UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىئۆمۈچۈك

ئۆمۈچۈك

ھايۋاناتلار دۇنياسى ئۆمۈچۈكنىڭ تۈرى كۆپ، ئەك كىچىك تۈرلىرىنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاران5 .0 مىللىمېتىر، ئەڭ چوڭلىرىنىڭ90 مىللىمېتىر. گەرچە ئۇلارنىڭ تېنىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن جېنىنى تىكىپ قويۇپ مۇھەببەت ئىزھار قىلىدىغان خۇسۇسىيىتى ئوخشايدۇ. ئەركەك، چىشى ئۆمۈچۈكلەرنىڭ تاشقى شەكلى ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، پەقەت تېنىنىڭ رەڭگى ۋە داغ - سىزىقلىرىدا بەزى پەرقلەر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ئۇسۇلى ئىنتايىن قىزىقارلىق. ئۆمۈچۈكلەرنىڭ تۈرى بىرقەدەر كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ جۈپلىشىش «ئادىتى» مۇ ئانچە ئوخشىمايدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەڭ كۆپ تەتقىق قىلغىنى چىۋىنخور دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئۆمۈچۈك. بۇ خىل ئۆمۈچۈك مۇھەببەت ئىزھار قىلىشتا ئەركەك ئۆمۈچۈك چىشى ئۆمۈچۈك ئالدىدا بىرمەھەل ئۇسسۇل ئويناپ ئويۇن كۆرسىتىدۇ، بىر تەرەپتىن ئۇسسۇل ئويناپ، بىر تەرەپتىن چىشى ئۆمۈچۈككە ئېھتىيات بىلەن يېقىنلىشىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا چىشى ئۆمۈچۈك مىدىرلىمىسا ھەمدە ئالدى تەرەپتىكى بىر جۈپ پۇتىنى كۆكرىكىگە ئېلىپ، سېزىش بۇرۇتىنى ئاستا - ئاستا ئوينىتىپ قويسا، قارشى تەرەپنىڭ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەركەك ئۆمۈچۈك يەڭگىل قەدەم تاشلاپ، تور ئىچىگە كىرىپ چىشى ئۆمۈچۈك بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. ئەگەر ئەركەك ئۆمۈچۈك تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ ئالدىغا بارسا، چىشى ئۆمۈچۈك ئۇنى يەۋېتىشى مۇمكىن. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، چېتىشىپ بولغاندىن كېيىن كۆپ ساندىكى ئەركەك ئۆمۈچۈكنى ئاچ قالغان چىشى ئۆمۈچۈك يەۋېتىدۇ. بۇنى ھەقىقەتەنمۇ بىر ھالاكەتلىك مۇھەببەت دېيىشكە بولىدۇ. ئۆمۈچۈكلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى جەھەتتىكى پەرقلىرى ناھايىتى زور. بەزى ئۆمۈچۈكلەر بىر قېتىمدا ئاران بىرنەچچە تالدىن ئون نەچچە تالغىچە تۇخۇم تۇغىدۇ، بەزى ئۆمۈچۈكلەر بىر قېتىمدا مىڭلاپ تۇخۇم تۇغىدۇ. ئۆمۈچۈكلەرنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى يىپ ئېگىرەلەيدۇ. يىپ ئۆمۈچۈكنىڭ قورساق قىسمىدىكى يىپ ئېگىرىش بېزىدىن ئاجرىلىپ چىقىدۇ. بالا ئۆمۈچۈك يىپىدىن پايدىلىنىپ ئېگىز تاغ چوققىسىغىچە لەيلەپ بارالايدۇ؛ ماكان تۇتۇپ ياشايدىغان ئۆمۈچۈك كۈچلۈك ھەم ئېلاستىكلىق خۇسۇسىيىتى ياخشى بولغان يىپلىرى بىلەن تۇرار جاي ياسىۋالىدۇ؛ كېزىپ يۈرگۈچى ئۆمۈچۈك ھەر يەر - ھەر يەرلەردە كېزىپ يۈرۈپ، زىيانداش ھاشاراتلارنى تۇتىدۇ، ئۇلار ماڭغان يولىدا «يىپ ئۇچى» قالدۇرىدۇ؛ كۆپ ساندىكى ئۆمۈچۈكلەر يىپى بىلەن ئۆمۈچۈك تورى توقۇيدۇ. تور توقۇپ ئوزۇق تۇتۇش ئۆمۈچۈككە خاس بولغان ماھارەت. تور توقۇيدىغان ئۆمۈچۈكلەرنىڭ ياشاش خۇسۇسىيىتى ئوخشاش بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، توقۇغان تورلىرىنىڭ شەكلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۆمۈچۈك تورىنىڭ گۈمبەز شەكىللىك تور، پەركا شەكىللىك تور، رەتسىز تور ۋە داس شەكىللىك تور قاتارلىق شەكىللىرى بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ سىپتىسى چاق شەكىللىك يۇمىلاق تور، ئۇ رادىئالسىمان بولۇپ، خۇددى قەدىمكى زاماندىكى رەمنىڭ سەككىز سىمۋوللۇق بەلگىسىگە ئوخشايدۇ. ئۆمۈچۈكنىڭ يەيدىغان يېمەكلىكلىرىنىڭ دائىرىسى كەڭ. ھاشارات، سەكسەنپۇت، مىڭئاياغ، سازاڭ قاتارلىقلارنى يەيدۇ، بەزىدە ھەتتا ئۆزىدىن بىرقانچە ھەسسە چوڭ كىچىك قۇشلارنىمۇ يەيدۇ. ئېتىزلىقلاردىكى ئۆمۈچۈكلەرنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى زىيانداش ھاشاراتلارنى يەپ ياشايدۇ. ئۆمۈچۈكنىڭ ئوزۇقلۇققا ئېرىشىشىدىمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بار. ئوزۇقلۇقنى تۇتقاندا دەرھال ئاچ كۆزلۈك قىلىپ يېمەستىن ئالدى بىلەن «چىشى» نى ئوۋنىڭ تېنىگە سانجىپ، زەھەر سۇيۇقلۇقىنى كىرگۈزۈپ، ئۇنى بىھوش ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئالدىرىماي شوراپ يەيدۇ. ئۆمۈچۈك يېزا ئىگىلىكىدىكى ھەر خىل زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ كۈشەندىسى بولۇپ، بىئولوگىيىلىك ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۆمۈچۈكنىڭ دۇنيادا تەخمىنەن30 مىڭ تۈرى بار، دۆلىتىمىزدە بايقالغانلىرى1000 تۈردىن ئاشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىزناسى ھەرقايسى جايلارغا تارقالغان. ئۆمۈچۈكنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، بەزىلىرى ℃46 لۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، بەزىلىرى نۆلدىن تۆۋەن ℃20 ~ ℃30 لۇق تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. بۇمۇ، ئۆمۈچۈكلەرنىڭ كەڭ تارقىلىش خاراكتېرىنى ئالغان تۈرلەر بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى