UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىتۇغۇت ئانا پاقا

تۇغۇت ئانا پاقا

ھايۋاناتلار دۇنياسى فرانسىيە، بېلگىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان تۇغۇت ئانا پاقا (ياۋروپا لىچىك چارپاقىسى) ئادەتتە سۇدا ياشايدۇ. كۆپىيىش مەزگىلى كەلگەندە ئەركەك، چىشى پاقىلار جۈپ - جۈپى بىلەن قۇرۇقلۇققا چىقىدۇ. ئەركەك پاقا ئالدى بىلەن چىشى پاقىنىڭ يېنىدا جىم تۇرۇپ ساقلايدۇ، پات - پات يۇقىرى ئاۋازدا كۇركىراپ قويىدۇ. چىشى پاقا تۇخۇم تۇغىدىغان ۋاقىتتا ئەركەك پاقا ئۇنىڭ دۈمبىسىگە يېپىشىۋېلىپ، چىشى پاقا تۇغقان شىلىمشىق تۇخۇم تاسمىلىرىنى ئارقا پۇتىغا يېپىشتۇرۇۋالىدۇ ھەمدە ئارقا پۇتىدا تۇخۇم تاسمىسىنى ئېھتىيات بىلەن تارتىپ چىقىرىپ چىشى پاقىنىڭ ئوڭۇشلۇق تۇغۇشىغا ياردەم قىلىدۇ. بۇ ئىشى تۇغۇت ئانىلىرىنىڭ بالا تۇغدۇرغىنىغا ئوخشايدۇ، شۇڭا ئۇ تۇغۇت ئانا پاقا دەپ ئاتالغان. تۇخۇم تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن چىشى پاقا كېتىپ، تۇخۇم باسۇرۇش ۋە قۇمچاقلىرىنى بېقىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئەركەك پاقىغا تاپشۇرىدۇ. ئەركەك پاقا تۇخۇم تاسمىلىرىنى ئارقا پۇتىغا چىرمىۋېلىپ، كۈندۈزى قاراڭغۇ كامارلاردا ياتىدۇ، كېچىسى سۇغا چۈشۈپ تۇخۇم تاسمىلىرىنى نەمدەپ تۆرەلمىسىنىڭ يېتىلىشىنى يېتەرلىك سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ تەخمىنەن20 كۈندىن كېيىن ئەركەك پاقا تۇخۇم تاسمىلىرىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم نەمدەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تۇخۇملارنى سۇغا چېچىۋېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئەركەك پاقا سۇدىن قۇرۇقلۇققا چىقماي، ئۆزى زاكىلاپ بېقىۋاتقان بالىلىرىنى قوغدايدۇ. سۇغا قويۇپ بېرىلگەن تۇخۇملاردىن ناھايىتى تېزلا قۇمچاقلار چىقىدۇ، ئۇلار دادىسىغا ئەگىشىپ يۈرۈپ بەھۇزۇر سۇ ئۈزىدۇ، بىر مەزگىل يېتىلگەندىن كېيىن ھالەت ئۆزگەرتىپ كىچىك پاقىغا ئايلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
تۇغۇت ئانا پاقا | UyghurWiki | UyghurWiki