تاغتېشەر
ھايۋاناتلار دۇنياسى
تاغتېشەرنىڭ بېشى ۋە قۇيرۇقى ئۇچلۇق، تېنى سۈيۈر شەكىللىك. تۆت پۇتى توم ھەم قىسقا، كۆزى، ئاغزى، قۇلىقى كىچىك. قورساق تەرىپى، يۈزى ۋە تۆت پۇتىنىڭ ئىچكى يېنىدىن باشقا پۈتۈن تېنى كاھىشسىمان مۈڭگۈز ماددىلىق تەڭگىچىلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، خۇددى كارپ بېلىقىنىڭ تەڭگىچىلىرىگە ئوخشايدۇ.
تاغتېشەر كۈندۈزى ئۆڭكۈر ئىچىدە تۈگۈلۈپ يېتىۋالىدۇ. كېچىسى چىقىپ ئۆڭكۈر ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. ئۇ ئۆمىلەپ ماڭالايدۇ، سۇ ئۈزەلەيدۇ، لېكىن قورقۇنچاق، ئازراق شەپە بولسىلا ئورەك كولاپ يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. يوشۇرۇنۇپ ئۈلگۈرەلمىسە تۈگۈلۈۋېلىپ مىدىر قىلماي يېتىپ، قاتتىق «ساۋۇتى» بىلەن تېنىنى قوغدايدۇ.
تاغتېشەر قارا چۈمۈلە، ئاق چۈمۈلىلەرنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. ئادەتتە، قۇرامىغا يەتكەن بىر تاغتېشەرنىڭ ئاشقازىنى500 گرام ئاق چۈمۈلىنى سىغدۇرالايدۇ، ئارىلاپ ھەسەل ھەرىسى، ياۋا ھەرە قاتارلىق ھاشاراتلارنىڭ لىچىنكىسىنىمۇ يەيدۇ. ئۇنىڭ ئاڭلاش سېزىمى، كۆرۈش سېزىمى ناھايىتى ناچار، لېكىن پۇراش سېزىمى ئۆتكۈر بولۇپ، چۈمۈلە ئۇۋىسىنى پۇراش سېزىمىغا تايىنىپ تاپىدۇ. ئۇنىڭ تىلى ھەم ئىنچىكە، ھەم ئۇزۇن، ئۇزىراپ قىسقىرالايدۇ، ئوزۇقلۇق ئىزدەشتە يېپىشقاق ئۇزۇن تىلىنى چىقىرىپ چۈمۈلىلەرنى يالاپ يەيدۇ. تاغتېشەر ئۇزۇن دەۋرلەردىن بۇيان چۈمۈلىلەرنى يېمەكلىك قىلىپ كەلگەچكە، چىشلىرى رودىمېنتلاشقان، ئاشقازىنىغا كىرگەن يېمەكلىكنى ئاشقازىنىدىكى مۈڭگۈز ماددىلىق پەردە ۋە ئۆزى يېگەن كىچىك قۇم دانچىلىرىگە تايىنىپ ئېزىپ پارچىلايدۇ.
تاغتېشەرنىڭ تۇرار جايى تۇراقسىز بولىدۇ، پەسىل ۋە يېمەكلىكنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ دائىم كۆچۈپ يۈرىدۇ، قىش پەسلىدە شامال تەگمەيدىغان كۈنگەي، بىرقەدەر پەس تاغ باغرىدا ياشايدۇ، ياز پەسلىدە شاماللىق، سالقىن، بىرقەدەر ئېگىز تاغ باغرىغا كۆچۈپ بارىدۇ. يازلىق ئۇۋىسى ئاددىيراق بولۇپ،1 مېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ؛ قىشلىق ئۇۋىسى10 نەچچە مېتىر چىقىدۇ ھەمدە بىرقانچە ئاق چۈمۈلە ئۇۋىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، قىشتىن ئۆتىدىغان زاپاس ئاشلىق ئىسكىلاتى قىلىدۇ.
تاغتېشەر ئورەك كولاشقا ماھىر، ئۇۋىسىدا يەردە ياتىدۇ. ئالدى پۇتى بىلەن ئورەك كولاپ ئارقا پۇتى بىلەن توپا چىقىرىدۇ، سۈرئىتى ئىنتايىن تېز. بەزىدە ئالدى پۇتى بىلەن توپىنى بوشىتىۋالغاندىن كېيىن بوش توپىنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ، ئاندىن پۈتۈن تېنىدىكى قاتتىق تەڭگىچىلىرىنى دىڭ قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزى ئارقىغا يېنىپ، بوش توپىنى تارتىپ چىقىرىدۇ. ھېسابلاشلارغا قارىغاندا، تاغتېشەرنىڭ ھەر سائەتتە قازىدىغان توپىسى ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا توغرا كېلىدىكەن.4
- 5 - ئايلاردا يالغۇز ياشايدىغان تاغتېشەر چىقىپ جورا ئىزدەيدۇ، قىشنىڭ ئاخىرلىرى ياكى ئىككىنچى يىلى باش باھاردا بالا تۇغىدۇ، ھەر قېتىم بوغاز بولغاندا1 ~3 نى تۇغىدۇ. بالىلىرى ئانىسىنىڭ دۈمبىسىگە ئۆمىلەپ چىقىپ يېپىشىۋېلىپ، تاكى چوڭ بولغۇچە ئانىسىغا ئەگىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ.
تاغتېشەر ئاق چۈمۈلىنىڭ مۇھىم كۈشەندىسى بولۇپ، ئۇ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىققا نىسبەتەن پايدىلىق ھايۋان. ئۇنىڭ يەتتە تۈرى بار بولۇپ، مەركەزلىك ھالدا ئاسىيانىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە ئافرىقىغا تارقالغان، دۆلىتىمىزدە ئاران بىر تۈرى بار بولۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى جايلارغا تارقالغان. ئۇ دۆلەت بويىچە ئىككىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋان قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.