مارجان قۇرت
ھايۋاناتلار دۇنياسى
مارجان قۇرت كاۋاك ئىچلىك ھايۋانلارغا مەنسۇپ بولغان، تۈرى ناھايىتى كۆپ، دېڭىز ئاستىدىكى گۈللۈكلەرنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىيالى سىرتقى تۆرەلمە قەۋەت ھۈجەيرىلىرى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ھاك ماددىسى، ياساپ چىقىدىغان خىلمۇخىل چىرايلىق قۇرۇلمىلار بولسا مارجان قۇرت تېنىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولغان تاشقى ئىسكىلىتى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە بىزگە ئۇچرايدىغان مارجانلار مارجان قۇرت ئۆلگەندىن كېيىن قالدۇرغان ئىسكىلىتتۇر.
مارجان قۇرت ئادەتتە توپلىشىپ ياشايدۇ. ھەربىر ئىندىۋىد ئورتاق گۆش دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل تۈزۈلۈش ئارقىلىق ئۆزئارا تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ، ئورتاق گۆش قىسمى مۈڭگۈز ماددىلىق ياكى ھاك ماددىلىق تاشقى ئىسكىلىت ماددىلىرىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. مارجان قۇرتنىڭ ئۇششاق سېزىش قوللىرى ئاغزىنىڭ چۆرىسىگە جايلىشىدۇ، دېڭىز سۈيى ھەزىم قىلىش بوشلۇقىدىن ئۆتكەندە، سۇدىكى يېمەكلىك ۋە ھاك ماددىسى ھەزىم قىلىش بوشلۇقى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ. مارجان قۇرتنىڭ كوللېكتىپ ئىسكىلىتىنىڭ شەكلى كۆپ خىل، رەڭگى خىلمۇخىل. قىزىل مارجان راسا شاخلانغان كىچىك دەرەخقە ئوخشايدۇ؛ فۇنگىيە مارجانلىرى يەردىن كۆتۈرۈلۈپ چىققان موگۇغا ئوخشايدۇ؛ مېڭىسىمان مارجان ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىگە ئوخشايدۇ؛ بۇغا مۈڭگۈزسىمان مارجان راسا ئاچىلانغان بۇغا مۈڭگۈزىگە ئوخشايدۇ؛ كانايسىمان مارجان قورام تاشقا ئويۇپ قويغان كانايغا ئوخشايدۇ ۋە باشقىلار،... رەڭ جەھەتتە سۇس يېشىل، قىزغۇچ سېرىق، ھال رەڭ، كۆك، سۆسۈن، قوڭۇر، ئاق ... قاتارلىقلىرى بار. شەكلى خىلمۇخىل، رەڭگارەڭ مارجان ئىسكىلىتلىرى دېڭىز ئاستىدا يارالغىنىدىن ئاشۇرۇپراق ياسالغان سۇ ئاستى گۈللۈك باغچىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.
تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدا مارجانلارنىڭ كۆپىيىشى تېز، ئۆسۈشى تېز، قېرىلىرى ئۈزلۈكسىز ئۆلۈپ، يېڭىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ تۇرىدۇ، شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىسكىلىتىمۇ بارغانسېرى كېڭىيىپ، قۇملار مۇنار بولۇپ يىغىلىپ، كىچىكلىكتىن چوڭىيىپ، يىللار ئۇزارغانسېرى ناھايىتى چوڭ مارجان خادا تېشىغا ۋە مارجان ئارىلىغا ئايلىنىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ نەنخەي دېڭىزىدىكى دۇڭشيا تاقىم ئاراللىرى ۋە شىشا تاقىم ئاراللىرى، ھىندى ئوكياندىكى مالدىۋ ئارىلى، جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى فىجى ئارىلى ۋە دۇنياغا مەشھۇر چوڭ باريېر رىفلىرى (خادا تېشى) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى كىچىككىنە مارجان قۇرتلار قۇرۇپ چىققان مۆجىزىلەردۇر.
مارجان ئاراللىرىدا ئادەملەر ئولتۇراقلىشىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭدىكى قالدۇق ئىسكىلىتلار قاتتىق بولۇپ قېزىپ تاش ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ ياكى ھاك كۆيدۈرۈشكە بولىدۇ. مارجانلارنىڭ ئىسكىلىتىدىن ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ تاماشا قىلىنىش قىممىتى بار. ئەمما، ئۇلار نۇرغۇن دېڭىز ئاستى يوشۇرۇن خادا تاشلارنى شەكىللەندۈرۈپ دېڭىز قاتنىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بەلگىلىك دەخلى قىلىدۇ.