UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىپىلسىمان تاشپاقا

پىلسىمان تاشپاقا

ھايۋاناتلار دۇنياسى 400 يىللار بۇرۇن ئىسپانىيىلىكلەر ئېكۋاتورنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بىر يالغۇز ئارالدىن غايەت زور بىر خىل تاشپاقىنى بايقىغان. ئۇنىڭ قېپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى5 .1 مېتىر، ئېغىرلىقى250 كىلوگرام، پۇتلىرى توم ھەم مەزمۇت بولۇپ، پىلنىڭ پوتىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭا «پىلسىمان تاشپاقا» دەپ نام بېرىلگەنىدى. ئىسپانىيىلىكلەر بۇ ئارالغا «گالاپاگوس» دەپ ئىسىم قويغان. ئۇنىڭ مەنىسى «تاشپاقا ئارىلى» دېگەن بولىدۇ. پىلسىمان تاشپاقا سۇلۇق كاكتۇسنى يېيىشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، ھەر كۈنى10 كىلوگرامدىن ئارتۇق كاكتۇس يەيدۇ. ئۇ ئادەتتە تېنىدە كۆپ مىقداردا ئوزۇقلۇقنى زاپاس ساقلايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇزاق ۋاقىت بىرەر نەرسە يېمىسىمۇ ئاچلىقتىن ئۆلمەيدۇ. ئۆمرى ئۇزۇن بولۇپ،300 −400 يىل ياشىيالايدۇ. پىلسىمان تاشپاقا گەرچە دېڭىز ئارىلىدا ياشىسىمۇ، لېكىن تاتلىق سۇنىلا ئىچىدۇ. بەزىدە تاتلىق سۇ تېپىپ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بىرقانچە كىلومېتىر جايغا ئۆمىلەپ بېرىپ سۇ مەنبەسىنى ئىزدەيدۇ، سۇ ئىچكەندە كۆپ مىقداردىكى سۇنى دوۋسۇنىدا زاپاس ساقلاپ قويىدۇ. يەرلىك خەلقلەر سۇ كەمچىل بولغاندا، ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن پىلسىمان تاشپاقىنىڭ دوۋسۇنىدىكى سۇنى چىقىرىپ ئىچىدۇ. پىلسىمان تاشپاقا كۈچلۈك ئاپتاپتىن قورقىدۇ، دەرەخ سايىسىدا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. توختىماي يامغۇر ياغىدىغان يامغۇرلۇق پەسىلدە تاغدىن چۈشۈپ ماكانلىشىدۇ. قۇرغاقچىلىق پەسلى يېتىپ كېلىش ۋاقتىدا يەنە تۇمانلىق چوققىلارغا كۆچۈپ چىقىدۇ. ئۇ ھەركۈنى6 كىلومېتىر ئۆمىلەپ ماڭالايدۇ. دۈمبىسىگە ئىككى ئادەم چىقىۋالسىمۇ، ئوخشاشلا ئۆمىلەپ مېڭىۋېرىدۇ. قىزىقارلىق يېرى، يەرلىك خەلقلەر ئۇنىڭ چوڭ، قاتتىق قېپىنى بۆشۈك ئورنىدا ئىشلىتىدۇ
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
پىلسىمان تاشپاقا | UyghurWiki | UyghurWiki