UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىچوڭ خالتىلىق ئۇچار تىيىن

چوڭ خالتىلىق ئۇچار تىيىن

ھايۋاناتلار دۇنياسى «خالتىلىق ھايۋانلار دۇنياسى» دەپ ئاتالغان ئاۋسترالىيىدە «لەيلەپ ئۇچقۇچىلار» دەپ نام ئالغان ئۈچ تۈردىكى خالتىلىق ھايۋانلار بار بولۇپ، ئۇلار كىچىك خالتىلىق ئۇچار تىيىن، خالتىلىق ئۇچار تىيىن ۋە چوڭ خالتىلىق ئۇچار تىيىنلەردىن ئىبارەت. گەرچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەسكە لەيلەپ ئۇچۇشنى بىلسىمۇ، لېكىن چوڭ خالتىلىق ئۇچار تىيىن يۇقىرىدىكى ئىككىسىگە قارىغاندا مەيلى پەسكە لەيلەپ ئۇچۇش ئېگىزلىكى ياكى پەسكە لەيلەپ ئۇچۇش مۇساپىسى جەھەتلەردە بولسۇن ئۈستۈن تۇرىدۇ. گەرچە چوڭ خالتىلىق ئۇچار تىيىننىڭ بەدەن ئېغىرلىقى5 .1 كىلوگرام كەلسىمۇ، لېكىن پەسكە لەيلەپ ئۇچۇش ئىقتىدارى ناھايىتى ئۈستۈن.100 مېتىرلىق پەسكە لەيلەپ ئۇچۇش مۇساپىسىدە لەيلەش، پەسلەپ ئۇچۇش ئالاھىدىلىكىنى يوقاتمايدۇ. چوڭ خالتىلىق ئۇچار تىيىن كېچىسى ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ كۆزى كېچىدىكى چىراغ نۇرىدا بىرخىل فوسفورلۇق نۇر چىقىرىپ، خۇددى «قولچىراغ» قا ئوخشاش پەسكە لەيلەپ ئۇچۇش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ قاناتسىمان تېرە پۈرمىسى ئالدى پۇتىنىڭ جەينەك قىسمىدىن ئارقا پۇتىنىڭ ئوشۇق قىسمىغىچە سوزۇلۇپ بارىدۇ، ئۇچقاندا كۆپىنچە ئالدى قىسمى تار بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭ شەكلىدە بولىدۇ، بۇمۇ چوڭ خالتىلىق ئۇچار تىيىننىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك پەسكە لەيلەپ ئۇچالىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. چوڭ خالتىلىق ئۇچار تىيىننىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى1 مېتىرغا يېتىدۇ، چىشى ئۇچار تىيىننىڭ بالا يېتىلدۈرۈش خالتىسىدا گەرچە ئىككى ئەمچەك توپچىسى بار بولسىمۇ، لېكىن ھەر قېتىمدا ئاران بىر بالا تۇغىدۇ. بالىسى بالا يېتىلدۈرۈش خالتىسى ئىچىدە ئەمچەك توپچىسىنى چىڭ چىشلىۋېلىپ، ئالتە ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن كۆزىنى ئاچىدۇ. تۆت ئايلىق بولغاندا بالا ئۇچار تىيىن بالا يېتىلدۈرۈش خالتىسىدىن چىقىدۇ. كېيىنكى كۈنلەردە يەنە ئانىسىنىڭ دۈمبىسىدە خېلى ئۇزۇنغىچە تۇرۇپ، ئاندىن مۇستەقىل ياشايدۇ. چوڭ خالتىلىق ئۇچار تىيىننىڭ يېمەكلىكى بىرلا خىل، يالپۇز پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان بىر خىل ئېۋكالىپىت دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقىدىن باشقا ھېچقانداق ئۆسۈملۈكنى يېيىشنى خالىمايدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ ئاۋسترالىيىنىڭ مەڭگۈلۈك «يەرلىك ئاھالىسى» بولۇپ قېلىشىنى بەلگىلىگەن. كىشىلەر بۇ خىل ئاجايىپ غەلىتە ھايۋاننى ھايۋانات باغچىلىرىدىمۇ تاماشا قىلالمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
چوڭ خالتىلىق ئۇچار تىيىن | UyghurWiki | UyghurWiki