UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىيىلان

يىلان

ھايۋاناتلار دۇنياسى ھەريىلى قىش پەسلى كېلىپ، تېمپېراتۇرا ℃7 ~ ℃8 قا چۈشكەندە، يىلانلار ئېگىز، قۇرغاق جايدىن ئۆڭكۈر تاللاپ قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىدۇ. قىشلىق ئۇيقۇ ۋاقتىدا نەچچە ئون تال ياكى نەچچە يۈز تال ئوخشاش بىر تۈردىكى ياكى ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى يىلانلار بىر يەرگە توپلىشىۋالىدۇ. يىلانلار نېمە ئۈچۈن توپ بولۇپ قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىدۇ؟ چۈنكى، يىلان سوغۇق قانلىق ھايۋان بولۇپ، تېنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. قىش كۈنلىرى سىرتقى مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىگەندە يىلاننىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىمۇ تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا يىلان قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتقا ماسلىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە يىلان يېمەيدۇ، ھەرىكەت قىلمايدۇ، پەقەتلا قىشلاشتىن بۇرۇن تېنىدە زاپاس تەييارلىۋالغان مايغا تايىنىپ ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئېھتىياجىنى قامدايدۇ. قىش پەسلىدىكى مۇنداق ناچار تەبىئىي مۇھىتتا قىشلىق ئۇيقۇدا تارقاق ياتىدىغان يىلانلارنىڭ2 /1 −3 /1ى ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئەگەر كوللېكتىپ ئۇيقۇغا كىرسە ئەتراپنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃1 − ℃2 ئۆرلەيدۇ، يەنە تېنىدىكى سۇنىڭ تارقىلىپ كېتىشى ئازىيىپ، تېنىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەنلەپ، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئازىيىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، باھاردا ئۇيقۇدىن ئويغانغاندىن كېيىنكى ئەركەك - چىشى يىلانلارنىڭ چېتىشىش پۇرسىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. ھەر يىلى4 −5 - ئايلاردا يىلانلار ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ كامارلاردىن چىقىپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى جورا ئىزدەپ چېتىشىش بولىدۇ. يىلانلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى تۇخۇم تۇغىدۇ، ئاز ساندىكىلىرى تۇخۇم تۆرەلمىلىك تۇغىدۇ. يازنىڭ باشلىرىدىن قىشنىڭ باشلىرىغىچە يىلانلارنىڭ پائالىيەت مەزگىلى بولۇپ، يىلانلار بۇ مەزگىلدە ئوزۇقلۇق يەيدۇ ۋە كۆپىيىدۇ. ھەر يىلنىڭ7 -،8 -،9 - ئايلىرى يىلانلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىنىڭ ئەڭ ئەۋجىگە چىققان مەزگىلى بولۇپ، تۇتۇپ يەيدىغان ئوبيېكتلىرىنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، جۈملىدىن ھەر خىل ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنى يەيدۇ. يىلان بىرنەرسە يېگەندە چاينىماي، پۈتۈن پېتى يۇتۇۋېتىدۇ. يىلان ئاغزىنى چوڭ ئاچالىغاچقا، ئۆزىدىن خېلىلا چوڭ نەرسىلەرنى يۇتۇۋېتەلەيدۇ. يىلاننىڭ ياشاش جەريانىدا يەنە تېرە تاشلاش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ، بىر يىلدا بىرقانچە قېتىم تېرە تاشلايدۇ. تاشلىغان تېرىسى جۇڭيى تېبابەتچىلىكىدە «يىلان تېرىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ رېماتىزمنى داۋالاش ئۈنۈمى بار. دۇنيادا يىلاننىڭ تۈرى2700 دىن ئاشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۆتتىن بىرى زەھەرلىك يىلان. ئەڭ چوڭ يىلان جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشايدىغان سۇ بوغما يىلىنى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى11 مېتىردىن ئاشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
يىلان | UyghurWiki | UyghurWiki