پادىبېلىق ۋە گىگانت مېدۇزا
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ئەڭ چوڭ گىگانت مېدۇزا (سىئانېيە) ئاتلانتىك ئوكيانغا تارقالغان شىمالىي قۇتۇپ گىگانت مېدۇزىسى بولۇپ، كۈنلۈكىنىڭ دىئامېتىرى5 .2 مېتىر چىقىدۇ. كۈنلۈكىنىڭ ئاستى تەرەپ گىرۋىكىدە سەككىز گۇرۇپپا سېزىش قوللىرى بولۇپ، ھەربىر گۇرۇپپىسىدا150 تال ئەتراپىدا سېزىش قوللىرى بولىدۇ، ھەربىر تال سېزىش قولىنى ئۇزارتسا،40 مېتىرغىچە ئۇزىرايدۇ ھەمدە بىر سېكۇنت ئىچىدە ئەسلىدىكى ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئوندىن بىرىگە كەلگىچە قىسقىرىپ يىغىلالايدۇ. سېزىش قولىدا چاققاق ھۈجەيرىلىرى بار بولۇپ، ئۇلار چاققاق يىپلىرىنى ئۆرۈپ چىقىرىپ زەھەر (توكسىن) قويۇپ بېرىدۇ. بارلىق سېزىش قوللىرى ئۇزىراپ ئېچىلغاندا خۇددى بىر «ئاسماندا تور، يەردە قاپقان» قۇرغانغا ئوخشاش جانغا زامىن بولىدىغان تور شەكىللىنىدۇ. تورنىڭ قاپلاش دىئامېتىرى500 كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. ھەرقانداق ۋەھشىي يىرتقۇچ ھايۋان تورغا چۈشۈپ قالسا چارىسىز قالىدۇ.
گىگانت مېدۇزىنىڭ تورى گەرچە كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن كىچىككىنە پادىبېلىقنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ. پادىبېلىقنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاران7 سانتىمېتىر چىقىدۇ، ئۇلار گىگانت مېدۇزىنىڭ سېزىش قوللىرى ئارىلىقىدا بەخۇدۈك ئۈزۈپ يۈرۈپ، ئۇ يەرنى ئۆزىنىڭ پاناھ جايى قىلىۋالىدۇ. پادىبېلىق دائىم بەزى كىچىكرەك گۆشخور بېلىقلارنى خوجايىنى قۇرغان تورغا جەلپ قىلىپ باشلاپ كېلىپ، ئۆزىنى زەھەرلىك يىپچىلاردىن ئەپچىللىك بىلەن قاچۇرۇپ، كۈنلۈكنىڭ ئاستىغا كىرىۋېلىپ ھېلىقى گۆشخور بېلىقلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گىگانت مېدۇزا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تورنى يىغىپ، بېلىق تۇتۇپ بىر ۋاخ مەززىلىك تاماق قىلىدۇ. پادىبېلىقمۇ گۆشخور بېلىقنى جەلپ قىلىپ باشلاپ كەلگەن تۆھپىسى ئۈچۈن خوجايىنىدىن ئىنئام ئېلىپ، بەزى پارچە - پۇرات يېمەكلىكلەرنى يەيدۇ.
گىگانت مېدۇزا بىلەن پادىبېلىقى ئورتاقلىشىپ ياشاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ، مېدۇزا پادىبېلىقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ، پادىبېلىق بولسا ئۇنىڭغا دۈشمەنلىرىنى جەلپ قىلىپ باشلاپ ئەكېلىپ بېرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ تېنىدىكى مىكرو ئورگانىزملارنى تازىلاپ بېرىدۇ.