UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىچوڭ چۈمۈلىخور

چوڭ چۈمۈلىخور

ھايۋاناتلار دۇنياسى چوڭ چۈمۈلىخور ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشايدىغان، ئاق چۈمۈلە بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان چىشى يوق بىرخىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. ئۇنىڭ چىشى بولمايدۇ، تۇمشۇقى ئۇزۇن بولىدۇ، ئۇزۇن تۇمشۇقىنىڭ ئۇچىدىكى بۇرنى ئاق چۈمۈلىنىڭ ھىدىنى پۇرىغاندىن كېيىن، ئۆتكۈر ئالدى پۇت تىرناقلىرىنى ئىشقا سېلىپ چۈمۈلە ئۇۋىسىنىڭ ئۈستىدىكى توپىنى كولاپ، چۈمۈلە ئۇۋىسىنى قوچۇۋېتىدۇ. ئاق چۈمۈلىلەر ئالاقزادە بولۇپ پىتىراپ كەتكەندە، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن30 سانتىمېتىر كېلىدىغان ئۇزۇن تىلىنى چىقىرىپ، تىلىدىكى يېپىشقاق سۇيۇقلۇق بىلەن ئاق چۈمۈلىلەرنى يېپىشتۇرۇۋېلىپ، ئاغزىغا سېلىپ، يالماپ يۇتۇۋېتىدۇ. تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدا بىر خىل گۆشخور لالما چۈمۈلە بار بولۇپ، دائىم توپلىشىپ ئورماننى كېسىپ ئۆتىدۇ. ئۇلار بارغانلىكى يەردىكى ھايۋانلار چۈمۈلە توپىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ يەم بولۇپ، بىردەمدىلا سۆڭىكىدىن باشقا ھېچنېمىسى قالمايدۇ، ھالبۇكى، مەخسۇس چۈمۈلە يەيدىغان چۈمۈلىخور ئۇلارنى يوقىتالايدۇ. چۈمۈلىخورنىڭ ئالدى پۇتى توم، كۈچلۈك، ئۇزۇن تىرناقلىرى ئەگرى بولۇپ، ئورغاققا ئوخشايدۇ. بۇ تىرناقلار ئۆزىنى قوغداش ۋە چۈمۈلە ئۇۋىسىنى قېزىش قورالىدۇر. ئالدى تىرناقلىرى ئۇزۇن ھەم ئەگرى بولغانلىقتىن، ماڭغاندا ئالدى پۇت ئالىقىنى يەرگە تەگمەي بارمىقىنىڭ دۈمبىسى يەرگە تېگىدۇ، قەدەم ئېلىشى غەلىتە بولۇپ ئاقساپ ماڭىدۇ. ئۇنىڭ يەنە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن1 مېتىر كېلىدىغان پاخپىيىپ تۇرىدىغان كۆپ تۈكلۈك قۇيرۇقى بولۇپ، يامغۇرلۇق كۈنلەردە ۋە ھاۋا ئىسسىق كۈنلەردە كۈنلۈك قىلىپ ئىشلىتىدۇ، كېچىسى يەرگە سېلىپ مامۇق كۆرپە ئورنىدا پايدىلىنىدۇ. چوڭ چۈمۈلىخور ھەر يىلى باھاردا كۆپىيىدۇ، بىر قېتىمدا بىرنى تۇغىدۇ. ئېمىتىش مەزگىلىدە، ئانا چۈمۈلىخور بالىسىنى كۆڭۈل قويۇپ باقىدۇ، بالىسىنى تاكى يەنە بىر قېتىم بوغاز بولغۇچە دائىم ھاپاش قىلىۋېلىپ بىردەممۇ ئايرىلمايدۇ. ئەگەر چوڭ چۈمۈلىخور خەۋپكە دۇچ كەلسە تېزلا قېچىپ كېتىدۇ، بۇ ھەرىكىتى ئىنتايىن سەت كۆرۈنىدۇ. ئەگەر زادىلا قېچىپ قۇتۇلالمىسا، قۇيرۇقىنى سېلىنچا قىلىپ يەردە ئولتۇرۇۋېلىپ، تېنىنىڭ ئۈستى قىسمىنى ئۆرە قىلىپ، ئالدى پۇتىدىكى كۈچلۈك ئىلمەك تىرناقلىرى بىلەن قايتۇرما ھۇجۇم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاغزىدا غەيرىي ئىسقىرتىپ دۈشمىنىگە تەھدىت سالىدۇ. چوڭ چۈمۈلىخور ئاساسەن تروپىك بەلۋاغ يايلاقلىرىدا ۋە شالاڭ دەرەخلىك ئورمانلىقلاردا ياشايدۇ، بولۇپمۇ سۇ بويىدىكى ئورنى ئويمان جايلاردا ۋە ئورماننىڭ سازلىق جايلىرىدا ماكان تۇتۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ كۆپىنچە يەككە - يېگانە ياشايدۇ، كۈندۈزى يېتىپ كېچىسى چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. چۈمۈلىخور مۇلايىم كېلىدۇ، ئادەم ۋە چارۋىلارغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى