UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىمېنۇرا قۇشى

مېنۇرا قۇشى

ھايۋاناتلار دۇنياسى ئاۋسترالىيىنىڭ تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىقىدا بىر خىل ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان قۇش مېنۇرا قۇشى (گىتار قۇش) بار. ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ئالاھىدە، گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق، يەنە باشقا قۇشلارنىڭ سايراش ئاۋازىنى دورىيالايدۇ، ئۇنى ھەر تەرەپتىن يېتىشكەن تالانتلىق «ئاۋاز دوراش ئۇستىسى» دېيىشكە بولىدۇ. مېنۇرا قۇشىنىڭ قۇيرۇقى ئىنتايىن چىرايلىق، ئەركەك قۇشتا16 تال قۇيرۇق پېيى بار بولۇپ، كۆپ قىسىملىرىنىڭ رەڭگى كاشتان رەڭ ھەمدە قارا گىرۋەكلىرى بار. ئەڭ سىرتقى تەرەپتىكى بىر جۈپ قۇيرۇق پېيىنىڭ ئۇزۇنلۇقى70 سانتىمېتىر، كەڭلىكى5 .3 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. رەڭگى ئالىچىپار، قۇيرۇق پەيلىرىنى كۆتۈرۈپ يايغاندا خۇددى قەدىمكى گرېتسىيىنىڭ يەتتە تارلىق ئارفا چالغۇسىغا ئوخشايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن گىتار قۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مېنۇرا قۇشى قىش پەسلىدە كۆپىيىدۇ. ئەركەك قۇش يېقىملىق ناخشا ئېيتىپ، لەرزان ئۇسسۇل ئويناپ ۋە كۆركەم چىرايلىق ئارفاسىمان قۇيرۇقىنى بىردەم - بىردەم كۆتۈرۈپ چىشى قۇشقا مۇھەببەت ئىزھار قىلىدۇ، بىردەم دەرەخ شېخىغا چىقىپ ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ «ناخشا» ئېيتسا، بىردەم يەرگە چۈشۈپ چىرايلىق قانات پەيلىرىنى يېيىپ كۆرسىتىپ، تاكى چىشى قۇش قېشىغا كەلگۈچە تەكرار ئويۇن قويىدۇ، ئەركەك قۇش قۇيرۇق پەيلىرىنى چىشى قۇشقا قارىتىپ تېز - تېز تىترىتىپ سۈركەپ، چىرايلىق قۇيرۇق پەيلىرىنى توختىماي نامايان قىلىدۇ. مېنۇرا قۇشى «بىر ئەر، كۆپ خوتۇن» لۇق تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، چىشى قۇش بالا تۇغۇپ بېقىش مەسئۇلىيىتىنى ئۆزى يالغۇز ئۈستىگە ئالىدۇ. كۈزنىڭ ئاخىرى، قىشنىڭ بېشى ئارىلىقىدا چىشى قۇش نەرسە - كېرەك ئىزدەپ ئۇۋا ياساشقا باشلايدۇ. ھەر قېتىمدا ئاران بىر تۇخۇم تۇغىدۇ. تۇخۇمنى35 ~40 كۈن باسۇرىدۇ، چۈجىسى بىر يېرىم ئاي ئەتراپىدا پەي چىقىرىدۇ، تېنىنىڭ ئېغىرلىقى ئانىسىنىڭ تەن ئېغىرلىقىنىڭ يېرىمىغا يېتىدۇ ھەمدە ئانىسىغا ئەگىشىپ ئۇۋىدىن چىقىدۇ، لېكىن يەنىلا قىسمەن ھالدا ئانىسىنىڭ يەم بېرىشىگە تايىنىدۇ. سەككىز ئاي بولغاندا ئاندىن مۇستەقىل ياشىيالايدۇ. ئەركەك قۇشنىڭ تىپىك قۇرامىغا يەتكەن قۇيرۇق پەيلىرى5 ~7 يىلدا چىقىپ بولىدۇ. ئۆمرى15 يىل. مېنۇرا قۇشى تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى80 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، تۇمشۇقى كۈچلۈك ھەم تۈز، پۇتلىرى يۈگۈرۈشكە ماھىر، لېكىن ئۇچۇش ئىقتىدارى ئاجىزراق، ئاساسەن سىيرىلىپ ئۇچۇشقا تايىنىدۇ. ئۇۋىسىنى ئورماندىكى دەرەخلەرنىڭ ئېگىز يېرىگە ياكى تىك يارغا، ئادەملەر ئاز بارىدىغان جايلارغا ياسايدۇ. ئەركەك مېنۇرا قۇشى دەسلەپتە كىچىك توپ بولۇپ ياشايدۇ. يېتىلگەندىن كېيىن تەخمىنەن60 ~80 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىغان پائالىيەت رايونىنى قۇرىدۇ. مېنۇرا قۇشى ھاشارات، ئۆمۈچۈك، ئوت - چۆپ ئۇرۇقلىرىنى يەيدۇ. دائىم كۈچلۈك تىرناقلىرى بىلەن تۇپراقنى كوچىلاپ قۇرت تېپىپ يەيدۇ. مېنۇرا قۇشى ئاساسەن ئوكيانىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمى ۋە تاسمانىيە ئارىلىغا تارقالغان.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى