بالانۇس قۇلۇلىسى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
1905 - يىلى مەشھۇر تسۇشىما دېڭىز ئۇرۇشىدا ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى ئويلىمىغان يەردىن روسىيىنىڭ دۇنيا بويىچە ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدۇ دەپ قارالغان بالتىق دېڭىز فلوتىنى مەغلۇپ قىلىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسلىرى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ھەربىي پاراخوتلارنىڭ سۈرئىتى ئالدىن پىلانلانغان سۈرئەتكە يېتەلمىگەنلىكى روسىيە فلوتىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. پاراخوتلارنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋەتكەن باش جىنايەتچى پاراخوتلارنىڭ تېگىگە چاپلىشىۋالغان ھايۋان بالانۇس قۇلۇلىسى ئىدى. چارروسىيە دېڭىز فلوتى بالتىق دېڭىزىدىن ياپون دېڭىزىغا كەلگىچە دېڭىزدا بىر يىلدىن ئارتۇق ماڭغان. مېڭىش جەريانىدا پاراخوتلارنىڭ تېگىگە بالانۇس قۇلۇلىسىگە ئوخشاش يېپىشىپ ياشىغۇچى جانلىقلار كۆپ مىقداردا چاپلىشىۋالغانلىقتىن پاراخوتنىڭ ئېغىرلىقى ۋە قارشىلىق كۈچى ئېشىپ كېتىپ، سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتكەن.
بالانۇس قۇلۇلىسىنىڭ تېنىنىڭ سىرتىدا قاتتىق قاپچۇق پلاستىنكىلىرى بولىدۇ. ئوتتۇرىسىدىن خۇددى كىچىك - كىچىك يانار تاغلارغا ئوخشاش بىر تۆشۈك قالدۇرۇلغان. ئۇلار تاش، پاراخوت ۋە دېڭىزدىكى باشقا ئەسلىھەلەرگە چاپلىشىۋالىدۇ، ھەتتا باشقا قۇلۇلىلەرگە، كىتقا، قىسقۇچپاقىنىڭ قېپىغا ماكانلىشىپ دېڭىز سۈيىدىكى ئورگانىك ماددىلارنى سۈزۈپ يەپ ھايات كەچۈرىدۇ، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان يېرى ئۇلار راك، قىسقۇچپاقىلارغا ئوخشاش قاسىراقلىق ھايۋانلارغا كىرىدۇ. ئۇلارنىڭ تاشقى شەكلى گەرچە راك، قىسقۇچپاقىلارغا ھەرگىز ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما تۇغۇلۇشىدىن گۆدەك تەنچىگە ئايلانغۇچە بولغان باسقۇچلىرى ئۇلارغا تامامەن ئوخشايدۇ.
بالانۇس قۇلۇلىسىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئوكيانلىرىغا تارقالغان، دېڭىز سۈيىنىڭ ئۆرلەش - پەسىيىش بەلۋېغىدىن تارتىپ تاكى چوڭقۇر دېڭىزغىچە ئۇلارنىڭ ئىزناسى بولىدۇ. ئۇنىڭ تېنى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانلارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ. ئۇ پاراخوت تېگىگە چاپلىشىۋېلىپ، پاراخوتنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سۈرئىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. مېتالدىن ياسالغان ئەسلىھەلەرگە چاپلىشىۋېلىپ، مېتال يۈزىدىكى سىرغا ئوخشاش قوغدىغۇچى قەۋىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مېتالنىڭ چىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ. بالانۇس قۇلۇلىسىنىڭ تاش ياكى مېتاللارنىڭ يۈزىگە مەھكەم چاپلىشىۋېلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ «بالانۇس يېلىمى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل يېپىشقاق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ يېپىشىش خۇسۇسىيىتىنىڭ كۈچلۈكلۈكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇنى قىرىپ چۈشۈرۈۋېتىشكە توغرا كەلسە، پاراخوتنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى پولات قەۋىتىنىمۇ قوشۇپ قىرىۋېتىش كېرەك.
گەرچە بالانۇس قۇلۇلىسى دېڭىزدىكى ئەسلىھەلەرگە ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرسىمۇ، لېكىن، كىشىلەر ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتىدىن ئىلھام ئېلىپ، »بالانۇس يېلىمى« نى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. پاراخوتنى رېمونت قىلىشتا بۇ خىل يېلىمنى ئىشلەتسە، سۇ ئاستىدىكى پولات تاختىنىڭ تۆشۈكلىرىنى ياكى يوچۇقلىرىنى بىرقانچە مىنۇتقا قالمايلا يەملىۋەتكىلى بولىدۇ. مېدىتسىنادا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قان توختاتقىلى ۋە جاراھەت ئېغىزىنى چاپلىۋەتكىلى بولىدۇ، ئوپېراتسىيە قىلىنغان پىچاق ئىزىنى چاپلىسا خۇددى قەغەز چاپلىغاندەك ئوڭاي بولىدۇ.