UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىترىداكنا مولليۇسكى

ترىداكنا مولليۇسكى

ھايۋاناتلار دۇنياسى ترىداكنا مولليۇسكى چوڭ تىپتىكى قوش قاسىراقلىق (چىغىناقلىق) بىر خىل يۇمشاق تەنلىك ھايۋان، ئەڭ چوڭىنىڭ قېپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى2 مېتىر، ئېغىرلىقى300 كىلوگرام چىقىدۇ، قېپىدىن بالىلارنى يۇيۇندۇرىدىغان داس ئورنىدا پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ترىداكنا مولليۇسكى ھىندونېزىيە، فىلىپپىن، ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر دۇنيادا ئاران ئالتە تۈرى بار بولۇپ، ھەممىسى تروپىك بەلۋاغدىكى تېيىز دېڭىزلارنىڭ مارجان خادا تاشلىق مۇھىتىدا ياشايدىكەن. دۆلىتىمىزنىڭ تەيۋەن، خەينەنداۋ، شىشا تاقىم ئاراللىرى ۋە نەنخەي دېڭىزىدىكى باشقا ئاراللارغىمۇ تارقالغان. ترىداكنا مولليۇسكىنىڭ قېپى چوڭ ھەم قېلىن، ھايات ۋاقتىدا قېپىنىڭ ئۇچى تۆۋەنگە، قورساق تەرىپى يۇقىرىغا قاراپ تۇرىدۇ، قورساق گىرۋىكى نېلۇپەر يوپۇرمىقىنىڭ گىرۋىكىگە ئوخشاش ئەگرى - بۈگرى بولىدۇ. قېپىنىڭ چوققىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە چوڭ بىر تۆشۈكى بولىدۇ. تۆشۈكىدىن قاتتىق پۇتىنى چىقىرىپ، مارجان خادا تاشلىرىغا تېنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ يېتىلگەن تېنى ئورنىنى يۆتكىيەلمەيدۇ، كۆپىنچە مارجاننىڭ ئۆسۈپ كېتىشى بىلەن مارجانلارغا يېرىم كۆمۈلۈپ قالىدۇ. ترىداكنا مولليۇسكىنىڭ مارجان خادا تاشلىرىدىن تۆشۈك ئېچىپ، ئۆڭكۈردە ياشايدىغانلىرىمۇ بار، ئۇلار قاتتىق پۇتىنى تىرەك قىلىپ، قېپىنى مارجانغا سۈركەپ تۆشۈك ئېچىپ، ئىچىگە كىرىۋالىدۇ، پەقەت قورساق قىسمىنىڭ بىر قىسمىنىلا مارجاننىڭ سىرتقى يۈزىگە چىقىرىپ قويىدۇ. ئەمما، ئۇنى ئالماقچى بولغاندا ئەتراپىدىكى مارجانلارنى پالتا ياكى ئۈشكە بىلەن چوقۇپ ئېلىۋەتمىسە بولمايدۇ. ترىداكنا مولليۇسكىنىڭ سىرتقى قاپ پەردىسىنىڭ رەڭگى ئوچۇق بولىدۇ، توز كۆكى، شاپتۇل چېچىكى، ياپيېشىل، بوز قىزىل قاتارلىق رەڭلىرى بار، يەنە ھەر خىل - ھەر رەڭدىكى گۈللىرىمۇ بار. ئۇ رەڭگارەڭ، خىلمۇخىل مارجانلار بىلەن بىرلىكتە، دېڭىز ئاستىدا بىر - بىرىگە ھۆسىن بېرىپ، گۈزەل، رەڭگارەڭ مەنزىرىنى بەرپا قىلىدۇ. ترىداكنا مولليۇسكى باشقا قوش قاسىراقلىقلارغا ئوخشاش تېنىدىن ئېقىپ ئۆتكەن دېڭىز سۈيىدىكى ئوزۇقلۇقلارنى سۈزۈۋېلىپ ئوزۇقلىنىدۇ. ئۇلاردا بۇ خىل ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلىدىن باشقا يەنە ئۆزىنىڭ توقۇلمىسىغا يېمەكلىك تېرىپ ئۆستۈرۈش ماھارىتى بار. ئۇلار زۇكسانتېللا (قۇرت سېرىق يۈسۈنى) دەپ ئاتىلىدىغان بىر ھۈجەيرىلىك بىر خىل يۈسۈن بىلەن ئورتاقلىشىپ ياشايدۇ ھەمدە بۇ خىل يۈسۈننى قوشۇمچە يېمەكلىك قىلىدۇ. ترىداكنا مولليۇسكى قوش قاسىراقلىقلارنىڭ شاھى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قاسىراقلىقلار ئارىسىدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپىنى. مۆلچەرلىنىشىچە، ئۇزۇنلۇقى50 سانتىمېتىر كېلىدىغان ئىندىۋىد بولۇپ يېتىلىپ چىقىشى ئۈچۈن12 يىل ۋاقىت كېتىدىكەن، ھەر يىلى تەخمىنەن5 سانتىمېتىر چوڭىيىدىكەن. ياش ۋاقتىدا تېز چوڭىيىپ، كېيىن تەدرىجىي ئاستىلاپ كېتىدىكەن، ئۆمرى80 ~100 يىلغا بارىدىكەن، ھەتتا بىرقانچە100 يىل ياشايدىكەن. ترىداكنا مولليۇسكىنىڭ قاپچۇق ياپقۇچى مۇسكۇلىنى يالپاقلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتقاندىن كېيىن «كېجىن» دەپ ئاتىلىدىغان قىممەتلىك دېڭىز مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ. قېپىدىن ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساشقا بولىدۇ. ئۇ، مەرۋايىتمۇ ھاسىل قىلالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى