ھۆركىرىگەك مايمۇن
ھايۋاناتلار دۇنياسى
جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ئورمانلىقلىرىدا قاراڭغۇ چۈشكەندە بىردەم - بىردەم كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ خىل ھۆركىرىگەن ئاۋاز ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئەتراپنى تىترىتىدۇ. بۇ ئاۋازنى5 .1 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كىشىلەرمۇ ئېنىق ئاڭلىيالايدۇ. بۇ ھۆركىرىگەك مايمۇننىڭ ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ناخشا ئېيتىشى ۋە ئالاقىلىشىشى ھېسابلىنىدۇ.
ھۆركىرىگەك مايمۇن نېمە ئۈچۈن ھۆركىرەيدۇ؟ بۇ، ھايۋانلارنىڭ قىلىقىدىكى بىر سىر. بەزىلەر ئۇنى دۈشمەنلىرىنى قورقۇتۇپ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن دېسە، يەنە بەزىلەر ھەمراھلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن چىقارغان ئۇچۇرى دەيدۇ. زادى نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكى زوئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
ھۆركىرىگەك مايمۇن ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشايدىغان بىر خىل ئەڭ چوڭ مايمۇن. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى60 سانتىمېتىردىن ئارتۇق، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى1 مېتىردىن ئارتۇق، پۈتۈن تېنى قويۇق يۇڭ بىلەن قاپلانغان، رەڭگى كۆپىنچە قوڭۇرغا مايىل قىزىل، قۇياش نۇرىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىغا ۋە چۈشۈش بۇلۇڭىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ، يۇڭىنىڭ رەڭگىدە ھەر خىل ئۆزگىرىش بولىدۇ. ھۆركىرىگەك مايمۇننىڭ بوينى ناھايىتى يوغان، ئېغىز بوشلۇقى ۋە ئاستىنقى تاڭلىيىمۇ ئالاھىدە چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ شۇنچە يۇقىرى ئاۋاز چىقىرىپ ھۆركىرىشىدىكى سەۋەب بوغۇزىدا بىر پارچە ئالاھىدە تىل سۆڭىكى بار بولۇپ، بىر خىل ئاۋاز قايتۇرۇش ئاپپاراتىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ، شۇڭا ھەر قېتىم كېچىدە ۋە غەزەپلەنگەندە ئەتراپنى تىترەتكۈدەك ھۆركىرەيدۇ.
ھۆركىرىگەك مايمۇننىڭ ئوزۇقلىنىش خۇسۇسىيىتى بىرقەدەر قالايمىقان، مېۋە، دەرەخ يوپۇرمىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ياخشى كۆرىدىغان مەززىلىك يېمەكلىك. ھۆركىرىگەك مايمۇننىڭ ئادەتتە ئۆزى ئىگىلىگەن زېمىنى بولىدۇ، كۆپىنچە ئون نەچچىسى توپلىشىپ قويۇق ئورمانلىقنىڭ ئاستىدا ئارام ئالىدۇ. بىر قاۋۇل ئەركەك مايمۇن باشلامچى بولىدۇ ۋە مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدۇ؛ ئانا مايمۇن مەخسۇس بالا تۇغۇپ تەربىيىلەشكە مەسئۇل بولىدۇ؛ بالا مايمۇن تاكى جىنسىي جەھەتتىن يېتىلگىچە ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە ياشايدۇ. مۇشۇنداق بىر كىچىك كوللېكتىپ ئىچىدە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن ئىناق ئۆتىدۇ، بەزىدە ئۆزئارا ھۆركىرىشىپ قويسىمۇ، لېكىن سوقۇشمايدۇ. ئەگەر دۈشمىنىگە يولۇقۇپ قالسا ياكى يات جەمەتتىكىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرسە، ئەركەك مايمۇنلار بىرلىكتە ھۆركىرەپ ياكى باشقا ھەرىكەتلەرنى قىلىپ تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىدۇ.