UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىھايۋانلارنىڭ تىرنىقى

ھايۋانلارنىڭ تىرنىقى

ھايۋاناتلار دۇنياسى تىرناق − ھايۋانلار تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ مەلۇم مەزگىلگە كەلگەندە تېرىسىدىكى ئېپىدېرما مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋىتىدىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ پەيدا بولىدۇ. تىرناقنىڭ بارلىققا كېلىشى ھايۋانلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشى ۋە دۈشمەنلىرىدىن مۇداپىئەلىنىشىدە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. يەر بېغىرلىغۇچىلار ئىچىدىكى خامېلېئون قويۇق ئورماندا ياشايدۇ، ئۇ دەرەخقە يامىشىشتا قۇيرۇقىنىڭ ياردىمى بولغاندىن سىرت، بارماقلىرىنىڭ ئۇچىدىكى تىرناقلىرىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. يەنە كەسلەنچۈك، تاشپاقا، سۇ تاشپاقىسى قاتارلىق يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلارنىڭ تىرنىقى ئۆمىلەپ ياشاشقا ماسلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. قۇشلارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان ياشاش ئۇسۇلى ھەم ياشاش مۇھىتى ئۇلارنىڭ پۇتى ۋە تىرناقلىرىنى خىلمۇخىل قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتكەن. يىرتقۇچ قۇشلاردىن مۈشۈكياپىلاق، تازقارا (تاز قۇماي) قاتارلىقلارنىڭ پۇتى كۈچلۈك ھەم مەزمۇت، بارماقلىرىنىڭ ئۇچىدا ئۆتكۈر ھەم ئىلمەك تىرناقلىرى بولۇپ، ھايۋانلارنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشكە پايدىلىق. ياماشقۇچى قۇشلاردىن تۆمۈرتۇمشۇق، كاككۇك قاتارلىقلارنىڭ پۇتى ناھايىتى كۈچلۈك، بارماقلىرىنىڭ ئۇچىدا ئۆتكۈر تىرناقلىرى بولۇپ، دەرەخ غولىنى مەھكەم قاماللاپ تۇتالايدۇ. سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدىكى بەزى ھايۋانلارنىڭ تىرنىقى مۇرەككەپ ھەم شەكلى ھەر خىل بولىدۇ. تاغتېشەرنىڭ تىرنىقى خۇددى بىر ئوتىغۇچقا ئوخشاش ئارقىغا قاراپ ئېگىلىپ تۇرىدۇ، توپا قېزىشقا ماھىر. خولوئېپوس (لېنىۋېتس) مايمۇنىنىڭ تىرنىقى ئىلمەك شەكىللىك بولۇپ، دەرەخ شاخلىرىنى ئىلىۋېلىشقا ماسلاشقان. مۈشۈك ۋە ئىتقا ئوخشاش ھايۋانلارنىڭ تىرنىقى ئۆتكۈر ھەم يىغىلالايدۇ، ھەم ئۇزىرىيالايدۇ، ئىشلىتىشكە بەك ئەپلىك. كالا، ئات، قوي قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ تىرنىقى تۇياققا ئۆزگەرگەن بولۇپ، ھەرىكەت قىلىشتا پايدىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇيىقى بار ھايۋانلار جەزمەن چۆپخور ھايۋانلار بولۇپ، گۆشخور ھايۋانلارنىڭكىدەك ئۆتكۈر تىرنىقى بولمايدۇ. يولۋاس، شىر قاتارلىق يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تىرنىقى ئوزۇقلۇقلارنى تۇتۇش ۋە دۈشمەنلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە ئۆتكۈر بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
ھايۋانلارنىڭ تىرنىقى | UyghurWiki | UyghurWiki