ھايۋانلارنىڭ ئالاقىلىشىشى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
دۇنيادا ھەقىقىي يەككە - يېگانە ياشايدىغان بىرمۇ ھايۋان يوق. ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىدىغان ئۆزىگە خاس ئۇسۇللىرى بولىدۇ. چۈمۈلىلەر كوللېكتىپ ياشاشتا ئالاھىدە «خىمىيە تىلى» ئارقىلىق بىر - بىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ساقلايدۇ.
چۈمۈلىنىڭ «خىمىيە تىلى» ھورمون دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ چۈمۈلىنىڭ مەلۇم ئەزاسى ياكى توقۇلمىسىدىن تەن سىرتىغا ئاجرىلىپ چىقىدىغان بىر خىل خىمىيىۋى ماددىدۇر. چۈمۈلە ئوزۇقلۇق ئىزدەشتە ھورموننى بېرىپ - كېلىش يولىغا تارقىتىۋېتىدۇ، ھەمراھلىرى ھورموننىڭ پۇرىقىغا ئاساسەن، قەيەرگە بېرىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەش لازىملىقىنى بىلىدۇ. بىللە بېرىپ كەلگەن چۈمۈلىلەر تارقاتقان پۇراق، ئۇلارنىڭ بېرىپ - كېلىش يولىدا بىر «پۇراق ئۇزۇن كارىدورى» غا ئايلىنىدۇ، توپ - توپ چۈمۈلىلەر مۇشۇ ئۇزۇن كارىدورنى بويلاپ ئالدىراشلىق بىلەن يېمەكلىك توشۇيدۇ. چۈمۈلە يەنە پۇراق ئارقىلىق ئۆز جەمەتىدىكى چۈمۈلە ياكى يات جەمەتتىكى چۈمۈلە ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلەيدۇ. ئەگەر يات جەمەتتىكىلەر ئۇلارنىڭ ئۇۋىسىغا بىلمەستىن كىرىپ قالسا ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالىدۇ.
ئورانگۇتانلار ئاۋاز ئارقىلىق ئۆزئارا ئالاقىلىشىدۇ، دەرەختە مېۋە بارلىقىنى كۆرۈپ قالسا، يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ، ھەمراھلىرىغا كېلىپ بىرلىكتە بەھرىمەن بولۇشنى ئۇقتۇرىدۇ؛ ئەگەر دۈشمەنگە يولۇقۇپ قالسىمۇ ۋارقىراپ، ھەمراھلىرىنىڭ كېلىپ قۇتقۇزۇۋېلىشىنى سورايدۇ.
ھاشاراتلارنىڭ غوڭۇلدىشى ئۆز تۈرىدىكى يات جىنستىكىلەرنى جەلپ قىلىش ياكى باشقا ھايۋانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن بولىدۇ. تومۇزغىنىڭ قورساق قىسمىدا ھاۋاخانىسى بولىدۇ، ھاۋاخانىسىنىڭ بىر يان تەرىپىدە داپ پەردە بار بولۇپ، ھاۋاخانىدىكى ھاۋانىڭ ئېقىشى بىلەن داپ پەردە تەۋرىنىدۇ - دە، توختىماي چىرىلدايدۇ. چېكەتكە ئارقا پۇتىنى قانىتىغا سۈركەپ ئاۋاز چىقىرىدۇ، قارا چېكەتكە قوش قانىتىنى بىر - بىرىگە سۈركەپ ئاۋاز چىقىرىپ سايرايدۇ.
ھايۋانلار ئۇچۇر قوبۇل قىلىشتا كۆزىگە تايىنىدۇ، كۆزى رەڭ بىلەن ھەرىكەتنى بىرقەدەر ئاسان قوبۇل قىلىدۇ. ئەركەك توزنىڭ قۇيرۇقىنى كېرىپ رەڭدار چىرايلىق قىلىپ كۆرسىتىشى چىشى توزنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن بەرگەن سىگنالى، شۇنداقلا باشقا ئەركەك توزلارغا بېرىلگەن بىر خىل ئاگاھلاندۇرۇش ھېسابلىنىدۇ.
ھەسەل ھەرىسى «ئۇسسۇل ئويناش» نى سىگنال قىلىپ ھەمراھلىرىغا بىرلىكتە بېرىپ ھەسەل يىغىشنى ئۇقتۇرىدۇ. ئاۋسترىيىلىك بىئولوگىيە ئالىمى فېرىس ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىپ ھەسەل ھەرىسىنىڭ «ئۇسسۇل ئويناش» تىكى سىرىنى بايقىغان. ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئۇسسۇلى ئاساسەن «ۋالس» (ئايلىنىش) ۋە «ياي ئۇسسۇلى» (يېرىم ئايلىنىش) دىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدىكەن. ئىشچى ھەرە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قانۇنىيەتلىك تۈردە بىر خىل ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى قىلىدىكەن. ئەگەر ھەسەل مەنبەسى بىلەن ھەرە ئۇۋىسى (كۆنىكى) نىڭ ئارىلىقى يىراق بولماستىن، تەخمىنەن100 مېتىر ئەتراپىدا بولسا، ئىشچى ھەرە ھەمراھلىرىغا ۋالس (ئايلىنىش ئۇسسۇلى) ئويناپ ئۇقتۇرىدىكەن. ئەگەر ھەسەل مەنبەسى بىلەن ھەرە ئۇۋىسىنىڭ ئارىلىقى بىرقەدەر يىراق بولسا، ئىشچى ھەرە ھەمراھلىرىغا ياي (يېرىم ئايلىنىش) ئۇسسۇلى ئويناپ ئۇقتۇرىدىكەن. يولى قانچىكى يىراق بولسا ئىشچى ھەرىلەرنىڭ چۆرگىلەش سانى شۇنچە كۆپ، چاستوتىسىمۇ شۇنچە تېز بولىدىكەن.