UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىيىڭناغۇچ

يىڭناغۇچ

ھايۋاناتلار دۇنياسى يىڭناغۇچنىڭ بېشى يۇپيۇمىلاق بولىدۇ، ئاغزىدا بىر جۈپ قاتتىق، كۈچلۈك، سۆسۈن رەڭلىك چوڭ تاڭلىيى بولىدۇ. ئۇنىڭ بېشىدا خالىغانچە ئايلاندۇرالايدىغان ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بىر جۈپ چوڭ مۇرەككەپ كۆزى بار بولۇپ، پۈتۈن باش قىسمىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. يىڭناغۇچنىڭ بىر دانە چوڭ مۇرەككەپ كۆزى10 مىڭدىن ئارتۇق كىچىك كۆزلەردىن تەركىب تاپىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يىڭناغۇچ ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ9 مېتىر ئارىلىقتىن ھەرىكەت ھالىتىدە تۇرغان ھاشاراتنىڭ ھەربىر قىسمىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ؛ يەنە1000 مېتىر يىراقلىقتا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ئوخشاش تۈردىكىلىرىنى كۆرەلەيدۇ. يىڭناغۇچ ھاشاراتلار دۇنياسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر «ئۇچقۇچى». جىددىي شۇڭغۇپ ئۇچقاندا سېكۇنتلىق سۈرئىتى40 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ؛ ئۇ يەنە ئۇدا بىر سائەت ئۇچۇپمۇ يەرگە قونمايدۇ. ئۇ مەخسۇس ھەر خىل كىچىك تىپتىكى پەرۋانىلەر، يوپۇرماق بۈرگىسى، شال پىتى، چىۋىن، پاشا قاتارلىق ھاشاراتلارنى يەيدۇ. بىر يىڭناغۇچ بىر سائەت ئىچىدە20 تال چىۋىن ياكى840 تال پاشىنى يەۋېتىدۇ. يىڭناغۇچنىڭ لىچىنكىسى سۇدا پاشا لىچىنكىسى قاتارلىق زىيانداش قۇرتلارنىمۇ يوقىتالايدۇ. كىشىلەر يىڭناغۇچنىڭ دائىم قۇيرۇقىنى سۇغا تەگكۈزۈپ قويۇپ ئۇچىدىغانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە چىشى يىڭناغۇچنىڭ تۇخۇم تۇغۇش ھەرىكىتى. چىشى يىڭناغۇچ تۇخۇم تۇغۇش ۋاقتىدا، سۇ يۈزىدە يالغۇز ئۇچۇپ قۇيرۇقىنى دەممۇدەم سۇغا تىقىپ تۇخۇم تۇغىدۇ، بىر قېتىم ئازراق تۇغقاندىن كېيىن دەرھال ئۇچۇپ چىقىدۇ. بۇ خىل داۋاملىق تۇخۇم تۇغۇش ھەرىكىتى يىڭناغۇچنىڭ سۇنى خۇددى ئۈزلۈكسىز چېكىپ ئويناۋاتقىنىغا ئوخشايدۇ. يىڭناغۇچ چالا ھالەت ئۆزگەرتىدىغان ھاشارات. سۇدىكى تۇخۇمدىن چىققان لىچىنكىسى سۇ يىڭناغۇچى دەپ ئاتىلىدۇ. لىچىنكىسى بىر يېرىم يىلدىن كېيىن10 قېتىمدىن ئارتۇق قاسىراق تاشلايدۇ، كېيىن سۇ يۈزىنى بويلاپ يەر يۈزىگە چىقىپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق قاسىراق تاشلىغاندىن كېيىنلا ئاندىن يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنىدۇ. يىڭناغۇچنىڭ دۇنيادا تەخمىنەن5000 دىن ئارتۇق تۈرى، دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن300 تۈرى بار.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
يىڭناغۇچ | UyghurWiki | UyghurWiki