دېڭىز تاشپاقىسى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ئادەتتە ياۋاش كۆرۈنىدىغان دېڭىز تاشپاقىسى ھەر يىلى كۈيلەش مەزگىلىگە كىرگەندە بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ ھەم بەس - بەس بىلەن ئۆزىگە جورا ئىزدەيدۇ، چاققان چىققانلىرى غەلىبە قىلىدۇ.
دېڭىز تاشپاقىسى قىرغاقتا ياكى سۇدا چېتىشىدۇ. نۇرغۇن چىشى دېڭىز تاشپاقىلىرى ئىسپېرمىنى (ئۇرۇق سۇيۇقلۇقىنى) تۆت يىل ساقلىيالايدۇ، كېيىنكى بىرقانچە يىل ئىچىدە چېتىشمىسىمۇ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھاسىل قىلالايدۇ. بۇ خىل ھادىسە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ئىچىدە كەمدىن - كەم ئۇچرايدۇ.
ھەر يىلى4 ~6 - ئايلار دېڭىز تاشپاقىسىنىڭ كۆپىيىشى ئەۋجىگە چىقىدىغان مەزگىل. بۇ مەزگىلدە دېڭىز تاشپاقىلىرى نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يەرلەردىن ئۆز يۇرتىدىكى كىچىك ئاراللارغا توپ - توپ بولۇپ كېلىپ تۇخۇم سالىدۇ. چىشى دېڭىز تاشپاقىسى تىنچ، ئايدىڭ كېچىلەردە كۆتۈرۈلگەن دېڭىز سۈيىگە ئەگىشىپ قۇملۇق ساھىلىغا ئاستا - ئاستا ئۆمىلەپ چىقىپ، تۇخۇم تۇغۇشقا باب كېلىدىغان يەرنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۆزى كولاپ «تۇغۇت ئۆيى» ياسايدۇ. دېڭىز تاشپاقىسى ئومۇمەن يىلدا بىرقېتىم تۇخۇم تۇغىدۇ، ھەر قېتىمدا100 −200 تال تۇخۇم تۇغىدۇ؛ رومبا قاسىراقلىق تاشپاقا ھەر يىلى كۆپ قېتىم تۇخۇم تۇغىدۇ، ھەر قېتىمدا90 ~150 تال تۇخۇم تۇغىدۇ. دېڭىز تاشپاقىسىنىڭ تۇخۇمى شار شەكىللىك، ئاق، ئېلاستىكلىققا ئىگە بولىدۇ. چىشى تاشپاقا تۇخۇم تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن ئورىغا ئارقا پۇتى بىلەن توپا ئىتتىرىپ، تۇخۇملىرىنى كۆمۈۋېتىدۇ. تەخمىنەن60 ~80 كۈندە بالا تاشپاقا تۇخۇم شاكىلىنى يېرىپ چىقىپ، ئۈستىنى يېپىپ تۇرغان قۇم قەۋىتىنى تېشىپ چىقىپ، بىر - بىرلەپ دېڭىزغا ئۆمىلەپ كىرىدۇ.
دېڭىز تاشپاقىسى ھەر يىلى مۇئەييەن كۆچۈش لىنىيىسى بويىچە ئۇزۇن مۇساپىلىك بېرىپ - كېلىش سەپىرىدە نىشاندىن ھەرگىز ئادىشىپ قالمايدۇ. ھەتتا ئۆيدىن چىقىپ باقمىغان بالا تاشپاقىمۇ ئانا تاشپاقا ماڭغان يولنى بويلاپ، ئەسلىدىكى ماكانىغا قايتىپ كېلەلەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، دېڭىز تاشپاقىسىنىڭ بۇ خىل يىراققا سەپەر قىلىش ماھارىتىنى تاشپاقىنىڭ تېنىدىكى بىئولوگىيىلىك سائەت تىزگىنلەيدىكەن. ئۇ، قۇياشنىڭ ئورنى بويىچە دېڭىز ئېقىمى ۋە سۇ تېمپېراتۇرىسىغا قاراپ، ئۆزىنىڭ ئالغا ئىگىرىلەش يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىكەن. ئالىملار مۇشۇ پرىنسىپ بويىچە يېڭى يول باشلاش ئەسۋابىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش ئۈچۈن بۇ سىر ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدەنمەكتە.
دېڭىز تاشپاقىسىنىڭ تېنى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە6 .0 ~1 مېتىر ئەتراپىدا، ئېغىرلىقى بىرقانچە10 كىلوگرام كېلىدۇ. ئەڭ چوڭى رومبا قاسىراقلىق تاشپاقا بولۇپ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى2 مېتىرغا يېتىدۇ، ئېغىرلىقى500 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ سۇغا چۆكۈش ماھارىتى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولۇپ، سۇ ئىچىدە بىر سوتكا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىت تۇرالايدۇ. شۇڭا، نۇرغۇن دۆلەتلەر دېڭىز تاشپاقىسىنى ئالاھىدە كۆندۈرگەندىن كېيىن غەۋۋاسلارغا ياردەم بەرگۈزۈۋاتىدۇ. ئۇ يەنە دېڭىزدا تالاپەتكە ئۇچرىغان ئادەملەرنى قۇتقۇزالايدۇ.