمايدۇ. كۆپ ھاللاردا نۇرغۇن گۆشخور ھايۋانلارنىڭ ئوۋلاپ يېيىش ئوبيېكتى بولۇپ قالىدۇ. ئۇزاق ۋاقىتلىق ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش جەريانىدا «قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق» توشقان سەگەك، يۈگۈرۈك بولۇشتەك ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزىنى قوغداپ كەلگەن.
توشقاننىڭ يۈگۈرۈشى ئەمەلىيەتتە سەكرەپ ئالدىغا ئىلگىرىلەش بولۇپ، بىراقلا3 ~5 مېتىر يىراققا سەكرەيدۇ، سائەتلىك سۈرئىتى50 −60 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
توشقاننىڭ قۇلىقى ھەم چوڭ، ھەم ئۇزۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆت تەرەپكە ئايلاندۇرالايدۇ، ئاڭلاش سېزىمى ئالاھىدە ئۆتكۈر، ئازراق شەپە بولسىلا دەرھال يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. توشقاننىڭ پۇراش سېزىمى ئاپشاركىدىن قېلىشمايدۇ، ئۇ تۆت ئەتراپىدا باشقا ھايۋاننىڭ بار - يوقلۇقىنى پۇراپ سېزەلەيدۇ؛ ئانا توشقان بالىلىرىنى پۇراپلا تاپالايدۇ.
توشقان يۈگۈرۈپ قېچىشتا، بىر تەرەپتىن قېچىپ بىر تەرەپتىن تىنماي ئارقىغا قاراپ قويىدۇ، قوغلاۋاتقان دۈشمىنىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ قېچىش سۈرئىتىنىڭ تېز - ئاستىلىقىنى بەلگىلەپ، كۈچ - قۇۋۋىتىنىڭ ئىسراپ بولۇشىدىن ساقلىنىدۇ. دۈشمىنىنىڭ قوغلاپ تۇتۇۋېلىشىدىن قۇتۇلۇش تەس بولسا، جىددىي پەيتتە ئەقىل ئىشلىتىپ، قەدىمىنى دەرھال توختىتىپ، ئۆزىنى يان تەرەپكە بىر قاچۇرىدۇ - دە، دۈشمىنىنى داغدا قويىدۇ.
«ھىيلىگەر توشقان قۇيرۇقىنى تۇتقۇزمايدۇ». توشقان ئۆڭكۈر كولاشتا «ئالدى ئىشىك» قالدۇرۇشتىن سىرت، بىرقانچە «ئارقا ئىشىك» قالدۇرىدۇ. ئالدى ئىشىك توسۇۋېلىنسا، ئارقا ئىشىكتىن قاچىدۇ. ئەگەر قاچالماي قېلىپ، يىرتقۇچ ھايۋان چىشلىۋالسا، جېنىغا زامىن بولمىسىلا، بىر پارچە تېرىسىنىڭ مېھرىدىن كېچىپ قېچىپ كېتىدۇ.
توشقان سەگەك، يۈگۈرۈشكە ماھىر، بەلكىم ئۇ بەك تېز يۈگۈرىدىغانلىقى ئۈچۈنمىكىن، ئويلىمىغان يەردىن تالاپەتكە ئۇچراپمۇ قالىدۇ. توشقاننىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئارىلىقى يىراق بولۇپ، بېشىنىڭ ئىككى يان تەرىپىگە جايلىشىدۇ. يۈز قىسمىنى ئوڭ - سولغا بۇرىغاندىلا ئاندىن جىسىملارغا ھۆكۈم قىلالايدۇ. تېز يۈگۈرگەندە يۈزىنى بۇراشقا ئۈلگۈرەلمەي قالىدۇ - دە، بەزىدە دەرەخقە ياكى باشقا نەرسىلەرگە ئۈسۈۋالىدۇ. «دەرەخ تۈۋىدە ساقلاپ توشقان تۇتۇش» دېگەن تەمسىل بەلكىم مۇشۇنىڭدىن چىققان بولۇشى مۇمكىن.