UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىپىنگۋىن

پىنگۋىن

ھايۋاناتلار دۇنياسى پىنگۋىن مۇھەببەتلىك ھاياتنىڭ قائىدىلىرىگە ئىنتايىن رىئايە قىلىدۇ، ئاساسەن«بىر ئەر - خوتۇنلۇق» تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، مۇھەببەتكە نىسبەتەن بىرقەدەر خاسلىققا ئىگە. بىرەيلەن ئون نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ مىڭدەك پىنگۋىن ئۈستىدە كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ، %82 پىنگۋىننىڭ باشتىن - ئاخىر ئەسلىي نىكاھىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر جۈپىنىڭ11 يىل بىللە ياشىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ھەقىقەتەنمۇ تەڭ ياشاپ، تەڭ قېرىش ھېسابلىنىدۇ. پىنگۋىن جورا تېپىشتا دائىم بىر - بىرىگە قارىشىپ سايراپ ناخشا ئېيتىشىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن قىزىقارلىق، كۈلكىلىك ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ، بىردەم قاناتلىرىنى پالاقلىتىدۇ، بىردەم ئىنچىكە ئۇزۇن تۇمشۇقىنى بىرلىكتە ئاسمانغا قارىتىپ غادىيىدۇ. جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ قاقاسلىقلىرىدا ياشايدىغان ئادرى پىنگۋىنىنىڭ جورا تېپىش ئۇسۇلى تېخىمۇ قىزىقارلىق. پىنگۋىن مۇھەببەت ئىزھار قىلىشتىن بۇرۇن بىرئاز شېغىل تاش تاللاپ، يۈز كۆرۈشۈش سوۋغىسى قىلىدۇ، قار - مۇز بىلەن قاپلانغان جەنۇبىي قۇتۇپتا مۇنداق سوۋغىنى تېپىش ئىنتايىن قىيىن. ئەركەك پىنگۋىن دائىم قوشنىسىنىڭ تېشىدىن بىرنى ئوغرىلايدۇ، جورا تېپىش مەزگىلىدە شۇ تاشنى خۇشامەت بىلەن چىشى پىنگۋىننىڭ پۇتىنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ئاندىن ئارقىغا بىرقانچە قەدەم چېكىنىپ ئۆرە تۇرۇپ قاراپ تۇرىدۇ. مۇبادا ئىككى تەرەپ كېلىشىپ قالسا ئوغرىلاپ كەلگەن تاش بىلەن قارلىقنىڭ شامال تەگمەيدىغان يېرىدە «ھۇجرا» سېلىپ، بىر - بىرىدىن بىرقەدەممۇ ئايرىلماي تۇخۇم تۇغۇپ بالا بېقىشقا باشلايدۇ. پىنگۋىننىڭ تېنى كۆپىنچە ياپىلاق، دۈمبە قىسمىنىڭ رەڭگى توق كۈل رەڭ ياكى قارا، قورساق تەرىپى ئاپئاق ياكى سارغۇچ. ئۇنىڭ پەيلىرى ناھايىتى ئۆزگىچە بولۇپ، پەي ئوقى كەڭ ھەم قىسقا، تەن سىرتى تەڭگىچىسىمان بولۇپ كۆرۈنىدۇ. پەي ئالماشتۇرۇش ۋاقتىدا پۈتۈن تېنىدىكى پەيلىرى چوڭ دائىرىلىك چۈشۈپ كېتىدۇ، ئادەتتە ئون نەچچە كۈندە ئالماشتۇرۇپ بولىدۇ. پىنگۋىننىڭ پۇتى تېنىنىڭ ئارقا قىسمىغا جايلىشىدۇ، شۇڭا ئۆرە تۇرۇپ ماڭالايدۇ، لېكىن مېڭىشى ناھايىتى ئاستا. خەۋپكە يولۇققاندا قورسىقىنى قارغا چاپلاپ يېتىۋېلىپ، ئارقا پۇتى ۋە ئۈزگۈچ پۇتى بىلەن يەرنى ئىتتىرىپ، قار ئۈستىدە سائىتىگە30 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن تېيىلىپ قاچىدۇ. پىنگۋىن ئەسلىدە ئاسماندىكى ئۇچار قۇش ئىدى. ھازىر رودىمېنتلىشىپ سۇ ئۈزۈشكە ۋە سۇغا چۆكۈشكە ماھىر دېڭىز قۇشىغا ئايلانغان، سۇ ئۈزگەندە سائەتلىك سۈرئىتى36 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. پىنگۋىننىڭ توپلىشىپ ياشاش خۇسۇسىيىتى بار، بۇ ئۇلارنىڭ شامالدىن مۇداپىئەلىنىپ ئۆزلىرىنى ئىسسىق ساقلىشىغا پايدىلىق. يەنە ئۆز ئۇۋىسىغا قايتىش ماھارىتى ئىنتايىن كۈچلۈك، ھەر يىلى كۆپىيىش مەزگىلى يېقىنلاشقاندا نەچچە مىليون پىنگۋىن جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ ئۇزۇن قاراڭغۇ كۈنلىرى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن كېچە - كۈندۈز ئۇزۇن يول يۈرۈپ ئەسلىدىكى تۇرار جايىغا يېتىپ كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى