UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىچېكەتكە

چېكەتكە

ھايۋاناتلار دۇنياسى چېكەتكە ھاشاراتلار ئىچىدىكى «پادىشاھ». ئۇ تارقىلىشىنىڭ كەڭلىكى، ئىشتىھاسىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن ھەرقايسى ھاشاراتلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. مەملىكىتىمىز تارىخىدا زىيانكەشلىك قىلىپ ئاپەت پەيدا قىلىپ تۇرىدىغان چوڭ زىيانداش ھاشارات ھېسابلىنىدۇ. چېكەتكىنىڭ دۇنيا بويىچە تەخمىنەن10 مىڭدىن ئارتۇق تۈرى بار، دۆلىتىمىزدە600 دىن ئارتۇق تۈرى بار. چېكەتكە ئاساسەن ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بىر تۈرى يىراق مۇساپىگە ئۇچالايدىغان ئۇچار چېكەتكە؛ يەنە بىر تۈرى، قىسقا مۇساپىگە ئۇچىدىغان، شۇ يەردە تۇخۇمدىن چىقىپ يېتىلىدىغان يەرلىك چېكەتكە. چېكەتكە ھاشاراتلارنىڭ سىرتقى مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشىنىڭ تىپىك ۋەكىلى. ئۇلاردا ئىككى جۈپ چوڭ ئۇزۇن قانات بولىدۇ؛ باش، كۆكرەك، قورساق قىسمى روشەن ئايرىلغان؛ كۆكرەك قىسمىدا ئالدى، ئوتتۇرا، ئارقا پۇتىدىن ئىبارەت ئۈچ جۈپ پۇتى بولىدۇ. ئالدى، ئوتتۇرا پۇتى مېڭىشقا ماسلاشقان، ئارقا پۇتى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، سەكرەشكە ماھىر؛ باش قىسمىدا بىر جۈپ ئانتېننىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا تېگىشنى سېزىش رولىغا ئىگە سېزىش ئاپپاراتلىرى تارقالغان؛ باش قىسمىنىڭ ئاستى تەرىپىدە مۇستەھكەم كەسكۈچى چىشى ۋە ئېزىق چىشى بولىدۇ، زىرائەتلەرنى مۇشۇ چىشلىرىغا تايىنىپ چايناپ يەيدۇ. سۇ يۈزىنىڭ ئورنى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان كۆل، دەريا ساھىلى، شورلۇق چۆللەر، دائىم ھۆلچىلىك بولىدىغان ۋە دەريا سۈيى يامراپ تۇرىدىغان رايونلار ئۇچار چېكەتكىنىڭ ئاساسلىق پەيدا بولۇش ئورنى، ياۋا ئوت - چۆپلەر ئۆسۈپ كەتكەن جايلار، ئېدىرلىقلار ياكى تۈزلەڭلىكلەر يەرلىك چېكەتكىنىڭ ئۇۋىسى ھېسابلىنىدۇ. چېكەتكىنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئۇسۇلى ناھايىتى ئەپچىل. ئۇ تۇخۇمى ئارقىلىق قىشلايدۇ، ھەر يىلى كۈزنىڭ ئاخىرىدا شامال تەگمەيدىغان كۈنگەي تاغ باغرىغا ئۇۋا ياسايدۇ. چىشى چېكەتكە قورساق قىسمىنى سوزۇپ چىقىرىپ توپىغا يېقىپ، بىر تەرەپتىن تۇخۇم تۇغۇپ، بىر تەرەپتىن كۆپۈككە ئوخشاش يېلىمسىمان ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىپ بارلىق تۇخۇملىرىنى ئوراپ قويۇپ، ئاخىرىدا كامار ئاغزىنى ئېتىۋېتىدۇ. باھاردا ھاۋا ئىسسىپ گۈل - چېچەكلەر ئېچىلغاندا كىچىك چېكەتكىلەر تۇخۇمدىن چىقىدۇ، ئۇ چېكەتكە لىچىنكىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي كىچىك چېكەتكىلەر تەدرىجىي تارقىلىپ، زىرائەتلەرگە، چۆپلۈكلەرگە يۆتكىلىپ زىرائەتلەرنىڭ يۇمران يوپۇرماقلىرىنى يەيدۇ. ئېغىر بولغاندا، مەيلى زىرائەت، مەيلى ياۋا ئوت - چۆپلەر بولسۇن بىرنى قويماي پاك - پاكىز يەپ بولىدۇ. چېكەتكىنىڭ توپلىشىپ ياشاش خۇسۇسىيىتى بار. بىر توپ چېكەتكىنىڭ كۆپلۈكىدىن بەزىدە سانىنى ئالغىلىمۇ بولمايدۇ. يەرگە قونسا يەرنى بىر ئالىدۇ، ئۇچسا كۈننى توسۇۋالىدۇ.1929 - يىلى دۆلىتىمىزنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسى بىر توپ چېكەتكىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، چېكەتكە شاڭخەي - نەنجىڭ تۆمۈريولىنىڭ ئاسمىنىنى قاپلىۋالغان بولغاچقا پويىز شوپۇرى يولنى ئېنىق كۆرەلمەي، پويىز بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن كېچىكىپ قالغان.1943 - يىلى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ خۇاشيەن ناھىيىسىدە چېكەتكە پۈتۈن زىرائەت ۋە قومۇشلارنى يەپ تۈگىتىپلا قالماستىن، ھەتتا دېرىزىگە چاپلىغان قەغەزلەرنىمۇ يەپ تۈگەتكەن، بوۋاق بالىلارنىڭ قۇلىقىنى چىشلىۋېلىش ھادىسىلىرىمۇ كۆرۈلگەن، كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر بولغان. ھازىر كىشىلەر چېكەتكە يوقىتىشتا ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللانماقتا. دېھقانچىلىق ئۇسۇلىدا ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش، بىئولوگىيىلىك ئۇسۇلدا ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش، خىمىيىلىك ئۇسۇلدا ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش ۋە فىزىكىلىق ئۇسۇلدا ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلدى. يەنە ئايروپىلان بىلەن دورا چېچىپ چېكەتكە يوقىتىشتىمۇ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. ھازىر كىشىلەر ھاشاراتلاردىن يېمەكلىك ئورنىدا پايدىلانماقتا، بۇلارنىڭ ئىچىدە مايدا پىشۇرۇلغان چېكەتكە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىك دەپ ھېسابلانماقتا.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى