UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىدېڭىز يۇلتۇزى

دېڭىز يۇلتۇزى

ھايۋاناتلار دۇنياسى دېڭىز يۇلتۇزى يۈكسەك دەرىجىدە «تېنىنى پارچىلاش» ماھارىتى بار تىكەن تېرىلىك ھايۋان. دېڭىز بويىدىكى دېڭىز سۈيى پەسەيگەن قۇملۇق ساھىلدا ياكى خادا تاشلار ئارىسىدا ئالىقانچىلىك چوڭلۇقتىكى، شەكلى بەش شوئارغا ئوخشايدىغان بىر خىل ھايۋاننى دائىم ئۇچرىتىمىز، ئۇ بولسىمۇ دېڭىز يۇلتۇزىدۇر. دېڭىز يۇلتۇزىنىڭ تېنى بەش تال (ياكى بەشنىڭ ھەسسە سانى) سىممېترىك بارماق ۋە بەش تال بارماقنىڭ تۇتۇشۇش ئورنى بولغان تەن تەخسىسىدىن تەركىب تاپىدۇ. ھەرىكەت قىلىشتا بارماقلىرىنى پۇت ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بارمىقىنى تاش بېسىۋالسا ياكى دۈشمىنى چىڭ چىشلىۋالسا، بېسىلىپ قالغان ياكى دۈشمىنى چىشلىۋالغان بارمىقىنى ئۆزلۈكىدىن ئۈزۈۋېتىپ، تېنىنى «پارچىلاپ» جېنىنى قۇتقۇزىدۇ. دېڭىز يۇلتۇزىنىڭ قايتا ئۆسۈش (رېگىنراتسىيە) ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن كەملەپ قالغان بارمىقى قايتىدىن ئۆستۈرۈپ چىقىدۇ. دېڭىز يۇلتۇزى تېنىنىڭ دۈمبە تەرىپى سەل تومپىيىپ تۇرىدۇ، رەڭگى سۇس سېرىق ياكى قىزغۇچ سېرىق، قورساق تەرىپى تۈز ياپىلاق، ئاغزى بار. دېڭىز يۇلتۇزىنىڭ رەڭگى ئوچۇق، چىرايلىق. ئۇ گۆشخور دېڭىز ھايۋىنى بولۇپ، قۇلۇلىلەرنى ياخشى كۆرۈپ يەيدۇ. يېمەكلىك كەمچىل بولغاندا ۋاپاسىزلىق قىلىپ يېقىن تۇغقىنى بولغان دېڭىز كىرپىسىنى يەيدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ يەيدۇ. دېڭىز يۇلتۇزىدا بىر خىل تەلۋە كۈچ بار بولۇپ، قاتتىق قاپچۇقى بار سەدەپدارنىمۇ يېيەلەيدۇ. سەدەپدارغا يولۇققاندا، دېڭىز يۇلتۇزى بەش بارمىقى بىلەن ئۇنى مەھكەم تۇتۇۋېلىپ ھەرگىز قويۇپ بەرمىگەچكە سەدەپدار ماغدۇرسىزلىنىپ ئىككى قاپچۇقى بوشاپ كېتىدۇ. دېڭىز يۇلتۇزى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قاپچۇق ئىچىگە قىسىلىۋالىدۇ ھەمدە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىپ سەدەپدارنى بىھوش قىلىدۇ، ئېغىزىدىن ئۆرۈلۈپ چىققان ئاشقازىنىنى ئىككى قاپچۇق ئارىسىدىكى يوچۇقتىن ئىچكىرىلەپ كىرگۈزۈپ سەدەپدارنىڭ يۇمشاق تېنىنى ئورىۋېلىپ ئۇنى بىمالال يەۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دېڭىز يۇلتۇزى سەدەپدار باقمىچىلىقىدىكى چوڭ دۈشمەن ھېسابلىنىدۇ. بەزى بېلىقچىلار دېڭىز يۇلتۇزىنىڭ سەدەپدارلارنى ئوغرىلاپ يەيدىغانلىقى، يەمچۈكلەرنى يەۋېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن بىزار بولۇپ، تۇتۇۋېلىپ پارچە - پارچە قىلىپ دېڭىزغا تاشلىۋېتىدۇ. بۇنداق قىلغاندا دېڭىز يۇلتۇزى تېخىمۇ تېز كۆپىيىپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ قايتا ئۆسۈش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى