UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىشىمال بۇغىسى

شىمال بۇغىسى

ھايۋاناتلار دۇنياسى شىمال بۇغىسى شىمالىي يېرىم شارنىڭ ئەڭ شىمالىي قىسمىدا ياشايدىغان سوغۇق بەلۋاغ ھايۋىنى بولۇپ، ئاساسلىقى شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكى ئىچىگە تارقالغان. دۆلىتىمىزنىڭ چوڭ ھىنگان رايونىنىڭ غەربىي شىمالى قىسمىدىمۇ بار. ياۋا شىمال بۇغىسىنىڭ ئۆزگىچە خۇسۇسىيىتى كوللېكتىپ كۆچۈش ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىلى قىش كىرگەندە مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن شىمال بۇغىسى يىغىلىپ غايەت زور بۇغا توپىنى تەشكىل قىلىپ، شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ يۈرۈش قىلىپ توڭ تۇپراقلىق ئورمان بەلۋېغىنىڭ چەت جايلىرىغا كۆچىدۇ. شىمال بۇغىسىنىڭ10 −11 - ئايلاردا قىشلايدىغان رايونغا بارىدىغان يول ئۈستىدە چېتىشىش مەزگىلى يېتىپ كېلىدۇ. ئەركەك بۇغا بىر مەيدان كەسكىن ئېلىشقاندىن كېيىن چىشى بۇغا بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك چېتىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەركەك بۇغىلار سانى كۆپ بولمىغان بىرقانچە كىچىك توپ بولۇۋېلىپ داۋاملىق جەنۇبقا كۆچىدۇ، بوغاز بولغان چىشى بۇغا ۋە بۇغا موزايلىرى توڭ تۇپراقلىق بەلۋاغنىڭ جەنۇبىدا يول ئۈستىدە تۇرۇپ قالىدۇ. ئىككىنچى يىلى باھاردا شىمال بۇغىسى يەنە شىمال تەرەپكە، شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ قىرغاقلىرىغا يۈرۈش قىلىدۇ. ئادەتتە يېتىلگەن چىشى بۇغا ئالدىدا يول باشلايدۇ.4 −5 - ئايلاردا بۇغا توپى ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان توڭ تۇپراقلىق بەلۋاغنىڭ خىلۋەت جايىغا بېرىپ، موزايلىرىنى باقىدۇ. شىمال بۇغىسىنىڭ بىر جۈپ چوڭ، ئاچىلىرى كۆپ، ناھايىتى رەتسىز ئۇزۇن مۈڭگۈزى بولىدۇ. باشقا بۇغىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئاجايىپ تۆت تۇيىقى بولىدۇ. ھەربىر تۇيىقىنىڭ تۆت بارمىقىنى قاپلاپ تۇرغان مۈڭگۈزسىمان «ئايىغى» بولىدۇ، ئىككى تەرەپتىكى «ئايىغى» ناھايىتى ئۇزۇن، بىۋاسىتە يەرگە تېگىپ تۇرىدۇ. ئوتتۇرا بارمىقىدىكى مۈڭگۈزسىمان ئايىغى ناھايىتى كەڭ، گۈرجەككە ئوخشاش ئېگىلىپ تۇرىدۇ. بۇغا پاتقاقتا ياكى يۇمشاق قار ئۈستىدە ماڭغاندا، بارماقلىرىنى سوزۇپ ئاچىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تۆت تۇيىقى بىر خىل «قار ئايىغى» غا ئايلىنىدۇ، ئۇ يەنە قار قاتلىمىنى كولاپ ئاچىدىغان كۈچلۈك قورالى. شىمال بۇغىسىنىڭ كۈچلۈك ھەم چاققان پۇتلىرى ۋە مۇستەھكەم، كەڭ تۇياقلىرى بولغاچقا تۆمۈر گۈرجەك بىلەنمۇ تەستە قېزىلىدىغان قارنى قېزىپ،1 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قار ئاستىدىن ئوزۇقلۇق تېپىپ يېيەلەيدۇ. شىمال بۇغىسىنىڭ يەنە سوغۇققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، سۇ ئۈزۈش ماھارىتىمۇ ياخشى. تېنى قويۇق يۇڭلار بىلەن قاپلانغان بولۇپ ئىچكى، تاشقى قەۋەت دەپ ئىككى قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ. تاشقى قەۋىتىدىكى يىرىك، ئىنچىكە يۇڭلىرىنىڭ ئىچىگە ھاۋا تولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار ھەم ئۇزۇن، ھەم چۈرۈك؛ ئىچكى قەۋىتىدىكى تىۋىتلىرى ھەم يۇمشاق، ھەم قويۇق، تىۋىتلەر ئارىلىقىدىمۇ ھاۋا بولىدۇ. شىمال بۇغىسىنىڭ تېرە ئاستى ماي قەۋىتىمۇ ناھايىتى قېلىن بولىدۇ. يۇقىرىقىدەك تۈزۈلۈشلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار قار ‐ مۇز بىلەن قاپلانغان دالىلاردا ياشاپ قالالىغان. شىمال بۇغىسى ئۆسۈملۈكخور ھايۋان بولۇپ، لىشاينىك ۋە مۇخلارنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ. يېشىل ئوت - چۆپلەر، سۆگەت يوپۇرمىقى ۋە يېڭى موگۇ (گۈمبىمەدەك) لەرنىمۇ يەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ شىمال بۇغىسىنى كۆندۈرۈش تارىخى1000 يىلدىن ئاشىدۇ. ئۇ، قارلىق دالىلاردىكى ياخشى قاتناش قورالى بولۇپلا قالماستىن، كىشىلەرنى يەنە گۆش، سۈت، ماي، يۇڭ - تېرە قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇغا مۈڭگۈزى دورا قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى