UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىقەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋان − قاتتىق قاسىراقلىق بېلىق

قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋان − قاتتىق قاسىراقلىق بېلىق

ھايۋاناتلار دۇنياسى قاتتىق قاسىراقلىق بېلىق (ئوستېراكودېرم بېلىقى) بۇنىڭدىن400 مىليون يىلدىن500 مىليون يىللارغىچە بولغان پالېئوزوي ئېراسى مەزگىلىدە ياشىغان. ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ تېنىنىڭ ئالدى تەرىپىنى سۆڭەك ماددىلىق قاتتىق قاسىراق قاپلاپ تۇراتتى، شەكلى بېلىققا ئوخشايتتى، لېكىن جۈپ ئۈزگۈچىلىرى يوق بولۇپ، ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى ئاجىز ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاستى - ئۈستى ئېڭىكىمۇ بولمىغاچقا، ئۇنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوزۇقلۇق تۇتۇپ يېيىش ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويغان، يەيدىغان ئوزۇقلۇقلىرىنىڭ دائىرىسى تار بولغاچقا، تەرەققىي قىلىش ئىستىقبالى بولمىغان. قاتتىق قاسىراقلىق بېلىقلار بىر مۇرەككەپ تىپ بولۇپ، بېشى قاسىراقلىق بېلىقلار، قاسىراقسىز بېلىقلار، ئىستاكان قاسىراقلىق بېلىقلار ۋە ئۈزگۈچ قاسىراقلىق بېلىقلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى، جۇغىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس ئىدى. كىچىكلىرى بىرقانچە سانتىمېتىر، چوڭلىرى بىرقانچە ئون سانتىمېتىر چىقاتتى. ياشاش ئۇسۇلىمۇ كۆپ خىل بولۇپ، كۆپ ساندىكى تۈرلىرى دېڭىز ئاستىدا ئۆمىلەپ ياشاپ، دېڭىز ئاستىدا شوراش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوزۇقلىناتتى. بەزى تۈرلىرىنىڭ مەسىلەن، ئىستىكان قاسىراقلىق بېلىقلارنىڭ قېلىن تەڭگىچىلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۈزگۈچىلىرى يوق، پەقەتلا تەتۈر ئەگرى قۇيرۇقى بار ئىدى. بىرقەدەر تەرەققىي قىلغانلىرى ئۈزگۈچ قاسىراقلىق بېلىقلار بولۇپ، سۇ ئۈزۈش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، سۇ يۈزىدە ئوزۇقلۇق تېپىپ يەيتتى. كۆپ ساندىكى قاتتىق قاسىراقلىق بېلىقلار تاتلىق سۇلاردا ياشايتتى. ئۇلار ئەڭ قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردۇر.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋان − قاتتىق قاسىراقلىق بېلىق | UyghurWiki | UyghurWiki