UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىمۈڭگۈزلۈك چارپاقا

مۈڭگۈزلۈك چارپاقا

ھايۋاناتلار دۇنياسى مۈڭگۈزلۈك چارپاقا چارپاقىغا ئوخشايدىغان بىر خىل كەسلەنچۈك. بېشىدا مۈڭگۈزى، تېنى ۋە قۇيرۇق قىسمىدا ئۇششاق قويۇق تىكەنلىرى بولىدىغانلىقى، بولۇپمۇ بېشىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى بەزى مۈڭگۈزلۈك تىكەنلىرى توم ھەم ئۆتكۈر بولىدىغانلىقى ئۈچۈن مۈڭگۈزلۈك چارپاقا دەپ ئاتالغان. ھايۋانات دۇنياسىدىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئۆزىگە خاس قالتىس چارىلىرى بار. دېڭىز - ئوكيانلاردىكى سۇ پۈركۈگۈچ بېلىق ئاغزىدىن سۇ پۈركۈپ چىقىرىپ، سۇنى قىرغاقتىكى ھاشاراتقا دەل تەگكۈزۈپ ئۇرۇپ چۈشۈرىدۇ. قۇرۇقلۇقتىكى ئاغمىخان مەقئىتىدىن ئىنتايىن سېسىق بىر خىل ئاجراتمىنى چىقىرىپ قوغلاپ كەلگەن دۈشمىنىنى توسۇپ قالىدۇ. مۈڭگۈزلۈك چارپاقىنىڭ ماھارىتى ئاجايىپ غەلىتە بولۇپ، كۆزىدىن قان پۈركۈپ چىقىرىپ دۈشمەنلىرىگە زەربە بېرىدۇ. ئۇ خەتەرگە يولۇققاندا ئالدى بىلەن خۇددى توپقا يەل ئۇرغاندەك قورسىقىنى راسا كۆپتۈرىدۇ. بۇ چاغدا تېنىدىكى ھەربىر تال مۈڭگۈزلۈك تىكىنى دىڭ تۇرۇپ، كۆزى قىزىرىشقا باشلايدۇ؛ ئارقىدىنلا كۆزىدىن قان ئېتىلدۇرۇپ چىقىرىپ، دۈشمىنىگە ئەجدىھا ئوت پۈركۈگەندەك پۈركۈيدۇ. ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان ھايۋان قان پۈركۈيدىغان بۇ خىل غەلىتە مەخلۇقنى كۆرۈپ چېكىنمەي قالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل «كۆزىدىن قان پۈركۈش» بىر ھەيۋە بولۇپ، ئۆلتۈرۈش، زەخىملەندۈرۈش كۈچى بولمايدۇ. مۈڭگۈزلۈك چارپاقا سۇ كەمچىل بولىدىغان تروپىك بەلۋاغ چۆللۈكلىرىدە ياشايدۇ، تېنىنىڭ رەڭگى پەسىلنىڭ ئىسسىق - سوغۇق ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئىسسىق بولغاندا رەڭگى سۇسراق بولىدۇ، سوغۇق بولغاندا بىرقەدەر قېنىق بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېنىنىڭ قۇياش نۇرىدىكى ئىسسىقلىقنى سۈمۈرۈش چېكىنى تەڭشەيدۇ. ئۇنىڭدا يەنە تۈسداشلىق ماھارەت بار بولۇپ، شېغىل تاشنىڭ رەڭگى ۋە شەكلىنى دورىيالايدۇ. ئۇ چۆلدە ياتقاندا تېنىنىڭ رەڭگى شېغىل تاشقا ئاساسەن دېگۈدەك ئوخشايدۇ، بۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. مۈڭگۈزلۈك چارپاقىنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى7 ~15 سانتىمېتىر بولۇپ، تاشقى كۆرۈنۈشى چارپاقىغا ناھايىتى ئوخشايدۇ. قۇيرۇقى توم، ياپىلاق، ئۇچى ئۇچلۇق، ناھايىتى مۇستەھكەم بولۇپ، ئوڭاي ئۈزۈلۈپ كەتمەيدۇ. بۇ تەرىپى يەنە كەسلەنچۈككە ئوخشىمايدۇ، كەسلەنچۈكنىڭ قۇيرۇقى ناھايىتى ئاسان ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ. مۈڭگۈزلۈك چارپاقا ئادەتتە قۇرغاق جايلاردا ياكى قۇملۇق يەردە كامارغا كىرىۋېلىپ، بېشىنى چىقىرىپ قويۇپ، ھاشاراتلارنى تۇتۇپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى