ھايۋانلار قىلىقىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ھايۋانلارنىڭ بىر ھۈجەيرىلىكتىن كۆپ ھۈجەيرىلىككە، ئاددىيدىن مۇرەككەپكە، تۆۋەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەرىجىلىككە تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشى مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈش جەھەتتىكى تەدرىجىي تەرەققىياتىغا قارىتىلغان. ئەمەلىيەتتە، ھايۋانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى قىلىق جەھەتتىكى تەدرىجىي تەرەققىياتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك ئىدى، ئەمما بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلار بىرقەدەر ئاز.
سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى بالا تۇغۇپ، سۈت ئەمگۈزۈش، ئەمما بارلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ناتايىن. ئەڭ ئىپتىدائىي سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردا يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان،ئەمما يۇقىرى دەرىجىلىك سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ. بۇنىڭغا ئەڭ تىپىك مىسال بولالايدىغىنى ئۆردەكتۇمشۇق. ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ كۆپىيىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئالاھىدە بولۇپ، بالا تۇغماستىن تۇخۇم تۇغىدۇ. تۇخۇمدىن ئەمدىلا چىققان بالىسىنىڭ پۈتۈن تېنىدە تۈك بولمايدۇ، ئانا ئۆردەكتۇمشۇق بالىسىنى ئېمىتىپ باقىدۇ.
ئاۋسترالىيىدە ياشايدىغان خالتىلىق ھايۋانلار ئۆردەكتۇمشۇققا قارىغاندا خېلىلا تەرەققىي قىلغان. ئۇلار تۇخۇم تۇغماستىن بالا تۇغىدۇ. لېكىن، بالىسىنىڭ ئانا تېنىدىكى يېتىلىشى مۇكەممەل بولمىغاچقا، تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانىسىنىڭ بالا يېتىلدۈرۈش خالتىسىدا يەنە بىر مەزگىل يېتىلدۈرۈلىدۇ. خالتىلىقلاردا گەرچە يۇقىرى دەرىجىلىك سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بەلگىلىك دەرىجىدە ئىپادىلەنسىمۇ، لېكىن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا بىرقەدەر ئىپتىدائىي ھېسابلىنىدۇ.
يۇقىرى دەرىجىلىك سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئەۋلاد يېتىلدۈرىدىغان مۇكەممەل شەرت - شارائىت ھازىرلىغانلىقى ئۈچۈن، ھامىلە ئانا تېنىدە تولۇق يېتىلگەندىن كېيىن ئاندىن تۇغۇلىدۇ، ھەقىقىي بالا ھەمراھى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بالىلىرىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىش ئۇسۇلى ۋە سۈت ئەمگۈزۈش قىلىقلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەدرىجىي تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
كىشىلەر دائىم ئۆردەكنىڭ تۇمشۇقى بىلەن پەيلىرىنى تاراپ تۈزەشتۈرىدىغان ئادەتلەنگەن ھەرىكىتىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. لېكىن، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئۆردەكلەرنىڭ تارىنىشىنىڭ رولى ئوخشاش بولمايدۇ. تاجلىق ئۆردەك، ياۋا ئۆردەك، سۇ ئۆردىكى، قوشماق ئۆردەك قاتارلىقلارنىڭ تۆت خىل خورازىنى سېلىشتۇرساق، تاجلىق ئۆردەكنىڭ تاراپ تۈزەشتۈرۈش ھەرىكىتى ئاستا، كۈچلۈك بولۇپ، تېنىنى تازىلاش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى؛ ياۋا ئۆردەكنىڭ كۆپىنچە قانىتى ئاستىدىكى كۆركەم پەيلىرىنى تاراپ تۈزەشتۈرىدىغانلىقىنى، تاراپ تۈزەشتۈرۈش ئىقتىدارىدا ئازراق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى؛ سۇ ئۆردىكىنىڭ ھەرىكىتى تېخىمۇ ئاددىي بولۇپ، پەقەت قانىتىنىڭ ئۈستى قىسمىدىكى پارقىراق ئورنىنى ئاز - تولا تاراپ تۈزەشتۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى؛ ھەرىكىتى ئەڭ ئاددىي بولغىنى قوشماق ئۆردەك بولۇپ، ئۇ قاناتلىرىدىكى كۆركەم ئۇزۇن پەيلىرىگە ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈنلا تۇمشۇقىنى تەگكۈزۈپ قويىدىغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. تۆت خىل ئۆردەكنىڭ پەيلىرىنى تاراپ تۈزەشتۈرۈش قىلىقلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، تاراپ تۈزەشتۈرۈش ھەرىكىتى تېنىنى تازىلاشتىن ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلغان.
ھايۋانلارنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ھايۋانلار قىلىقلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئىككىسى بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ ۋە بىر - بىرىگە ماسلىشىدۇ، بىر - بىرىدىن ئايرىلمايدۇ. تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسى ھامان ھايۋانلارنىڭ ئۆزى تۇرغان مۇھىت بىلەن ماسلىشىشىغا، جەمەت - ئۇرۇقىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولىدۇ.