بۇلبۇل
ھايۋاناتلار دۇنياسى
بۇلبۇل پاشىنىڭ كۈشەندىسى. ئۇلار كۈندۈزى كۆپىنچە تاغدىكى ئورماندا ياكى تاغ جىلغىلىرىدىكى قويۇق چاتقاللىقتا ياشايدۇ، تاغ باغرىدىكى چۆپلۈكتە ياكى توم دەرەخ شېخىغا چاپلىشىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. كېچىسى چىقىپ پاشا ۋە پەرۋانىلەرنى تۇتۇپ يەيدۇ، بولۇپمۇ گۇگۇم چۈشكەندە ۋە تاڭ سەھەردە ناھايىتى جانلىنىپ كېتىدۇ. بۇلبۇل پاشا يېيىشكە ماھىر، يەنە كۆپلىگەن زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتالايدۇ، شۇڭا يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىققا كەلتۈرىدىغان پايدىسى كۆپ.
قىش كىرىپ ھاۋا سوۋۇغاندا، پاشىلار يوقىلىپ، ئوزۇقلۇقى كېمىيىپ كېتىدۇ، شۇڭا بۇلبۇل ئۇخلاپ ئېنېرگىيە تېجەپ ئوزۇقلۇق كەمچىل بولغان سوغۇق پەسىلدىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن دەرەخ كامېرىغا كىرىۋېلىپ ئۇخلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇلبۇلنىڭ بۇ خىل ئۇخلاش ھادىسىسى كىلىمات ۋە ئوزۇقلۇق شارائىتىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقى ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن.
بۇلبۇل كېچىدە ھەرىكەت قىلىدىغان داڭلىق قۇشلارنىڭ بىرى، كۆزى ئالاھىدە چوڭ، كۆرۈش سېزىمى ئۆتكۈر بولۇپ، ئاجىز يورۇقلۇقتا پاشا ۋە پەرۋانىلەرنى بايقىيالايدۇ. پەيلىرى يەڭگىل، يۇمشاق، شۇڭا كېچىدە ئۇچقاندا ئاۋاز چىقارمايدۇ، تېز بۇرۇلۇش ھەرىكىتى قىلالايدۇ، سىيرىلىپ، لەيلەپ ئۇچالايدۇ. بۇلبۇلنىڭ تۇمشۇقى بىرقەدەر كەڭ بولىدۇ، گىرۋىكىدىكى پەيلىرى بۇرۇتقا ئۆزگەرگەن بولۇپ، سېزىش ۋە توردەك ئوزۇقلۇق تۇتۇش رولىنى ئويناپ، ئۇچۇۋاتقاندا ھاشاراتلارنى تۇتۇشقا ماسلاشقان. بۇلبۇلنىڭ ئالدى بارماقلىرىنىڭ تۈۋى بىرلىشىپ كەتكەن، ئوتتۇرا تىرنىقىدا تارغاقسىمان گىرۋىكى بولىدۇ، ئۇ بىر تەرەپتىن يامىشىشقا باب كېلىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن بۇرۇتىغا يېپىشىپ قالغان ھاشاراتلارنى تاراپ چىقىرىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇلار كۈندۈزى دەرەخ غولىغا يېپىشىۋالغاندا پەيلىرىنىڭ رەڭگى دەرەخ قوۋزىقىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا قوغدىنىش رەڭگىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ.5
- ئاي بىلەن7 - ئاينىڭ ئارىلىقى بۇلبۇلنىڭ كۆپىيىش مەزگىلى بولۇپ، ئەركەك، چىشى بۇلبۇللار نۆۋەت بىلەن تۇخۇم باسۇرىدۇ، تەخمىنەن6 ~18 كۈندىن كېيىن تۇخۇمدىن چىقىدۇ. تۇخۇمدىن يېڭى چىققان بالىسىنىڭ پۈتۈن تېنى يالىڭاچ، كۆزى يۇمۇق بولىدۇ، ئۇ كېچىكىپ يېتىلىدىغان قۇش بولۇپ، بىر مەزگىل باققاندىن كېيىن ئاندىن چوڭىيىپ كىچىك قۇشقا ئايلىنىدۇ.
دۆلىتىمىزدە بۇلبۇلنىڭ ئادەتتىكى تۈرى كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇ شىزاڭ، شەرقىي شىمال، جەنۇبىي جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا جۇڭگو رايونلىرىغا تارقالغان. دۆلەت سىرتىدا ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمى ۋە جەنۇبىي قىسمىدا ئۇچرايدۇ. ھەر يىلى ھىندونېزىيىدىكى ئاراللارغا بېرىپ قىشلايدۇ.