بۆرە ئۆمۈچۈك
ھايۋاناتلار دۇنياسى
بۆرە ئۆمۈچۈكى (لىكوس ئۆمۈچۈكى) ئۆمۈچۈكلەرنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئادەتتە سەييارە ياشايدۇ، كۆپىيىش مەزگىلىگە كەلگەندە ئەركەك بۆرە ئۆمۈچۈك بارچە ئاماللار بىلەن چىشى ئۆمۈچۈككە خۇشامەت قىلىپ، سادىقلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
بۆرە ئۆمۈچۈك جورا ئىزدەشتە، ئالدى بىلەن چىرايلىق بىر كىچىك تور توقۇپ ئىسپېرما سۇيۇقلۇقىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە چاچىدۇ، ئاندىن تۈزۈلۈشى ئالاھىدە بولغان ئاياغ بۇرۇتچىسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىسپېرما سۇيۇقلۇقىنى سۈزۈپ ئېلىپ مېھرىبانلىق بىلەن چىشى ئۆمۈچۈككە يېقىنلىشىدۇ. ئەگەر چىشى ئۆمۈچۈك مىدىرلىماي ياتسا، ئاندىن چېتىشالايدۇ. چېتىشىپ بولغاندىن كېيىن چىشى ئۆمۈچۈك ئەركەك ئۆمۈچۈكنى ۋەھشىيلەرچە يەۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەركەك ئۆمۈچۈك قىسقا ئۆمۈرلۈك «كۈيئوغۇل» بولۇپ قالىدۇ.
چىشى بۆرە ئۆمۈچۈك گەرچە قاتىللىق قىلىپ ئۆگىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن بالىلىرىنى بېقىشتا ئىنتايىن مېھرىبان. ئۇ، تۇخۇم تۇغۇشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئۆمۈچۈك يىپلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇغۇت كۆرپىسى سالىدۇ، ئاندىن تۇخۇملىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇغۇپ، تۇخۇملىرىنى شامال، يامغۇردىن ساقلاش ئۈچۈن، ئۈستىنى ئۆمۈچۈك يىپلىرى بىلەن يېپىپ، سىرتى قېلىن تاۋار بىلەن ئورالغان، ئىچىگە «يۇمشاق يىپەك يوتقان» سېلىنغان تۇخۇم خالتىسى ياسايدۇ. چاتاق چىقىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۆرە ئۆمۈچۈك تۇخۇم خالتىسىنى قورساق قىسمىغا قويۇپ، ئىككى ئۇزۇن پۇتى بىلەن قىستۇرۇۋېلىپ بىللە ئېلىپ يۈرىدۇ.
بۆرە ئۆمۈچۈك بالىسى تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن چىشى ئۆمۈچۈك بالىسىغا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كېتىدۇ. بالىلىرى ئانىسىنىڭ دۈمبىسى ياكى قورساق قىسمىغا چىقىۋالىدۇ، ئانىسى ئۇلارنى ھاپاش قىلىپ نەگىلا بارسا بىللە ئېلىپ يۈرۈپ، ئوۋ ئوۋلايدۇ. شۇنداق بېقىپ بالا ئۆمۈچۈك ئىككىنچى قېتىم قاسىراق تاشلىغاندا ئانىسى خاتىرجەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل جان بېقىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ.
بۆرە ئۆمۈچۈك بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار تىپى، ئۆمۈچۈكسىمانلار سىنىپىغا تەۋە ھايۋان بولۇپ، زىيانداش ھاشاراتلارنى ئۆلتۈرىدۇ، شۇڭا ئۇ پايدىلىق ھايۋان ھېسابلىنىدۇ.