UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىباغۋەنقۇش

باغۋەنقۇش

ھايۋاناتلار دۇنياسى ئەركەك باغۋەنقۇش (ئامبليورىنس قۇشى) نىڭ كامالەتكە يەتكەن قۇرۇلۇش تېخنىكىسىنى باشقا ھەرقانداق قۇش دورىيالمايدۇ. باغۋەنقۇش ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى گۋىنىيىگە تارقالغان. ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرنىڭ ياسىغان قۇرۇلمىلىرىمۇ زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. بېزەك بۇيۇملىرىنى تاللاش ۋە جۈپلىشىش رەسمىيىتىمۇ خىلمۇخىل بولىدۇ. ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى يامغۇرلۇق ئورماندا ياشايدىغان سۆسۈن باغۋەنقۇشنىڭ ئەركىكى ئۆسۈپ يېتىلگەندىن كېيىن، چېتىشىش مەزگىلى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇنلا جورىسىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش ئۈچۈن شىپاڭ ياساشقا باشلايدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن ئورمان ئارىسىدىكى بوشلۇق يەردىن دەرەخ سايىسى ئانچە چۈشمەيدىغان ئورۇننى تاللاپ1 كۋادرات مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان بىر پارچە يەرنى تازىلاپ، دەستە - دەستە دەرەخ شاخلىرىنى ئۆزئارا پاراللېل قىلىپ، ئىككى قاتار تىزىپ، شىپاڭغا تۇتىشىدىغان بىرقانچە10 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دەرەخلىك يول ياساپ، ئاندىن شىپاڭ ياساشقا تۇتۇش قىلىدۇ ھەمدە شىپاڭنى سارغۇچ يېشىل شاخ - يوپۇرماق، كۆك ۋە سېرىق رەڭلىك گۈللەر، كۆك شىرنىلىك مېۋىلەر ۋە شاتۇتىنىڭ پەيلىرىنى تاللاپ بېزەيدۇ، ھەتتا يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئەينەك مارجان (شارىك)، تۈگمە، رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە سىملارنى تېپىپ كېلىپ بېزەك ماتېرىيالى قىلىدۇ. ئۇ يەنە كۆك رەڭلىك شىرنىلىك مېۋىنىڭ شىرنىسى بىلەن شىپاڭنىڭ ئىچىنى بويايدۇ. ئۇلار ئىشىكنى شىپاڭنىڭ جەنۇب تەرىپىگە قارىتىدۇ، بۇنداق بولغاندا كۈن نۇرى تېخىمۇ ئوبدان چۈشىدۇ. ئىشىك ئالدىدىكى بوش يەرگە ئۇششاق شاخ ۋە ئوت - چۆپلەرنى يېيىتىپ سالىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە ھەر خىل يىغىپ ساقلايدىغان يادىكارلىقلىرى، مەسىلەن، يوپۇرماق، گۈل، مېۋە، موگۇ (گۈمبىمەدەك)، كۋارتس قۇملىرى، كىچىك پىچاق، چاچ قىسقۇچ (ئارا)، قايچا، كۆزەينەك، تەڭگە پۇل، قۇلۇلە قاپچۇقى قاتارلىقلار بولىدۇ، بۇلارنى چىشى قۇشقا مۇھەببەت ئىزھار قىلىدىغان چاغدا كۆز - كۆز قىلىدىغان دەسمايە قىلىدۇ. يىغىپ كەلگەن گۈل ۋە شىرنىلىك مېۋە قۇرۇپ قالسا ئورنىغا يېڭىسىنى تولۇقلاپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يىغىپ ساقلايدىغان يادىكارلىقلىرىنى ئىمكانقەدەر كۆپەيتىدۇ، ھەتتا بىر - بىرىنىڭكىنى ئوغرىلايدۇ. ئەگەر چىشى قۇش چىرايلىق بېزەلگەن شىپاڭ ئالدىغا كېلىپ قالسا ئەركەك قۇش قىن - قىنىغا پاتماي، شىپاڭنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ قارشى تەرەپكە «ھۇجرا» سىنىڭ چىرايلىقلىقىنى تونۇشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇھەببەت ئىزھار قىلىدىغان لەرزان ئۇسسۇلىنى ئوينايدۇ، ھەر خىل نەپىس ئەتىۋارلىق بۇيۇملارنى تۇمشۇقىدا چوقۇلاپ ئېلىپ مېھمىنىنى ھۇزۇرلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ئويۇنى چىشى قۇشنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشكىچە داۋاملىشىدۇ، چىشى قۇشنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن «ھۇجرا» غا كىرىدۇ. باغۋەنقۇشنىڭ شىپاڭى پەقەت جۈپلىشىش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن ھۇجرا بولۇپ، ئەمەلىيەتتە تۇخۇم باسۇرىدىغان چاڭگىنى چىشى قۇش جۈپلىشىپ بولغاندىن كېيىن ياسايدۇ. بۇ بىر خىل ئىستاكان شەكىللىك چاڭگا بولۇپ، شىپاڭدىن نەچچە100 مېتىر يىراقلىقتىكى بوش يەرگە ياكى دەرەخ شېخىغا سالىدۇ. چىشى قۇش تۇخۇمنى ئۆزى يالغۇز باسۇرىدۇ ۋە بالىلىرىنى باقىدۇ، ئەركەك قۇش بولسا يەنە باشقا چىشى قۇشلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق شىپاڭ ياساش بىلەن ئالدىراپ يۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
باغۋەنقۇش | UyghurWiki | UyghurWiki