كۆك كىت
ھايۋاناتلار دۇنياسى
كۆك كىت دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، يەر شارىدىكى ھەرقايسى ئوكيانلارغا تارقالغان. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى30 مېتىر ئەتراپىدا، ئېغىرلىقى تەخمىنەن70 توننا چىقىدۇ، ئاغزىنى ئاچسا قۇرامىغا يەتكەن10 ئادەم بىمالال كىرىپ كېتىدۇ.
كۆك كىتنىڭ دۈمبىسى سۇس كۆك رەڭلىك بولىدۇ، قورساق تېرىسى پۈرمىلەر بىلەن تولغان بولۇپ، ئوخرا رەڭلىك سېرىق داغلىرى بولىدۇ. قۇيرۇقى كەڭ ھەم ياپىلاق، سۇدا ئەركىن، چاققان پۇلاڭلاپ ھەرىكەت قىلالايدۇ، ئۇ ھەم ئالدىغا قاراپ ئۈزۈشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ھەم نىشاننى توغرىلىغۇچى رول قىلىنىدۇ. سائەتلىك سۈرئىتى27 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. كۆك كىتنىڭ ئوزۇقلۇق تۇتۇش ئۇسۇلى «يۇتۇپ يېيىش تىپى» غا كىرىدۇ. ئاساسلىق يېمەكلىكلىرى كىچىك راك، مېدۇزا، سىلىتسىيلىق يۈسۈن قاتارلىق لەيلەپ ياشىغۇچى جانلىقلار. ئۇ دېڭىز يۈزىدە ئاغزىنى يوغان ئېچىپ كىچىك راك قاتارلىقلارنى سۇ بىلەن قوشۇپ يۇتىدۇ، ئاندىن ئاغزىنى يۇمۇپ سۇنى چىقىرىۋېتىپ، كىچىك راك قاتارلىقلارنى يۇتىۋېتىدۇ. بىر كۆك كىت ھەر كۈنى تەخمىنەن4 توننا ئېغىرلىقتىكى كىچىك فوسفورلۇق راكنى يەۋېتىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ قورسىقىدىكى يېمەكلىك2 توننىغا يەتمىسە قورسىقى ئېچىپ بىئارام بولۇپ، مەڭگۈ يەپ تويماس قىياپەتتە تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ دائىم سۇ ئاستىغا30 −40 مېتىر چوڭقۇر چۆكۈپ يېمەكلىك ئىزدەيدۇ. سۇ ئىچىدە ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەر قېتىم سۇ يۈزىگە چىقىپ ھاۋا ئالماشتۇرغاندا بۇرنىدىن15 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سۇ تۈۋرۈكىنى پۈركۈپ چىقىرىدۇ، يىراقتىن قارىغاندا خۇددى بىر فونتانغا ئوخشايدۇ. كۆك كىت ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، ئۇنىڭ كۈچى بىر ئوتتۇرا تىپلىق پاراۋوزنىڭ تارتىش كۈچىگە توغرا كېلىدۇ.
كۆك كىت قىش پەسلىدە كۆپىيىدۇ. ئانا كىت بوغاز بولۇپ بىر يىلدىن كېيىن تۇغىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالا كىتنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى5 .7 مېتىر ئۆپچۆرىسىدە، ئېغىرلىقى تەخمىنەن6 توننا چىقىدۇ،24 سائەت سۈت ئەمگەندىن كېيىن، ئېغىرلىقى100 كىلوگرام ئەتراپىدا ئاشىدۇ، مىنۇتىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن75 گرام قوشۇلىدۇ. بالا كىت يەتتە ئاي ئەمگەندىن كېيىن، تېنىنىڭ ئېغىرلىقى23 توننا ئەتراپىغا، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن16 مېتىرغا يېتىدۇ ھەمدە ئاغزىنى ئېچىپ ھەر خىل لەيلىگۈچى جانلىقلارنى يۇتۇپ يېيىشنى ئۆگىنىدۇ. بالا كۆك كىت بەش ياشقا توشقاندا بالاغەتكە يېتىدۇ، ئۆمرى تەخمىنەن20 −30 يىل بولىدۇ.
كۆك كىتنىڭ ھەممە يېرى گۆھەر، مېيىدىن سوپۇن ياساشقا بولىدۇ؛ كىت گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇقى مول؛ كىت سۆڭىكىدىن يېلىم ياساشقا بولىدۇ؛ كىت جىگىرىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن بولىدۇ؛ قېنى ۋە ئىچكى ئەزالىرى ئېسىل سۈپەتلىك ئوغۇت قىلىنىدۇ. شۇڭا، كۆك كىت ئىنسانلارنىڭ ھەدەپ قالايمىقان تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشىگە ئۇچرىماقتا. ھازىر كۆك كىتنىڭ سانى جىددىي ئازايماقتا، ئۇ ئاساسەن دېگۈدەك نەسلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى.