قان شورىغۇچى قۇرت
ھايۋاناتلار دۇنياسى
بۇرۇن جۇڭگونىڭ جەنۇبى تەرىپىدىكى13 ئۆلكىدە كىچىككىنە قان شورىغۇچى قۇرت ئەمگەكچى خەلقلەرگە مىسلىسىز ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ، سانسىزلىغان جانغا زامىن بولغانىدى، شۇڭا كىشىلەر تەرىپىدىن «ۋابا ئىلاھى» دەپ ئاتالغانىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى خەلق ھۆكۈمىتى مەخسۇس قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش كومىتېتىنى قۇرۇپ، تۈمەن مىڭلىغان ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچنى سەپەرۋەر قىلىپ قان شورىغۇچى قۇرتقا قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.1958 - يىلى رەئىس ماۋ زېدۇڭ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ يۈيجياڭ ناھىيىسىدە بىرىنچى بولۇپ قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلىنى يوقاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ، كېچىسى ئۇيقۇسى كەلمەي، شەپەقنى كۈتۈپ، جەنۇب تەرەپكە قاراپ «ۋابا ئىلاھىنى ئۇزىتىش» دېگەن شېئىرىنى يازغان. شېئىردا ئۆتمۈشكە ھەسرەتلىنىپ: «بولدى كۈرمىڭ يېزا كەتتى ئەل مادارىدىن»، «قانچە يۇرت خارابىسىدا قىلدى جىن نەغمە - ناۋا» دەپ يازغان. بۈگۈنكىسىنى مەدھىيلەپ: «تولدى جۇڭگو ئالتە يى ياۋ - شۈن كەبى پالۋان بىلەن»، «نەگە بارغايسەن ۋابا جاناب ئەمدى قېچىپ، قىل سەپەر قەغەز قېيىقتا ئۆرتىنىپ گۈلخان بىلەن» دەپ يازغان.
قان شورىغۇچى قۇرت ئادەم ياكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ تېنىدە پارازىت ياشايدىغان بىر خىل پارازىت قۇرتى. دۆلىتىمىزدە بۇرۇن تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى20 مىللىمېتىر كېلىدىغان ياپونىيە قان شورىغۇچى قۇرتى كەڭ تارقالغان. ئۇنىڭ يېتىلگەن قۇرتىنىڭ ئانىلىق - ئاتىلىقى ئايرىم تەندە بولىدۇ، دائىم ئۆزئارا قۇچاقلىشىۋالىدۇ، ئادەمنىڭ ئۈچەي بېغىشىدىكى ۋېنا قان تومۇرلىرى ئىچىدە چېتىشىپ تۇخۇم تۇغىدۇ، ئىچىدە تۈكلۈك لىچىنكىسى بولغان تۇخۇم قان ئايلىنىش ئارقىلىق جىگەرگە كىرىدۇ ياكى قان ئېقىمىغا قارشى يۆنىلىشتە مېڭىپ ئۈچەي دىۋارىغا كىرىدۇ. بۇ جەرياندا تۈكلۈك لىچىنكا تەدرىجىي يېتىلىپ ئۈچەي بوشلۇقىغا كىرىدۇ ھەمدە چوڭ تەرەت بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ. بەدەن سىرتىغا چىقىرىلغان قۇرت تۇخۇمى سۇ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، تۈكلۈك لىچىنكا تۇخۇمدىن چىقىدۇ؛ ئەگەر بۇرغىسىمان قۇلۇلىگە يولۇقسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، جىنسسىز كۆپىيىپ، نۇرغۇنلىغان سپوروتسىست ھاسىل قىلىدۇ. سپوروتسىست يېتىلگەندىن كېيىن قۇيرۇقلۇق لىچىنكىغا ئايلىنىدۇ. بىر تال تۈكلۈك لىچىنكا قۇلۇلە تېنىگە كىرگەندىن كېيىن كۆپىيىپ بىرقانچە10 مىڭ ھەتتا نەچچە100 مىڭ تال قۇيرۇقلۇق لىچىنكا ھاسىل قىلىدۇ. قۇيرۇقلۇق لىچىنكا قۇلۇلە تېنىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، سۇدا لەيلەپ يۈرىدۇ، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ تېرىسى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇلارنىڭ تېنىگە تېشىپ كىرىپ، ئاندىن ئۈچەي بېغىشىدىكى ۋېنا قان تومۇرلىرىغا كىرىپ، يېڭى بىر قېتىملىق ھايات تارىخى ئايلىنىشىنى باشلايدۇ.
ئادەم قان شورىغۇچى قۇرتنى يۇقتۇرۇۋالغاندىن كېيىن قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. يۇقۇملانغان قۇرامىغا يەتكەن ئادەم ئەمگەك كۈچىدىن مەھرۇم قالىدۇ؛ بالىلار نورمال يېتىلەلمەي پەتەك بولۇپ قالىدۇ؛ ئاياللار تۇغماس بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.
بۇرغىسىمان قۇلۇلە قان شورىغۇچى قۇرتنىڭ بىردىنبىر ئارىلىق پارازىت ئىگىسى، بۇرغىسىمان قۇلۇلىنى يوقىتىش قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلىنى يوقىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەرەت ۋە سۇ مەنبەسىنى ياخشى باشقۇرۇپ، قۇرت تۇخۇملىرى بار تەرەتنىڭ بۇرغىسىمان قۇلۇلە بار سۇغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش تەدبىرلىرىنى قوللانغاندىلا، قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلىنى ئۈزۈل - كېسىل يوقاتقىلى بولىدۇ.